ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادى ۋە خىتاينىڭ «ئىدىيە ئازادلىقى» كۈرەشلىرى (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ كۆلەم جەھەتتە بارغانسېرى كېڭىيىشى تاشقى دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا ئەنگلىيەدىكى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئىسلام تەتقىقاتى مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بۇ ھەقتىكى تور مۇھاكىمىسى بۇنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنكاسىدۇر.

بۇنىڭدا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى ھەرىكەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى ئىسلام دىنى بىلەن چەمبەرچاس يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بارلىق ئادەتلەرنىڭ ئەمدىلىكتە «تېررورلۇق» نىڭ ئىپادىلىرى بولۇپ قالغانلىقى، بۇنىڭ بولسا ھازىر داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ھەرىكىتىگە زور بىر باھانە بولۇپ بەرگەنلىكى ئەنگلىيەدىكى نيۇكاستل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكۇر جوئاننىي سىمىسنىڭ قەلىمىدە تەپسىلىي شەرھلەندى.

دوكۇر جوئاننىي ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» دا 2018-يىلى 9-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان «يېڭى دەۋردىكى ئىدىيە ئازادلىقىنىڭ زور دولقۇنى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر يۇغۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيەۋى سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش» ھەرىكىتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. شۇنداقلا بۇ ماقالىدا «ئىدىيەۋى ئازادلىق» نىڭ دەسلەپكى ئۇتۇقلىرىدىن باشلاپ ھازىرقى «ئەڭ چوڭ غەلىبىسى» گە قەدەر بولغان ئارىلىقتا «ئوتتۇرا ئەسىرگە خاس دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ ئاسارىتىدىن خالاس بولۇش» نىڭ ئىشقا ئاشقانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە چەتئەل ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ گۇماشتىلىرىنى «ئىككى يۈزلىمىچى» ئۇنسۇرلار بىلەن بىرلىكتە «تارىخنىڭ ئەبەدىي قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىۋېتىش» ھەققىدىكى چۇقانلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئالاھىدە بايان قىلىدۇ.

بىز ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى «ئىدىيە ئازادلىقى» مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا دوكۇر جوئاننىي بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە باشقا ئامىللار بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«ئالدى بىلەن قارايدىغان بولساق خىتاي دۆلىتى چېن چۈەنگونى شىنجاڭغا يۆتكەشنى بىخەتەر ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقى، دەپ شەرھىلەۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. چۈنكى ئۇلار 2012-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە شىنجاڭدا كۆرۈلگەن بىر قاتار زورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ‹ئالدىن پىلانلانغان، دۆلەتنى ئاغدۇرۇش غەرىزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى› دەپ بېكىتتى، شۇنداقلا بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىسلام ئەسەبىيلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئاشۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھېچقانچە زور كۆلەم ئالالمىغان، شۇنداقلا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قارىتا دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان چەكلەش تەدبىرلىرىگە، مەسىلەن، ساقال-بۇرۇتنى چەكلەش، ھىجابنى مەنئى قىلىپ ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى مەجبۇرىي ئېچىۋېتىش، ئاياللارنىڭ كۆڭلەكلىرىنى قىسقارتىشقا مەجبۇرلاش دېگەندەك چارە-تەدبىرلەرگە قارشى نارازىلىقنىڭ زورلۇق شەكىلدىكى ئىپادىلىنىشى ئىدى. چۈنكى بۇ خىلدىكى تەدبىرلەر ‹ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار› دەپ قارايدىغان ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئىشلار ئىدى. يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق كۆپ قىسىم سىياسىي ئانالىزچىلار شۇنىڭغا قوشۇلىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق ئىشلاردىن بولۇپ، بۇنىڭ ئوڭۇشلۇق داۋام قىلىشى ئۈچۈن مۇقىملىق ۋەزىيىتى بەكمۇ مۇھىم. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇلارنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭدا ئوتتۇرىغا چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق سىياسىي قارشىلىقلارنى بىخ ھالىتىدىلا يوق قىلىۋېتىشنى كۆزلىگەن گەپ.»

دوكۇر جوئاننىينىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا كېڭىيىۋاتقان «ئىدىيە ئازادلىقى» ھەرىكىتى ماھىيەتتە ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە ئەۋجىگە چىققان «ئىدىيە ئازادلىقى» ھەرىكىتى بىلەن ماھىيەتلىك پەرققە ئىگە ئىكەن. چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەش» ھەرىكىتىنى ئەمەلىيەتتە «يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ ئىجرا بولۇۋاتقان، يەنە كېلىپ سىستېمىلىق لايىھىلەنگەن ھەمدە مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پارتىيە قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى» دەپ چۈشىنىش مۇمكىن ئىكەن. بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى «ئىجتىمائىي نۇقتىدىن قايتا قۇرۇپ چىقىش» بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭدىكى نازارەت ۋە زۇلۇملارغا خىتاي دۆلىتى بىۋاسىتە ھەمدەم بولماقتا ئىكەن. بۇنىڭدىكى ئەسلىي مەقسەتمۇ شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلماقتا ئىكەن.

«خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇنلارنى خىتايچە ئۆگىنىشكە ۋە سۆزلەشكە مەجبۇرلاش، ئىسلام ئېتىقادىدىن ۋازكېچىپ، خىتايچە خاھىشتا يېزىلغان يەرلىك تارىخنى ئېتىراپ قىلىش، ھەر كۈنى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەپ تۇرۇش دېگەنلەرگە مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى كىملىك چۈشەنچىسىدىن خالاس قىلغىلى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلارنى خىتاي دۆلىتىگە ساداقەتمەن پۇقرالاردىن قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر ئۇ جايدا نېمە بولۇۋاتىدۇ دېسىڭىز، دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئەسەبىيلىككە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش› ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ كۆزلەۋاتقىنى سىياسىي جەھەتتىكى قارشىلىقنىڭ ياكى سىياسىي ئۆكتىچىلىكنىڭ ھەرقانداق مۇمكىنچىلىكىنى يوق قىلىۋېتىش بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە 2013-يىلىدىكى تيەنئەنمېنغا ماشىنا بىلەن بۆسۈپ كىرىش ۋەقەسى ۋە 2014-يىلىدىكى كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى ‹دۇنياۋى مىقياسقا يۈزلىنىۋاتقان ئىسلام تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى› دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ جىھادچىلىق ئىدېئولوگىيەسى بىلەن ‹يۇقۇملانغانلىقى›نى دەلىللىمەكچى بولۇۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىدىيە ئازادلىقى» ھەققىدە كۆپ داۋراڭلارنى قىلغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى سۆزلىگەنلىرىدىن جىق ھالقىپ كەتكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدا شۇنداق بولغان. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى «ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيەسى بار كىشىلەرنىڭ نىشان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ 10-20 پىرسەنتى ئاللىقاچان بۇ «نىشان» نىڭ دائىرىسىگە مەنسۇپ قىلىپ قويۇلغان. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا يېقىنمۇ كەلمەيدىغان تەقۋالىق، ئىسلام دىنىدىن خەۋەردار بولۇش، چەتئەلگە چىقىش، خىتايچە بىلمەسلىك دېگەندەك ئەيىبلەر بىلەن لاگېرغا قامالغان. ئەمدىلىكتە بۇ كىشىلەرنىڭ لاگېرلاردىن چىقالمايۋاتقانلىقى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەرنىڭ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا سۆز بولغاندا دوكۇر جوئاننى بۇنىڭدا قىسمەن بولسىمۇ ئۈمىدلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

«خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ھەقىقەتەنمۇ زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنى پىلان قىلغان بولسا ئەمدىلىكتە بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى يوقنىڭ ئورنىدا دېسەكمۇ بولىدۇ. شەخسەن مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئاراغا مەلۇم بولغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ بۇنىڭغا بولغان دىققەت-نەزىرى بارغانسېرى كۈچەيدى. يەنە كېلىپ مۇخبىرلار، تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاخباراتچىلىق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىلمىي تەتقىقات نۇقتىلىرىدىن بۇ ھەقتە كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ يازمىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەلقئارانىڭ ھازىر شىنجاڭدا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىغا كۆزىنى تىكىپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. دېمەكچىمەنكى، خىتاي ھازىر دۇنيادىكى مىليونلىغان كۆزلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قادىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن تولۇق خەۋەردار. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنى ئوتتۇرىغا چىقارماسلىقى مۇمكىن. مەن شۇنداق بولۇشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى قىلالايدىغان ئىككىنچى تاللاش ئۇسۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىۋېتىشتۇر. ئەگەر بۇ نۇقتا ئەمەلگە ئاشسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ‹سىياسىي جەھەتتىكى ساداقەتسىزلىكى›دىن ۋايىم يېيىش ھاجەتسىز بولىدۇ. چۈنكى خىتاي دۆلىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ئۇيغۇرلاردا خىتاي دۆلىتىگە قارىتا سىياسىي ساداقەت بەرپا قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ.»

نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى لاگېرلار «سىياسىي جەھەتتە ئۆزگەرتىش» نىڭ سىناق مەيدانلىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقاندا بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ نىشان ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىق بولغان مەدەنىيەت ھادىسىلىرى بولماقتا ئىكەن.