ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشى داۋاملىق دىققەت قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىرقىسىم غەرپ دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىق بىلەن ئەيىبلىشىدىن كېيىن،ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەزكۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە سۈكۈتنى تاللىشى يېقىنقى مەزگىللەردە ھەرقايسى ساھەنى ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ بىرنەچچە قېتىملىق ئاشكارا زىيارەت پائالىيىتىدە سورالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللارغا دارىتمىلاپ جاۋاب بېرىشى ياكى بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە گەپ ئوينىتىشى ئىسلام دۇنياسىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئەڭ تىپىك ئەكس ئەتتۈرگەن ھادىسە بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئىمران خاننىڭ يېقىندا Axios خەۋەر تورى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدە «بىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يېپىق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بېرىشى ھەمدە خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلىشى دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇردى. (ئاۋاز. قىسقا).

ئىمران خاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى ئاشكارا ھالدا ئەيىبلەشنى رەت قىلىشى ماھىيەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تىپىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرگەنلىك ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار ھىندىستان ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى «دۇنيا مەسىلىلىرى كومىتېتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىۋىك مىشرا ۋە ياپونىيەنىڭ كانساي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مارك كوگاننىڭ 19-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان ئوبزور ماقالىسىدىمۇ ئالاھىدە يەر ئالدى. بولۇپمۇ خىتاي بىلەن 62 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي توختامغا ئىمزا قويۇپ «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشى» نى داۋام قىلىۋاتقان پاكىستان ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلاش ھەمدە ئۇنى خەلقئارا سورۇنلاردا ئاشكارا قوللاش يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن ھادىسە بولدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا پاكىستاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملىرىنى ئاقلاشتىن ھالقىپ، پاكىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ھەمدە بىر قىسىملىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بۇ رېئاللىقنى تېخىمۇ ئاشكارىلىدى. خىتاي بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي ئالاقىدە بولۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەمدە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشى، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى ئاشكارا ھالدا «قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تولىمۇ «يۇمشاق» توندا سۆز قىلىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى سوئاللار تېخىمۇ كۆپەيدى.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلغان ھامان بۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ «ئىچكى ئىشى» ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ بۇ خىل كونا مۇقامى يەنە بىر ياقتىن خىتاينى ھىمايە قىلىدىغان كەمبەغەل ۋە ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاقلىشىغا باھانە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. پاكىستاندىكى فاتىمە جىننا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق تور لېكسىيەسىدە پاكىستاننىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ئابدۇل باسىتنىڭ ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىدىن بىرەيلەن «پاكىستان ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئ‍ۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىمەيدۇ؟» دەپ سورىغاندا بەرگەن جاۋابى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. (ئاۋاز. قىسقا).

باش ئەلچى ئابدۇل باسىت ئۆزىنىڭ جاۋابىدا ھېچقانداق تارتىنىپ ئولتۇرمايلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىر ياقلىق قىلىشىنىڭ پاكىستان ئۈچۈن «باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشى» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھازىر ھەممىلا ساھەگە مەلۇم بولۇۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ ئەمما پاكىستان بۇ مەسىلىنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىسە بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى پاكىستان ئۈچۈن شۇنچە «قەدىردان» بولغان خىتاينىڭ يالغۇز دىپلوماتىك «دوست» بولۇشتىن باشقا يەنە پاكىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا «خۇددى بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ يېقىن دوستىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوسال قىلسا ياخشى بولمىغاندەك بىزمۇ دوستىمىز بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەڭقىسلىقتا قويساق قاملاشمايدۇ» دېدى. (ئاۋاز).

ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى بايانلىرى خىتاي بىلەن 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي مۇئامىلە كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان سەئۇدى ئەرەبىستانى ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كونتروللۇقىدىكى «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ، جۈملىدىن خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلانغان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلاپ سۆز قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى» نى پەش قىلىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرگە خىتاي قوللاشقا «تەييار باھانە» ھازىرلاپ بېرىۋاتقانلىقىمۇ بۇنىڭدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ مەسىلىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دىنىي زاتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۆزىگە ئوخشاش دىكتاتورىلىق ئاساسىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىنى ھەرقايسى خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ «سادىق ھىمايىچىلىرى»غا ئايلاندۇرۇۋالغان بولسىمۇ، بۇ دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار جامائىتى ھەرقاچان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە ھەققانىيەتنى ھەمدە ئادالەتنى ھىمايە قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ بۇ خىلدىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ تۈرلۈك نامايىشلار تەشكىللىشى، مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇشى ياكى ئۆز ھۆكۈمەتلىرىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەرز مەكتۇپلىرى يېزىشى بۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىكەن. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنى سېتىۋالالىغان بولسىمۇ، بۇ جايلاردىكى ئىسلام جامائىتىنى سېتىۋېلىشقا ئىلاجسىز قالغان. (ئاۋاز).

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇننىڭ كۆزىتىشلىرى ئۇنىڭغا ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا ئىسلام دىنىدىكى «زۇلۇمغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىش» ھەققىدىكى تەلىمگە ئەگىشىۋاتقانلىقىنى، دەل مۇشۇ ئەقىدە سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىپ سۆز قىلىدىغان دىنىي ئالىملارنىڭ ۋە دىنىي جامائەتنىڭ كۆپلەپ ئ‍وتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. شۇڭا ئۇ دۇنيا مىقياسىدا «ئىسلام ۋەھىمىسى» ئەۋج ئېلىۋاتقان شارائىتتا بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ «ئىسلام ئەللىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىماقتا» دېيىش ئارقىلىق دىكتاتورا ئاساسىدىكى ساختا «ئىسلام ھۆكۈمەتلىرى» نى ئىسلام دىنىغا تەڭلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەمسىز قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادنى ئالماشتۇرۇشقا قىزىقتۇرۇشلارنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئاقمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. (ئاۋاز).

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىقتىسادىي مۇئامىلە ئارقىلىق ئىسلام ھاكىمىيەتلىرىنى ئ‍ۆزلىرىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە مېڭىشقا قىستاشنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىر چوڭ زىيىنى ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدا ئىپادىلەنمەكتىكەن.