2024-يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، بېرما، خىتاي، كۇبا، شىمالىي كورېيە ئېرىتىرىيە، ئىران، نىكاراگۇا، پاكىستان، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغان ياكى ئۇنىڭغا كۆز يۇمغان دۆلەتلەر دەپ بېكىتىپ، ئۇلارنى «ئالاھىدە دىققەت ئاستىدىكى دۆلەتلەر» قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئەل-قائىدە، تالىبان، شام ئازادلىق تەشكىلاتى قاتارلىق قوراللىق دىنىي گۇرۇپپىلارنىمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى، رايون ئايرىپ زوراۋانلىق قىلىشنى، ئېتىقادچىلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماپ قويۇشنى، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشى كېرەك. دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىك دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر تەشكىلاتلىق، سىستېمىلىق ۋە تارىخىي يىلتىزى چوڭقۇر بىر شەكىلدە داۋام قىلماقتا».
1998-يىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» نى ماقۇللىغان ۋە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ئامېرىكا تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ نۇقتىلىق نىشانلىرىدىن بولۇپ كەلگەنىدى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىمۇ يىللاردىن بېرى ئېلان قىلىپ كەلگەن يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنغان دۆلەتلەر» قاتارىغا كىرگۈزۈپ كەلمەكتە.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2022-يىل 8-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ھۆكۈم قىلغاندا، بۇ باستۇرۇشلارنىڭ ئەڭ كۆپ ۋە قەبىھ بولۇۋاتقانىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان تەقىبلەش، مېڭە يۇيۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق ئەيىبلەشلەرگە پىسەنت قىلماستىن، ئۇيغۇر ۋە ئېتىقادچى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى داۋراڭ سېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يالغان تەشۋىقاتلار ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2020-يىل 7-ئايدا ئېلان قىلغان «دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلار: خىتاينىڭ يالغان ئۇچۇر ۋە تەشۋىقاتى، ئۇيغۇر كرىزىسى» ناملىق دوكلاتىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ دوستى، ھەتتا ھامىيسى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بىر ياقتىن ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا-شەرقتىكى ئورنىغا خىرىس قىلسا، بىر ياقتىن ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكىنى، ئىسلامغا ھاقارەت قىلىش قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىشقا تىرىشقان.
ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ كوممۇنىست خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشى بىلەن دۆلەت سىرتىدا ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىگە، جۈملىدىن پەلەستىنگە ياردەم بېرىشىنى سېلىشتۇرما قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كوممۇنىست خىتاي ئەزەلدىن مەنتىقىنى ئەمەس، مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، باشقا مۇسۇلمانلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق پرىنسىپى ۋە مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئۇلار كوممۇنىست خىتايدەك ئويلىمىغان، سۆزلىمىگەن ۋە ئىش قىلمىغانلارنى سىغدۇرمايدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق پرىنسىپى. ئەمما پەلەستىنگە كەلگەندە، ئۇلار دىپلوماتىك مەنپەئەتنى چىقىش قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە پەلەستىن مەسىلىسىدىلا ئەمەس، باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆز مەنپەئەتىنى دەڭسەپ، ئىچكى جەھەتتە بىر خىل، تاشقى جەھەتتە بىر خىل سىياسەت يۈرگۈزىدۇ، ھەرگىز ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە ئىش قىلمايدۇ. مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدۇر».
خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرقتىكى نوپۇزى ۋە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ سەزگۈر نۇقتىسىغا ئايلاندۇرماسلىققا كۈچەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقىنى كۈچەيتكەن ھەمدە خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ يېقىندىن ئالاقە باغلىغان، ئۇلارنى كۆپ قېتىم خىتايغا تەكلىپ قىلغان ۋە سۆھبەت يىغىنلىرى ئاچقان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئېچىپ، خەلقئارادا بولسا ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل 3-يانۋار كۈنى «سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ خىتايچە تور بېتىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىلزات ئەخمەتجان بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھانىڭ كۆرۈشكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە كۆرۈشۈپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە پەلەستىن مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى « ئىلزات ئەخمەتجاننىڭ بۇ زىيارىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خەلقئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى خىيانەت ۋە مەلئۇنلۇقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە تارىخ بېتىگە يېزىلىدۇ» دېدى.
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، 2023-يىل 8-ئايدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ما شىڭرۈي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەنىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ما شىڭرۇي ئۇلارغا خىتاينىڭ «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش» مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغان، «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك» تامغىسى ئۇرۇلۇپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى، ئېتىقادى سەۋەبىدىن مېڭىسى يۇيۇلغان ئۇيغۇرلارنى تامامەن ئىنكار قىلىپ، «غەرب دۆلەتلىرى پاكىتنى كۆرمەيدۇ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدۇ» دەپ، ئارقىدىن ئۇلارغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ «ئەركىن ۋە بەختلىك» ياشاۋاتقان مەيدانلىرىنى كۆرسەتكەن.
ما جۈ ئەپەندى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش بۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ دۇنياۋى مەنپەئەت گۇرۇھىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئىسلام دىنىدا بۇنداق تەشكىلات، بۇنداق ئورگاننىڭ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئېتىقاد ھەر كىمنىڭ شەخسىي ئىشى، بۇلار ‹قۇرئان كەرىم› دە بولسۇن، ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە بولسۇن، ئېنىق ئېيتىلغان. شۇڭا ئىسلام دۆلەتلىرى قۇرۇۋالغان بۇ ئاتالمىش تەشكىلات ئىسلام ئەللىرى ياكى مۇسۇلمان ئاممىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇ پەقەت ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمدارلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ھۆكۈمدارلار خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمدارلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى خىتاي بارلىق مۇستەبىتلەرنى ئۆز كۈنلۈكى ئاستىدا قوغدىماقتا».