ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەن دائىرىلىرى «يۈز كۈندە تۈمەنلىگەن كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» مەخسۇس تۈرىنى بازارغا سالغان
2023.06.14

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 6-ئىيۇن كۈنى، 2023-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان «يۈز كۈنلۈك مۇلازىمەت ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مىڭلىغان تۈمەنلىگەن ئىش ئورنى ھازىرلاش» چاقىرىقىنى ئېلان قىلغان. 8-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەن دائىرىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىڭتۇەن دائىرىلىرى 6-ئايدىن 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان يۈز كۈن ئىچىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىڭتۇەن دائىرىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىلىق ئۇقتۇرۇش چىقارغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل نېمە سەۋەبتىن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ بەلگىلىدى؟ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ، شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ۋەزىيىتى نۆۋەتتە قانداق ئەھۋالدا؟ بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ئۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار ئورتاقلاشتى.
نيۇ-يوركتا ياشاۋاتقان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندى خىتايدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ يىللاردىكىدىن زور دەرىجىدە كۆپلىكىنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يىلدىن-يىلغا كىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى بىڭتۇەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يۈز كۈنلۈك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ھەرىكەت 6-ئىيۇن كۈنى باشلانغان. بۇنىڭدا پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئون مىليون ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان. چۈنكى 2023-يىلى خىتاي بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 11 مىليون 588 مىڭ نەپەر ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ سىياسىي چاقىرىقتا ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆز دائىرىسىدە بۇ خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.»
خىتايدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكى بۇ يىلنىڭ بېشىدىلا ئاشكارىلانغان ئىدى. «بېيجىڭ سودا تورى» نىڭ 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستېرى ۋاڭ شياۋپىڭ، 2023-يىلى خىتايدا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان 11 مىليون 588 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
خىتاي «خەلق تورى» ئۇيغۇرچە قانىلىمۇ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى «يۈز كۈنلۈك مۇلازىمەت ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مىڭلىغان تۈمەنلىگەن ئىش ئورنى يوللاش» خىزمىتى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بەرگەن. خەۋەردە يۈز كۈنلۈك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلغانلىقى، پەقەت بېيجىڭ شەھرىنىڭ ئۆزىدىلا ھەر ھەپتىدە 16 مەيدان نەق مەيداندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندى نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى بىڭتۇەندە بۇ خىزمەت باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما بىڭتۇەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئوخشاشلا ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىڭتۇەننى ئالساق، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى، بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئېتىبار بېرىلىدىغىنى ئاۋۋال بىڭتۇەندىكى خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بولسا كېرەك. مۇشۇ ئاساستا پۈتۈن خىتاي بويىچە ئوقۇش تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى بىڭتۇەندە ھەل قىلىش بەلگىلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سىزمۇ بىلىسىز، خىتاينىڭ بۇ يىلقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھەممە جايدا ناچار. بۇلتۇر شىنجاڭنڭ ئەھۋالى بىراز ياخشى ئىدى. چۈنكى ئۇ كۆمۈر ۋە باشقا ئېنىرگىيە زاپىسى مول جاي. بۇ يىل ئېنىرگىيە ۋە كۆمۈرنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتتى. ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇزۇن مەزگىللىك مۈشكۈل ۋەزىپە. بۇنىڭدا دۆلەت مالىيەسىدىن پۇل ئاجرىتىلمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا كونا سىستېما بولغان بىڭتۇەندە خىزمەت ئورۇنلىرىنى ھەل قىلىشمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ.»
جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشىگە تەسىر قىلىۋاتقان خىتاي ئىچى ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا ئامىللار ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ چەت ئەللەرگە يۆتكىلىپ كېتىشى، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرگەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. نۇرغۇنلىغان خىزمەت پۇرسەتلىرى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكىلىپ كەتتى. ئۇندىن باشقا بەزى ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا دۇچ كەلدى. سودا، ئىقتىساد-تېخنىكا جەھەتتىكى چەكلىمىنىڭ كۈچىيىشى خىتايدىكى ئىشسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇردى. نەتىجىدە ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇنىۋېرسىتېتلارغا نورمىدىن ئارتۇق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ھازىر ئۆز كەسپىگە لايىق خىزمەت تاپالمايدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. تۈركۈم-تۈركۈم ئىشسىز ياشلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە.»
«خەلق تورى» دا 13-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇلازىمەتتە 2023-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ۋە ئىلگىرىكى يىللاردا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نۇقتىلىق نىشان قىلىنىدىكەن. خەۋەردە يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بار باشقا ئەمگەكچىلەر ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى بار ھەر خىل ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئۆتكەن يىللاردىكىدىن شىددەت بىلەن كۆپەيگەن. بۇ ھەقتە «تەڭرى تاغ» تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدا 158 مىڭ نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 32 مىڭ ئوقۇغۇچى ئارتۇق ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ ئېغىر بېسىم پەيدا قىلغان.
جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ئېغىرلىشىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسى جايلاردىكى ئاممىۋى نارازىلىقلارنى كۈچەيتكەن. بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىشى، بۇ يىللىق ئوقۇش تۈگەتكەن ئالى مەقتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سىياسىي ۋەزىپە قىلىنىشىغا سەۋەپ بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئىش ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتقانلار ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسسىزلىق مەسىلىسى بارغانچە ئېغىرلاماقتا. بۇ ئەھۋال جەمئىيەت مۇقىملىقىغىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىرقى مەسىلە ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار خىزمەت تاپالمىسا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە ئېغىر ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىر ئاتالمىش خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا، بۇ ياشلارنى ئۇلارنىڭ كەسپىگە مۇۋاپىق بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇشقا باشلىغان. بۇنى ئۇلارنىڭ كومپارتىيە ھۆكۈمىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىر، دېيىشكە بولىدۇ.»
بىڭتۇەننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت خىزمىتى ھەققىدىكى خەۋىرىدە يەنە ئاممىۋىي خاراكتېرلىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس خىزمىتى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ياشلار توپىغا مەركەزلەشتۈرۈلىدىغانلىقى، بۇنىڭدا بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى شىركەت، كارخانىلاردىكى ئالاقە-ئۇچۇر تېخنىكىسى، تېببىي دورا، سەھىيە تۈرلىرىدىن باشقا، زاۋۇت-فابرىكا، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەردە ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا يۈزلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇنىڭدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، رايونلار ئارا ئەمگەك مۇلازىمەت ھەمكارلىقى قاتارلىقلارمۇ تىلغا ئېلىنغان.
بوستوندا ياشاۋاتقان ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى قەيسەر مىجىت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ، خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى ئىقتىسادىنىڭ تېزلىكتە چېكىنگەنلىكىنى، خىتايدا ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 20 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قەيسەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىقتىسادى كومپارتىيە باشقۇرۇشىدىكى بۇيرۇق خاراكتېرلىق ئىقتىساد بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي ئىقتىسادى سىياسىي بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىي بۇيرۇق شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاينىڭ بىڭتۇەندە مەخسۇس ئىش پۇرسەتلىرىنى يارىتىشى، بىر تەرەپتىن خىتايدىكى ئشسىىزلىق بېسىمىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەقىيات پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەندە تېخىمۇ كۆپ ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىش ئېرقىلىق، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچراۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى بىڭتۇەنگە يەرلەشتۈرۈشنى؛ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» ئىقتىسادىي تەرەقىيات چەمبىرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي-جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىنى ئىگىلەشكە يۈزلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.