ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزەمدۇ؟ (2)

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.12.29
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزەمدۇ؟ (2) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تاراتقۇلارغا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 24-نويابىر، ۋاشىنگتون.
REUTERS

«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مايك پومپېيو خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزمەكچى» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئومۇمىي ئېنىقلىمىسى بىلەن قانۇنىي ئېنىقلىمىسى ئوخشىمايدىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە يولۇققان قىيىنچىلىقى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق نىيىتىنى قانداق ئىسپاتلاش ۋە يېتەرلىك پاكىتلار بىلەن قانداق كۆرسىتىش مەسىلىسى ئىكەن. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يۈرگۈزگۈچىلەر ھېچقاچان «مەن بۇ مىللەتنى تامامەن ياكى قىسمەن يوقىتىمەن» دەيدىغان غەرىزىنى ئاشكارىلىمايدىكەن.

ئادۋوكات ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ نىيەت ۋە قىلمىشتىن تەشكىل تاپىدىغان جىنايەت ئىكەنلىكىنى، كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇقۇمى بىلەن قانۇندا تەبىر بېرىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇقۇمى ئوتتۇرىسىدا پەرق بارلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە ۋە تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا «نوپۇس قىرغىنچىلىقى»، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دېگەندەك ھەر تۈرلۈك ئاتالغۇلار مەۋجۇت بولسىمۇ، خەلقئارا قانۇندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ ئۇقۇم دائىرىسى ئېنىق بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىشتا نىيەت ۋە قىلمىشقا قارىلىدىكەن، «مەدەنىيەت» ياكى «نوپۇس» دېگەندەك سۈپەت ئېنىقلىمىلىرى قوشۇلمايدىكەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چۈشىدىغان قىلمىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنى چەكلەش ۋە بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش قىلمىشىنىڭ ئۆزىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە نەق چۈشىدىغان پاكىتلار» دېدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا مەخپىي يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى بىلەن ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرىنىڭ ئوخشاش نۇقتىلىرىنى تەھلىل قىلىپ، تەپسىلاتى تېخى ئاشكارا بولمىغان بۇ خىل قەبىھ زىيانكەشلىكلەرنىڭمۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چۈشىدىغان قەبىھ نىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئېيتقان ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرۈلگەن «ئۇيغۇرلارنى نورماللاشتۇرۇش»، «ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدىكى ۋىرۇسنى تازىلاش»، «ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇش» دېگەندەك ئىپادىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ جىنايەت نىيىتىگە قانۇن جەھەتتىن دەلىل بولالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

يۇقىرىقى ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكادىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرىقى قارارنى قاچان چىقىرىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئەگەر ترامپ ھۆكۈمىتى ئاخىرقى بىر نەچچە ھەپتىدە خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت دەپ قارار چىقارسا، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى قايتىدىن جىددىيلىشىپ كېتىدىكەن. چۈنكى كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قۇرىدىغان جو بايدىننىڭ سايلام ئۆمىكى بۇ يىل 8-ئايدا خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان بولۇپ، مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا يارىشا ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەكلىكى ئۈمىد قىلىنىدىكەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش مەسىلىسىنىڭ تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى، ئاساسلىق مەسىلىنىڭ بۇ جىنايەتكە نام بەرگەندىن كېيىن قانداق قىلىش، قانداق ھەرىكەت قوللىنىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، دەل شۇ سەۋەبتىن بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكادا مۇشۇ ۋاققىچە سۈرۈلۈپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن ئۇ خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان ياكى سەل قارىلىدىغان جىنايەت ئەمەسلىكىنى، چۈنكى خىتاينىڭ بۇ جىنايەتنى توختىتىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، پۈتۈن دۇنيانىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكانىڭمۇ بۇنى ئېنىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ ئېغىر جىنايەت بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدا بۇنداق جىنايەتنى رەسمىي بېكىتىش ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن. كىلىنتون ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە بوسىنىيە ۋە رىۋاندادا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، كىچىك بۇش ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ دارفوردىكى خەلققە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى، ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە دائىشنىڭ يەزىدىلەر، خىرىستىيانلار ۋە شىئەلەرگە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى شۇ مەزگىلدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلانغان بولۇپ، ئەگەر بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتىن كېيىن خىتاينىڭ جىنايىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىلىپ قالسا، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭمۇ ئۇنى رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىشى مۇمكىن ئىكەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتاينىڭ جىنايىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن قانداق بولىدۇ، ئەھمىيىتى نېمە بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە باھا بەرگەندە ۋە تەدبىر قوللانغاندا ئۇنىڭ سمۋوللۇق ئەھمىيىتى ۋە نېگىزلىك ئەھمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. نېگىزلىك ئەھمىيىتى شۇكى، خىتاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ مۇمكىن بولمىغىنىدا، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە بەزى دۆلەتلەرنىڭ قىلمىشىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ سمۋوللۇق ئەھمىيىتىمۇ چوڭ بولىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.