«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسى نۆۋەتتە غەرب دۇنياسىدا جىددىي دىققەتنى تارتىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ھامان سۈكۈت قىلىپ كېلىشى، ھەتتا «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئوخشاش مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشى ھەم ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ يېنىدا تۇرۇشى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، پۈتۈن غەرب دۇنياسىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى مۇسۇلمانلار دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار جامائىتىنى قوزغاشنى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر چارىسى سۈپىتىدە تاللىغان.

9-دېكابىر «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان كۈنى كەچتە، مەركىزى لوندوندىكى «ئىسلام يولى» تېلېۋىزىيە قانىلى بىر ئوچۇق سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيۇشتۇرغان. ئىسلام دۇنياسىغا 24 سائەت خەۋەر تارقىتىدىغان بۇ قانال بىرقانچە مۇتەخەسسىس بىلەن قوشۇپ مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىنىمۇ سۆھبەتكە تەكلىپ قىلغان. سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئېلان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھۆكۈمى بىلەن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى بولغان.
ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئىسلام يولى» تېلېۋىزىيە قانىلى سۆھبەتنى باشلاشتىن خېلى بۇرۇنلا لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغىمۇ خەت ئەۋەتىپ، 5 دۆلەتنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى، بۇ ئىككى تېمىدا ئوچۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ئەلچىسىنىڭمۇ كېلىپ نەقمەيدان سۆھبىتىگە قاتنىشىشىنى تەكلىپ قىلغان. بىراق خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ۋەكىل كەلمىگەن. لېكىن ئەلچىخانا بۇ ئىككى تېمىغا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ ئىپادىلىرىنى يازما شەكىلدە بايان قىلىپ خەت ئەۋەتكەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىدىن كەلگەن خەتتە «ئاتالمىش ‹ئۇيغۇر ئالاھىدە سوت كوللېگىيەسى› بۆلگۈنچى، تېررورىست تەشكىلات بولغان د ئۇ ق تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغان يالغان سوت، دۆلىتىمىز ئۇنىڭ ھۆكۈمىگە پەرۋا قىلمايدۇ» دېگەندەك مەزمۇنلارنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە «ئامېرىكا ۋە غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر ئولىمپىك مۇسابىسىنى قەستەن سىياسىيلاشتۇرۇپ، يامان غەرەز ئۈچۈن پايدىلانماقتا» دەپ يازغان.
«ئىسلام يولى» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىدىن كۆز قاراشلىرىنى سورىغان. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى جاۋابىدا، ئولىمپىك مۇسابىقسىنى قەستەن سىياسىىيلاشتۇرىۋاتقان كۈچنىڭ ئەسلىدە مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر سوتى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغىمۇ جاۋاب بېرىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھەقىقەتەنمۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.
10-دېكابىر ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىدىكى «برىتانىيە مۇسۇلمانلار مىراسلىرى مەركىزى» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «زامانىۋى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان. يىغىنغا 200 گە يېقىن ھەرساھە كىشىلەر كېلىپ قاتناشقان. يىغىندا خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئاساسلىق تېما بولغان. پارلامېنت ئەزاسى ئافزالخان يىغىندا سۆز ئالغاندا، خىتاينىڭ ئىسلامغا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ كونكرېت پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. يىغىن خاتىمىسىدە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ئىتتىپاق قۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى نامايان قىلىش يۈزىسىدىن بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغانىدى. ئۇلار 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيەدىكى بارلىق مەسچىتلەردە بىرلا كۈندە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇتبە ئوقۇپ زور تەسىر قوزغىغان. 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بۇ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى يەنە لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە مانچېستېردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا قانچە مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئەنگلىيەنى لەرزىگە سالغانىدى. ئۇلار ھازىرمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ رەڭگىدە ئىشلەنگەن «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇرۇش» دېگەن خەت بېسىلغان مايكىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن.
لوندوندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ قېتىم لوندونغا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەنگلىيەدىكى پائالىيەتلىرى 12-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن. بۇ جەرياندا ئۇ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت، ئەنگىيەدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى بىلەن 2022-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى پۈتۈن ئەنگلىيەدە بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىشنىڭ پىلان-پروگراممىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.