گۇما ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار خىتاينىڭ ئېشەكچىلىك كەسىپ زەنجىرىگە باغلانغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.01.08
گۇما ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار خىتاينىڭ ئېشەكچىلىك كەسىپ زەنجىرىگە باغلانغان گۇمادىكى ئېشەك بېقىش مەركىزىنىڭ دەيۋازىسى.
Social Media

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىگە قۇرغان خېجيا يېڭى كەنتىگە 2018-يىلى 3 مىڭغا يېقىن ئائىلە، ئەتراپتىكى يېزا كەنتلەردىن كۆچۈرۈلگەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش باھانىسىدە كۆچۈرۈلگەن بۇ ئۇيغۇرلار، مەزكۇر كەنت ئىچىگە قۇرۇلغان ئېشەكنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بېقىش مەركىزىدە، ئېشەك بېقىش ۋە سېغىشقا ئوخشاش ئېشەك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىدا ئىشلىتىلمەكتىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، مەجبۇرىي ئەمگەك، خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمدە تەلتۆكۈس كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەندىزىسى دەپ تەنقىد قىلدى. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بۇ ھەقتە تەييارلىغان تەپسىلىي مەلۇمات دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق خىتاي مەنبەلىرىدە 2020-يىلى 27-ئۆكتەبىر تارقاتقان بىر تەشۋىقات فىلىمىدىن، خوتەن گۇما ناھىيەسىگە قۇرۇلغان خېجيا يېڭى كەنتىگە 2018-يىلىدىن بۇيان، موكويلا قاتارلىق يېزىلاردىن 3 مىڭ نامرات ئاھالە كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلىكى شۇنداقلا بۇ كەنتنىڭ غەربىي شىمالىغا ئېشەكلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بېقىش مەركىزى قۇرۇلۇپ، 42 مىڭ تۇياق ئېشەك بېقىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

تەشۋىقات فىلىمىدا زىيارەت قىلىنغان مەزكۇر ئېشەك باقمىچىلىق مەركىزىنىڭ باشلىقى خې لىنتۇڭنىڭ بايانلىرىدىن يەنە، دائىرىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا ھاۋالىلىق بېقىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ 5000 دېھقاننى بۇ جايدا ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. دائىرىلەر بۇ جايغا جەمئىي 34 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان.

بۇ مەركەز باقمىچىلىق، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق بازىسى بولۇپ، يېڭىدىن جەمئىي 40 قا يېقىن قوتان، نەسىللەندۈرۈش پونكىتى، سۈت سېغىش زالى قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىمۇ تولۇق قۇرۇلغانىكەن.

مەزكۇر فىلىمدا، باقمىچىلىق مەركىزىدە ئېشەكلەرگە يەم-خەشەك بېرىۋاتقان ئەرلەر، سۈت سېغىۋاتقان ئايال ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋە مەسئۇللارنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكى ئېنىق گەۋدىلىنىدۇ.

گۇما ناھىيەسى ئېشەك باقمىچىلىقى بىلەن ئېشەك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنىمۇ شۇ جاينىڭ ئۆزىدە زەنجىرسىمان بىر گەۋدىلەشتۈرگەن بولۇپ، گۇما ناھىيەسى سانائەت باغچە رايونىدىكى بىر ئېشەك سۈتى پاراشوكى پىششىقلاش زاۋۇتى ئايدا 1200 توننا يېڭى ئېشەك سۈتى، 25 توننا توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان ئېشەك سۈتى پاراشوكى، 100 توننا ئېشەك سۈتى قېتىقىنى بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ھۆججەتلىك فىلىمدا بۇ شىركەتتىمۇ يەرلىك ئۇيغۇر نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئېشەك سۈتىدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ رايوننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بازارلاردا سېتىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرغان.

خېجيا يېڭى كەنتى ھەققىدە خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدىكى تەشۋىقات فىلىمىدا، مەزكۇر كەنت پارتىيە شۆبىسىنىڭ سېكرېتارى ياڭ جىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە مەزكۇر كەنت 2018-يىلى 1-ئايدا گۇما ناھىيەسىدە سېلىنغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە مەركەزلىك كۆچۈرۈش ئورنى بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرغان نامرات ئائىلىدىن جەمئىي 2833 ئادەم كۆچۈرۈلگەن. 2019-يىلى ئۆكتەبىردە بۇ جايدا ئېشەك باقمىچىلىق، كۆپەيتىش، سويۇش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ بولغانىكەن.

خېجيا يېڭى كەنتىدە يەنە جېجياڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە گۇما ناھىيەسى فەنجۈەن يېشىل يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىمۇ بار بولۇپ 1336 ئۇيغۇر ئىشلەيدىكەن.

ئىككى ئايدىن بۇيان بىز بۇ كەنتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كەلگەن بولساقمۇ. تېلېفونىمىز ئۇلانماي كەلگەنىدى. 2021- يىلى 7-يانۋار بۇ كەنتنىڭ كوپىراتىپ ئىشخانىسىنىڭ تېلېفونىغا بىر خادىم جاۋاب بەردى. ئەمما 20 گەپ سېكۇنتقا بارمايلا ئۈزۈلۈپ قالدى. تەكرار، تەكرار ئۇلىنىش ۋە ئۈزۈلۈش جەريانىدا ئۇنىڭ جىددىي رەۋىشتە قىلغان قىسقا جاۋابى مەزكۇر رايونغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونغا جاۋاب بېرىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقى، ئىنتايىن قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان بىر جاي ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە يېتەرلىك بولدى.

خىتاينىڭ نوپۇس ئۇچۇرىدا گۇما ناھىيەسىنىڭ 2018-يىلىدىكى نوپۇسىنىڭ 316 مىڭ 546 ئىكەنلىكى. ئۇيغۇرلارنىڭ ناھىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 98.4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. 2013-يىللىرى گۇما موكۇيلا يېزىسىدىن، تۈركىيەگە كېلىپ لەشكەن مۇھەممەت دارۇك داموللامنىڭ ئېيتىشىچە، گۇمىنىڭ موكۇيلا كەنتىنىڭ بولسا 100% ئۇيغۇر ئىكەن. ئۇ يەنە كەسكىن ھالدا «چىڭ مۇسۇلمان بولغان بۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرى ئېشەكنى قاتناش ۋە دېھقانچىلىق قورالى سۈپىتىدە كەڭ ئىشلەتسىمۇ ئەمما ئېشەكنى ھارام بىلىپ، ھېچقاچان ئۇنىڭ گۈشى ياكى سۈتىنى ئىستېمال قىلمايدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرمۇ ئېشەكنى ئىستېمال قىلمايدۇ پەقەت ئۇنىڭ سۈتىنى تېبابەتتە ئاز مىقداردا قوللىنىدىغانلىقى مەلۇم. لېكىن خىتايلارنىڭ-2000 يىللاردىن باشلاپلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يوپۇرغا قاتارلىق جايلىرىدىمۇ ئېشەك مەھسۇلاتلىرى بازىلىرىنى قۇرۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئېشەك گۆشى، ئېشەك يېلىمى ۋە ئېشەك سۈتىگە ئوخشاش ئېشەك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي ئېشەك باقمىچىلىق مەركىزى قۇرغان بۇ يېڭى كەنتكە كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ موكۇيلانىڭ كەنت مەھەللىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم بولغاچقا موكۇيلادا كۆچۈرۈلمىگەن ئاممىدىن ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ كەنتتىن خېجيا يېشىل كەنتىگە كۆچۈرۈلگەنلەر بارمۇ؟

جاۋاب: شۇنى دەڭە، كېلىڭلار كېلىڭلار دەپ ئالدىنقى يىلى تىزىملىغان. نۇرغۇن ئادەمنى تىزىملاپ يېزىدىن ناھىيەدىن ۋىلايەتتىن خىزمەتكە چۈشكەنلەر كەپتىكەن. ھەممە نەرسىلەرنى قىلىپ بېرىمىز دىباۋغا(تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى) ئورۇنلاشتۇرىمىز دەپ. كۆچمىگەن ئون بەشتەك ئائىلىلىكتەك قاپتىكەن. ھازىر ئادەممۇ يوق، بازامۇ يوق ئاشۇنداق

مۇخبىر: سىزنىڭ تونۇش ياكى تۇغقانلىرىڭىز ئىچىدە كۆچكەنلەر بارمۇ؟

جاۋاب: نەۋرە ئاكامنىڭ ئۆزى ۋە 3 ئوغلىنى، ئايالىنى ھەممىسىنى ئوقۇشقا ئەكېتىپ بىر ئائىلىلىكنىڭ ھەممە نېمىسىنى، قوي-كالا ماللىرىنى ھەممسىنى ئېلىپ كەتكەن. ئۆيىنىمۇ سېتىۋەتكەن. كۆچۈپ ئاپىرىپ ھازىر كوپىراتىپ قۇرۇپ شۇ يەردە باققۇزىۋېتىپتۇ. سەل ياشقا چوش ئاياللارنى ساققىلى قويۇپ(ئېشەك سۈتى ) ئاشۇنداق. ساقچى ئادەم باققاندەك باققىلى قويۇپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. كەلگىلىمۇ قويمايدۇ. ئىش ھەققى شۇنداق تۆۋەن بىر كۈندە 35 كوي 40 كويمۇ ئاشۇنداق بېرىدىكەن.

مۇخبىر: ئېشەكلا باقامدىكە؟

جاۋاب: كالا، قوي، چوشقىنىمۇ بىللە ئۆيلىرىگە سولاپ، چوشقا باقىسەن دەپ قارا دەرۋازىنىڭ ئىچىدە شۇنداق ئىشلىتىدىكەن شۇ.

مۇخبر: دېھقانلارنىڭ ئېشىكى ئۆزلىرىگە كېرەك بولمامدۇ؟

جاۋاب: شەخسلەرنىڭ يەرلىرىنىمۇ 10، 20 يىللىق دەپ كۈتۈرەگە توختام تۈزگەن، ھازىر ئۇ يەرلىرىنىمۇ بىرلەشمە كوپىراتىپ دەپ قۇرۇپ ئېلىۋالدى. كىرىم كىرمەيدۇ. بانكىدىن قەرز ئالماي ھېچنېمە قىلالمايدۇ. بىر نەرسە ساتسىمۇ شۇ ئۇدۇللام بانكنىڭ قەرزىگە كېتىدۇ.

بەك چىڭىپ كەتتى، تېخىمۇ بەك چىڭىپ كەتتى. . .

گۇما ناھىيەسى خېجيا يېڭى كەنتىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرى ھەققىدە 2020-يىلى 31-ئۆكتەبىر شىنجاڭ گېزىتى تارقاتقان خەۋەردىن قارىغاندا گۇما ناھىيەسى مۇكۇيلا بازىرى خېجيا يېڭى كەنت مەھەللە قۇرۇلمىسىغا قارىغاندا، شەھەر بازاردىن يىراق قاقاس ۋە چەت سايلىققا قۇرۇلغان يەنە بىر سۈنئىي مەھەللە ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. 80 كۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆيلەرنىڭ شەكلى ۋە ئەسلىھەلىرىمۇ ئىلگىرىكى يەكەن، قاغىلىق، ئاقتۇ قاتارلىق جايلاردىكى يېڭى كۆچۈش نۇقتىلىرىغا ئوخشاش، خىتايچە ئىسىم قويۇلغان زاۋۇت كارخانا ئىچىگە ئورۇنلاشقان، يۇقىرى تېخنىكىلىق كونتروللۇقتىكى مەھەللىلەشكەن لاگېر تۈسىنى ئالغان جاي ئىكەنلىكى مەلۇم.

خىتاي دائىرىلىنىڭ چوشقا ۋە ئېشەككە ئوخشاش ھايۋانلاردىن يېمەكلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىدا ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ دىنىغا، ئۆرۈپ ئادەتلىرىگە قارشى ھالدا مەجبۇرىي ئىشلىتىشىدەك ھادىسىلەرنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلاردىن ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دوكتور دەررىن بايلېر «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل سىياسەتلىرى ئادەم سۆز تاپالمىغۇدەك دەرىجىدە بىمەنىلىك» دېدى: «ئۇ يەردە ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئېشەك گۆشىنى يىېيىش ھارام. ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى چوشقا باققۇزغان. ھەتتا يېگۈزگەن ئەھۋاللارنىمۇ كۆردۇق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى پۈتۈنلەي بىمەنىلىك. ھازىر ئۇيغۇرلار يەرلىرىدىنمۇ ئايرىغاندىن كېيىن بەلكىم خىتاي ئۇلارنىڭ بىكار قالغان ئېشەكلىرىدىنمۇ مەنپەئەت قازىنىشنىڭ بىر يولىنى ئاچقاندەكمۇ قىلدى. پەقەت ئىقتىساد ئۈچۈنلا ئەمەس سىياسىي جەھەتتىنمۇ پايدىلانماقتا. بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش مەجبۇرىي ئىشلىتىپ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشىكلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدە باشقۇرۇپ. ئۇيغۇرلارنى ياشاش، ئىشلەش. مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ ئادەت ھەر جەھەتتىن تەلتۆكۈس كونترول قىلىشنىڭ بىر ئەندىزىسى دەپ قارايمەن».

ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان لاگېرلار ھەققىدە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدىن، گۇما ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدىلا 6 جايدا لاگېر بارلىقى مەلۇم. بۇ لاگېرلارنىڭ ئىچىدە، گۇمىدىكى مەزكۇر نامراتلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى بولغان خېجىيا يېڭى كەنتىگە ئەڭ يېقىنىىڭ ئارىلىقى 10 كىلومېتىر كېلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.