خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى تۇنجى قېتىم 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپىيو «ئىرقىي قىرغىچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كانادا، گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە لېتۋاغا ئوخشاش بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ مەسىلە مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە يەنىلا تالاش-تارتىش ئىچىدىكى مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىدى. «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئىلگىرى-كېيىن 3 قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئاخىرى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى «ئىرقىي قىرغىچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېگەن ھۆكۈمنى چىقاردى. بۇ ھۆكۈم غەرب ئەللىرىنىڭ كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مۇھىم تېما سۈپىتىدە تالاش-تارتىش قوزغىماقتا.
مەزكۇر ھۆكۈم تۇنجى بولۇپ كۈچلۈك جېنىغا تەگكەن دۆلەت ئەلۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى بولغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 10-دېكابىر ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى ئەلچىخانىسى: ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى-سېپى ئۆزىدىن ساختا سوتتۇر» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، 10-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى ئەلچىخانىسى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئاخىرىقى ھۆكۈمىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر سوتنى ۋە ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان د ئۇ ق نى قاتتىق ئەيىبلىگەن. بۇ ئەلچىخانىنىڭ قوللانغان ئىبارىلىرى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ 9-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئاخىرىقى ھۆكۈمى چىققاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىغا تامامەن ئوخشاش بولغان.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى 9-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچى تەشكىلات دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ كونتىروللۇقى ۋە مەبلىغى ئاستىدا، جۇڭگوغا قارشى بىر ئۇچۇم ئۇنسۇرلارنى توپلاپ، ئاتالمىش ‹ئۇيغۇر ئالاھىدە سوت كوللېگىيەسى› نى قۇرۇپ چىقىپ، پۇل خەجلەپ ئالدامچىلارنى سېتىۋېلىپ، يالغاننى سېتىۋېلىپ، يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، جۇڭگونى قارىلاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ سىياسىي قورالى قىلىۋالدى. بۇ ئاتالمىش سوتنىڭ ئەسلا ھېچقانداق بىر قانۇنىي سالاھىيىتى، شۇنداقلا ئاممىنى ئىشەندۈرەلىگۈدەك يېرى يوق، ئىلگىرىكى جۇڭگوغا قارشى ھەرىكەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ نىيەتلىرىنىڭ نەقەدەر قەبىھلىكى پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىبارىدىن ئايرىلغان. بۇنداق بىر يالغاننى ياسايدىغان ماشىنىنىڭ ئاتالمىش ‹ئەڭ ئاخىرىقى ھۆكۈمى› پەقەتلا بىر ئۇچۇم ئارتىسلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى سىياسىي دىراممىدۇر».
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى باياناتىدا يەنە شۇلارنى تىلغا ئالغان: «يالغان قانچە قېتىم تەكرارلانمىسۇن، ئۇ بەرىبىر يالغاندۇر. گەرچە بۇ دىرامىنىڭ رېژىسسورى ۋە ئارتىستلىرى يامان نىيەتتە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئويۇن ئوينىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تاماشىبىنلىرى ئاز، كۆرگۈچىلىرى يوق دېيەرلىك بولدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جۇڭگونىڭ كۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ نۇرلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتە. يالغانچىلىق ھەقىقەتنى يوشۇرالمايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىيالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنىڭ تارىخىي جەريانلىرىنى توسىيالمايدۇ. بۇ بىر مەيدان دىراما ھامان دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ، تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلىدۇ».
ئەمما ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرى ۋە ئانالىزچىلار «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئىرقىي قىرغىچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھۆكۈمىنىڭ خىتاي ئېيىتقاندەك «دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ، تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلىدىغان» بىر ھۆكۈم ئەمەسلىكىنى، بۇ ھۆكۈمنىڭ 1948-يىلى ب د ت ماقۇللىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» غا قول قويغان دۆلەتلەرنى ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان، خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغان كۈچلۈك بىر قورال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن د ئۇ ق تور تېلېۋىزىيەسىدە قىلغان سۆزىدە بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.
پېشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى بىر ھەقىقەت بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قانۇنىي ئاساسلارغا تايانغان ھالدا مۇستەقىل سوت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغانلىقىنىڭ زور بىر تارىخىي ھادىسە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئىرقىي قىرغىچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھۆكۈمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەرنى تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇش ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈش جەھەتلەردە بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇ ھۆكۈمنىڭ يەنە «خەلقئارا ئادالەت سوتى» دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە يېڭىدىن دەۋا ئېچىشنىڭ يولىنى ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ رەئىسى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بولسا «ئىرقىي قىرغىچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھۆكۈمىنىڭ خىتاينى بۇ قەدەر بىئارام قىلىشىدىكى بەزى سەۋەبلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.