خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئامېرىكا باشلىق كانادا، بېلگىيە، گوللاندىيە، لىتۋا قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلىشى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق خۇرسەن قىلغانلىقى مەلۇم.
بۇنىڭدىن تاشقىرى لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ھۆكۈم چىقىرىشى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر، ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە سىياسەتشۇناسلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. شۇ جۈملىدىن بۇ قارار قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قانۇنشۇناسلىرى، پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى. شۇلارنىڭ بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئالىي مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەپسىلاتنى قازاقىستاندىكى مۇخبىرىمىز ئۇيغاندىن ئاڭلاڭ.