خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقادىن قايتىش سەپىرىدە ئۈرۈمچىدە توختاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە بىڭتۈەن دائىرىلىرىدىن ئۆزىنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە ئىستراتېگىيەسى» نى داۋاملىق تۈردە قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇ قاتاردا ئۇ يەنە «شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نى تېزلىتىش ۋە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى تۇرغۇزۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەنلىكى مەلۇم. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونى مانا مۇشۇنداق يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي ئاتموسفېرا ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك 9-ئومۇمىي يىغىنى 25-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 26-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي خىزمەت دوكلاتى بەرگەن.
ما شىڭرۇي، بۇ قېتىم مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاجراتقان ئون مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 1.4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) لىق «ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش فوندى» دىن ياخشى پايدىلىنىپ، «مۇنەۋۋەر كادىرلار» نى رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا ئېلىپ كىرىش؛ ھەرقايسى يېزا-كەنتلەرگە «مۇنەۋۋەر كادىرلار» نى بىرىنچى سېكرېتار قىلىپ ئەۋەتىش، شۇ ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەممىگە يېتەكچىلىك قىلىشىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىلىق ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتكەن.
ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي تەدبىرلەرنىڭ كۈچىيىشى _ خىتاينىڭ قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى
كانادادا ياشايدىغان «دېموكراتىك خىتاي فرونتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى شېڭ شۆ خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «مۇنەۋۋەر كادىرلار» نى رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا ئېلىپ كىرىش، ھەرقايسى يېزا-كەنتلەرگە «مۇنەۋۋەر كادىرلار» نى بىرىنچى سېكرېتار قىلىپ ئەۋەتىشتەك بىر قاتار سىياسىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىنىڭ ئارقىسىغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ كېلەچىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىشتەك قورقۇنچ تۇيغۇسىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى:
«بىز كۆپ يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ھاكىمىيەت ئەندىزىسىنىڭ خۇددى بىر ئېلېكتىرلىك سىم تورغا ئوخشايدىغانلىقىنى، بۇ تورنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر كىچىك ھالقىلارنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ يەردە دەۋاتقان ئاتالمىش ‹مۇنەۋۋەر كادىرلىرى› ، ئەمەلىيەتتە مېڭىسى يۇيۇلغان ۋە كونترول قىلىنغان، باشقىلارنى بوي سۇندۇرۇشنىلا ئىستەيدىغان، شۇنداقلا كومپارتىيە ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن خىزمەت قىلىدىغان بىر توپ زالىم قوراللاردۇر، خالاس. شۇڭىمۇ خىتاي كومپارتىيەسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق قوراللارغا موھتاج. چۈنكى ئۇلار ئەسلىدىنلا ئۆزلىرىنىڭ قورقۇنچى ۋە ئەندىشىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقاچقا، بۇنى يېڭىش ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى ئېلېكتىرلىك سىم تور ئىچىگە قاپسالغان قاتتىق كونترول قىلىش ئۇسۇللىرىنى يۇقۇرى-تۆۋەن ھەممە جايدا، ھەممە تەرەپلەردە قوللىنىشقا مەجبۇردۇر. »
شېڭ شۆ خانىم سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇ دەرىجىدە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشىنىڭ نېگىزلىك سەۋەبلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى:
«شى جىنپىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاتالمىش ‹ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق گەۋدىسى› نى يارىتىش ۋە يەر شارىلىشىشنى ئىزچىل تەشۋىق قىلىپ كەلدى. بۇنىڭغا 10 يىل بولدى. بۇ يەردە شى جىنپىڭ يالغۇز خىتاي ئۈچۈن ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› بەرپا قىلىشنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يول كۆرسىتىپ بېرىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ. بىزگە شۇ نەرسە ناھايىتى ئايانكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھەرقانداق بىر يەردە ئاۋام خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، ئەركىنلىكى، دېموكراتىيەسى ۋە قەدىر-قىممىتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەستۇر. شۇڭا شى جىننپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، يەنى ئۇنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىشتەك ئارزۇسى ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتكە، كىشىلىك ھوقۇققا، ئەركىنلىككە ۋە دېموكراتىيەگە قارشى ئۇرۇنۇشتۇر. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان قاتتىق قول ئىدارە قىلىش لايىھەسى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چېكىدىن ئاشقان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ بىر ئەندىزىسى ھېسابلىنىدۇ. »
خىتاينىڭ قاتتىق قول كونتروللۇقنى كۈچەيتىشى _ ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈرۈمچى زىيارىتىدە، «چىگىش ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش» ، «خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەش» نى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ما شىڭرۇي بۇ قېتىملىق يىغىندا تىلغا ئالغان ئاتالمىش «مۇنەۋۋەر كادىرلار» نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق، ئۇلارنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغان، خىتاي ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيىتىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان ئىتائەتمەن كادىرلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئەمەلىي ئىجرائاتلىرىنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە رايوندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ شۇنچە قەبىھ سىياسىي بېسىم-قىرغىنچىلىقى ئىچىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كەچمەي كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلاش بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پاراللېل شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاتالمىش «گۈزەل شىنجاڭ» قۇرۇپ چىقىشتا، «شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە كۆرسەتمە» دېيىلگەن.
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىس ھېنرى شاجىۋېسكى (Henryk Szadziewski) ئەپەندى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى كۈچەيتىش بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پاراللېل شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:
«ئاتالمىش ‹مۇنەۋۋەر كادىر› لارنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر بىر يېزا ۋە كەنتكە بىرىنچى سېكرېتار قىلىپ ئەۋەتىشى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چېگرا رايونلارنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىدىكى ئاجىز نۇقتىلاردا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يەردە كۆرسىتىلىۋاتقان ئاتالمىش ‹مۇنەۋۋەر كادىر› لار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە سادىق كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ رايوندىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش› ۋە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇقىملىق سىياسىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىجرا قىلىشتا بۇ خىلدىكى ‹پارتىيەگە سادىق› كەنت كادىرلىرىنىڭ رولى ئىنتايىن زور. شۇڭا بۇ كادىرلار خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىلىرى› نى داۋاملىق يېزىش ۋە تەشۋىق قىلىش، شۇنداقلا يېزا-كەنتتىن ئىبارەت ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەتلىرىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، دەپ قارايمەن. ئەمما بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر رايونى ھەقىقەتەن خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئېيتىلغىنىدەك ‹باياشات، گۈللەنگەن ۋە بىخەتەر› جايمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بىز بۇ رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. »
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتى _ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق سىياسىتىدۇر
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، سىياسىي ئانالىزچى ۋە تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاينىڭ تاشقى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە پۈتۈن دۇنياغا ھاكىم بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت بۇ زۇلۇم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىلىرى» نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ «مۇقىم» ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ «بەختىيار» ۋە «باي-باياشات» ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مۇنەۋۋەر كادىرلار» نى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ، يېزا-كەنتلەرگە بىرىنچى قول سېكرېتار قىلىپ ئەۋەتىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان ئەندىشىسىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىر ئىپادىسى ئىكەن.