ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام مەھەللىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن «قۇربان ھېيتلىق ھال سوراش» بىلەن بىرگە، ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشنى ۋە ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بارغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەلدە، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ھەممە ئىشنىڭ ياخشى ۋە نورمال ئىكەنلىكىگە قايىل قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 16-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بارغان. ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يەنئەن يولى كوچا باشقارمىسىدىكى چېنگۇاڭ ئۈلگىلىك ئاھالە رايونىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ، زىيارەت جەريانىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۇي يەنە تەڭرىتاغ رايونىدىكى لىجىڭ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى «نەمۇنىچى» شەخس قەيسەر مەمتىمىننى يوقلىغان. ما شىڭرۇي قەيسەر مەمتىمىندىن ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى تاپىلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلىغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئاھالە كومىتېتلىرىغا پەۋقۇلئاددە ھوقۇقلارنى بېرىپ، ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنى تولۇق كونترول قىلىشقا زېمىن ھازىرلىغانىدى. ئۇيغۇر دىيارىدا، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆي ئېلىش، توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈش، ساياھەتكە چىقىش، بالىسىنى مەكتەپكە بېرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئىجازەت ئېلىشى شەرت ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە.
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ما شىڭرۇينىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام مەھەللىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا قىلغان سۆزلىرىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي بايراملارنى تەبرىكلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ما شىڭرۇي يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام مەھەللىلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، زىيارەت ئېلىپ بارغان. شۇڭلاشقا مىللەتنىڭ بىرلىكىنى تەكىتلەش ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تەكىتلەش مەلۇم دەرىجىدە بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا يەنى قۇربان بايرامدا كىشىلەر ئۆزلىرى ئىشەنگەن ۋە توغرا دەپ بىلگەن ئىسلام دىنىي پىكىرلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلايدۇ. ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى كىشىلەرنى ئۆزلىرى رۇخسەت قىلغان ۋە كۆرسىتىپ بەرگەن دىنىنى پىكىرلەرنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش ئىسلامغا قارىتا چەت ئەلنىڭ تەسىرىنى توسۇشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ دىنىي تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت» .
خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نىڭ «بەش يىللىق پىلانى» نى رەسمىي خىزمەت ۋەزىپىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسلام دىنىنى چۆرىدىگەن باستۇرۇش تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مايا ۋاڭ (Maya Wang) يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ماقۇللانغان ۋە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى» ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ھەقىقىي دىن سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ بەلگىلىمىنىڭ كۆپلىگەن نۇقتىلىرىدا دا شى جىنپىڭنىڭ يولغا قويغان دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئىدىيەسى ئەكس ئەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) ما شىڭرۇينىڭ قۇربان ھېيت ھارپىسىدا قىلغان زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بارغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەلدە، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ئۇيغۇر دىيارىدا ھەممە ئىشنىڭ ياخشى ۋە نورمال ئىكەنلىكىگە قايىل قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي كۈچەپ تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، بىلەمسىز، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي بولمىغان مۇسۇلمان تۈركى خەلقلەردىن تاللاپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنى شىنجاڭدا ھەممە ئىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە قايىل قىلدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. مەنچە شىنجاڭدا ئىرقى قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، پەقەت بىر قىسمىنىلا كۆرسىتىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئىسلام دىنىنى ۋە باشقا بارلىق دىنلارنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارايدۇ. تېررورىزمى باھانە قىلىپ شىنجاڭدا ۋە خىتاينىڭ باشقا يەرلىرىدە دىننى چەكلىدى. يەنى خىتاي كومپارتىيەسى دىنغا ئېتىقاد قىلغان كىشىلەرنىڭ نەپەس ئېلىشىغا قارار بېرىدۇ. يەنى دىننى قاتتىق كونترول قىلىۋاتىدۇ» .
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلىنىپ قالغان مەملىكەتلەر ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىغا قارىتا ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا ۋە ئۇسسۇل كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەشۋىقاتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. دوكتور ئاندېرس كور قاتارلىق ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ مۇشۇ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى بىرلىك سەپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئىقتىسادشۇناس» (Economist) ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ۋە بېيجىڭ بىيۇروسىنىڭ باشلىقى دەيۋىد رېننى (David Rennie) رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ھەمدە روزا ھېيت كۈنى ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىنىڭ نەتىجىسىنى «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئىدى.
دەيۋىد رېننى يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان دىنىي چەكلىمىسى ۋە ئاتېئىزم تەشۋىقاتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلەرنىڭ قۇلۇپلانغانلىقى، بەزى مەسچىتلەرنىڭ مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ۋە روزا تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.