ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پەرقلىق مەيدانى نېمىلەرنى ئاشكارىلايدۇ؟
2022.08.10
غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى رەسمىي قارارلار ۋە دۇنياۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتىكى دوكلات ھەمدە خەۋەرلەر كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا بىرقىسىم قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بىرقىسىم مەنپەئەتدار ياكى خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىنىدىغان دۆلەتلەر، ئاساسلىقى مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ دىپلوماتلىرى، مۇخبىرلار ۋە ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلىرىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئالدىن تەييارلانغان ئېكسكۇرسىيەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ كەلمەكتە.
غەربنىڭ ئورتاق ئەيىبلىشىگە دۇچار بولۇۋاتقان خىتاي، مۇسۇلمان دۆلەتلەر ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىتاينى قوللاپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا سۈكۈت قىلىشىنى بولسا ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئاقلاشتىكى ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ -8 كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك ۋەكىللىرىگە رەھمەت ئېيتقان.
بۇ بەش كۈنلۈك زىيارەت داۋامىدا خىتاي ئالجىرىيە، ماۋرىتانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق 30 ئىسلام دۆلىتىنىڭ باش ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرىنى قەشقەر، ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدۇرغان. ئۇلار، مەسچىتلەرنى، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى، ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرى، پاختا ئېتىزلىرى ۋە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن.
ۋاڭ ۋېنبىن ئۇلارنى يەنە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە، شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىناق، بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالىتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەم يېزىلاردىكى ئىلگىرىلەشلەرگە شاھىت بولدى»، دېگەن.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدىمۇ يۇقىرىقىدەك ئالدىن تەييارلانغان زىيارەت نۇقتىلىرىنى كۆرۈپ كەتكەن ۋە قاتتىق تەنقىدكە دۇچار بولغانىدى.
بۇ، خىتاينىڭ 2017 -يىلى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، مۇسۇلمان دۆلەتلەر دىپلوماتلىرىنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەمەس.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچىمۇ، 2018- يىلى 12-ئايدىن باشلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن 2000 دىن ئارتۇق كىشى زىيارەت قىلىپ كەتكەنىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دىپلوماتلار زىيارەت ئۆمىكىنىمۇ غەربنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارشى ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ۋە يېپىش ئۈچۈن قوللىنىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ سۆزىدىن ئاشكارىلىنىدۇ.
ئۇ: « بىز بۇ غەرب سىياسىيونلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئادىل ئاۋازىنى ئاڭلاشقا، ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشنى توختىتىشقا، يالغاننى ئويدۇرۇپ، <شىنجاڭ قارتى< نى ئىشلىتىپ، شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىققا ۋە <شىنجاڭدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى كونترول قىلماسلىققا> دەۋەت قىلىمىز» دېگەن.
خىتاينىڭ بۇ قېتىم قايتىدىن يەنە بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدۇرۇشى بىرقىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.
بەزى ئانالىزلاردا، خىتاينىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى دىپلوماتلىرىنى بۇ زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ، ئۇنىڭ 12- سېنتەبىردىن -7 ئۆكتەبىرگىچە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان 51- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئالدىدىكى، ئۆزىگە ھىمايىچى، دەستەك ئىزدەش تەييارلىقى دەپ ئانالىز قىلماقتا.
ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى، تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار ئېغىزىدىن ئۆزىنىڭ زۇلۇم سىياسىتىنى ئاقلىماقچى ۋە ئۆزىنى قوللايدىغان بىر خەلقئارا مۇھىتى ياراتماقچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تەرىپىنى ئالغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بولسا، ئىقتىسادىي مەنپەئەتى شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتاينى قوللىماقتىكەن.
مۇسۇلمان دۆلەتلىرى دىپلوماتلىرىنىڭ بۇ بەش كۈنلۈك زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپاتيىەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى سېكېتارى ما شىڭرۈي بۇ ئۆمەكتىكى ئەلچىلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز بويامچىلىق ئادىتى بويىچە، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش» تىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرغان. ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ «بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى» نى ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇنداقلا «شىنجاڭنى يىپەك يولىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
گەرچە خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا مۇسۇلمان ئەللىرى دىپلوماتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئېغىزى- ئېغزىغا تەگمەي ماختاشقانلىقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئاساسلىق خەۋەر سۈپىتىدە تەكرارلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ زىيارەتكە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى ئانچە تىلغا ئېلىنمىغانلىقى مەلۇم.
بۇ ھەقتە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ۋە ياش سىياسىي ئاكتىپلاردىن پاكىستان دۆلەتلىك ئىلىم- پەن ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەت ئوسمان ئەسەد زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، گەرچە پاكىستان دىپلوماتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى باشقا غەرب مەتبۇئاتلىرىدىن كۆرگەن بولسىمۇ، قىزىق يېرى پاكىستاننىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمەت ياكى ئاممىۋى ئاخباراتلىرىدا بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈردى:
«پاكىستاننىڭ خىتايدىكى ئەلچىلىرىنىڭ ۋە بەزى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا خىتاينى قوللاپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلارنى زەررىچە ئېغىزغا ئالمىغانلىقىنى بىرقىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن كۆردۈم. قىزىق يېرى پاكىستاننىڭ مەيلى ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيەسى ياكى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا بولسۇن ئۇيغۇرلارغا دائىر خەۋەرلەرنى كۆرمەيسىز. چۈنكى ئۇنى ئاڭلاتسا پاكىستان ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئاممىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن پاكىستان خەلقى ئىسلامىي قىممەت قارىشى بويىچە ھۆكۈمەتكە باھا بېرىدۇ ۋە ئىسلام يولىدا سىياسەت تۇتۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆزىتىشىمچە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئىسلامىي ئۆلىمالارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش چاقىرىقى پاكىستاندا كۈچلەنمەكتە ئەمما ھۆكۈمەت ئۇلارغىمۇ ئاۋاز بەرمەيدۇ. بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمە ۋە باياناتلار ئوردۇچە بولغاچقا دۇنيادىمۇ كۆپ تارقىتىلمايۋاتىدۇ».
مۇھەممەت ئوسمان ئەسئەت يەنە مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى:
«ھالبۇكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتايدىن پايدىلىنىشتا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىپ ھەتتا مۇسۇلمانلىققا قارشى ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان بولغاچقا، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئاڭلىتىشتىن يىراق تۇرىدۇ. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە پاكىستاندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىنقىلاب ھەر قانداق ئىسلاھات ئەمەلىيەتتە خەلق تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. سوۋېتنىڭ يىقىلىشىمۇ بۇنىڭ مىسالى. خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىمۇ، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ كۈچىنى سەل چاغلىماسلىق لازىم. مېنىڭچە تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمان خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىش كېرەك».
خىتاينىڭ بۇ مۇسۇلمان ئەللىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەكنى كۈتۈۋېلىشى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان جامائىتى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن نامايىشلاردىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ قېتىمقى نامايىش ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشنىڭ تەييارلىقلىرى 29-ئىيۇلدىكى جۈمە خۇتبىسىدە بىرقىسىم جايلاردىكى مەسچىتلەردە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىنى ئەيىبلەش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىلەن باشلىنىپ كەتكەنىدى.
7- ئاينىڭ 31 -كۈنى بۇ دۇنياۋى نامايىشقا ئاۋاز قوشۇش يۈزىسىدىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ۋاين ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى خالىد بەيدۇن باياناتىدا، ئىسلام ئەللىرى ئۇزۇندىن بېرى خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنى دەپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، ئىسلام دىنى ئۇچراۋاتقان ھاقارەت ۋە ھۇجۇملارغا پەرۋا قىلماس ھالغا كەلگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ: «مۇسۇلمانلار سان جەھەتتە ئارقىمىزدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ نوپۇسىدىنمۇ كۆپ. ئەمما بىز ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ ئورنىغا خىتايدىن قورقۇۋاتىمىز» دېگەنىدى.
مۇسۇلمان ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمانلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىغا ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمان خەلقنىڭ مەيدانى دۆلەتتىن پەرقلىق بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەر، جامائەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قوللاۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى ئەمما يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.