«ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» دە گېرمانىيە ۋە فرانسىيەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 2021-يىلى 9-دېكابىر كۈنى لوندۇندا ئاچقان 2-قېتىملىق سوتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باشتۇرۇشلىرى ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېگەن قارارنى چىقارغان ئىدى. بۇ قارارغا بىنائەن د ئۇ ق يېقىندا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، 9-دېكابىر كۈنىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا بۇ كۈنى نامايىش ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن دۇنيانىڭ بىرقىسىم ئەللىرىدە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان. گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىش بۈگۈن چۈشتى كېيىن سائەت 14:00 ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا باشلاندى. نامايىشچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ، جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»، «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!»، «يوقالسۇن شى جىنپىڭ!»، «يوقالسۇن خىتاي كوممۇنىستلىرى!»، «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن!» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىنى لەرزىگە سالدى.

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» دە خىتايغا قارشى نامايىش. 2022-يىلى 9-دېكابىر، پارىژ.
«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» دە خىتايغا قارشى نامايىش. 2022-يىلى 9-دېكابىر، پارىژ. (RFA/Ekrem)

نامايىش ئىچتىراكچىلىرىدىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۈگۈنكى بۇ نامايىشنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى خاتىرىلەش يۈزسىدىن ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق نامايىش بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ نامايىش ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۈگۈن يەنە فرانسىيە پايتەختى پارىزھدىمۇ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىش ئىشتىراكچىلىرىدىن فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەكبەر ئەپەندى نەق مەيداندا تۇرۇپ بىزنى بۇ خۇسۇستىكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى. فرانسىيەدىكى نامايىشقا قاتناشقان يەنە بىر ياشمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلدى.