ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 46-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 1-2-كۈنلىرى ئەبۇزەبى شەھىرىدە ئېچىلغان ئىدى. ئىككى كۈنلۈك يىغىندىن كېيىن 5 بابتىن تەركىب تاپقان بىر قارارنامە ماقۇللانغان. قارارنامىنىڭ تولۇق تېكىستى بۈگۈن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي تور بەتلەردە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.
قارارنامىنىڭ بىرىنچى بابى «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان خەلقلەر ۋە مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىكى قارار» بولۇپ، 31 ماددىلىق بۇ قارارنىڭ 20-ماددىسىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى مىليونغىچە مۇسۇلمان خەلقنى لاگېرغا قاماپ قويغانلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك تەنقىد ئوبيېكتى بولۇۋاتقان خىتاي ھەققىدە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان:
«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىباتلىقىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى قارشى ئالىمىز. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەيمىز. شۇنداقلا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز».
ن
ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئۆزلىرىنى «مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ كوللېكتىپ ئاۋازى» دەپ تەشۋىق قىلىدىغان دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىدىكى بايانى بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇنى «دەھشەتلىك خائىنلىق» دەپ ئاتىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ بايانات ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە قىلغان دەھشەتلىك خائىنلىق. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشى پەقەتلا دىنى كىملىكى ئاساسىدا زور كۆلەملىك تۇتقۇنغا ئۇچراۋاتقاندا ھېچ بولمىغاندا ئىپادە بىلدۈرمەي جىم تۇرۇشنى تاللاشنىڭ ئورنىغا ئۇنى تېخى ئالقىشلىشى مەنچە تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر قاراردۇر».
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يۇقىرىدىكى 31 ماددىلىق قارارنامىسىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەزكۇر ئورگاننىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان خەلقلەر ئۇچراۋاتقان كەمسىتىش، بېسىم ۋە زىيانكەشلىكتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي، دىنى ۋە مىللىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى قارارنامىلىرىنى قوللايدىغانلىقى شۇنداقلا نيۇ-يورك، بىريۇسسېل، پارىژ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئىشخانىلىرى ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ يۇقىرىدىكى قارارنامىسىنىڭ 9-19-ماددىلىرىدا ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەتلىرىنى، ھىندىستان، گىرېتسىيە ۋە سىرىلانكا ھۆكۈمەتلىرىنى، ئۆز ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش بىلەن تەنقىدلىگەن.
يۇقىرىدىكى بۇ ماددىلار ئارىسىدا نېمە ئۈچۈن خىتاينى مەدھىيەلەش ئېھتىياجى تۇغۇلغانلىقىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىراق ئۇلار بىزنىڭ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىزدىن ئورگاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى باش مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىشىمىزنى سورىدى.
سوفېي رېچاردسون بولسا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان تۈركىيەمۇ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەن بىر شارائىتتا بۇ قارارنامىنىڭ قانداق بولۇپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئەگەر: «بۇ ئەزا دۆلەتلەر ھەقىقەتەن شۇنداق ئويلىسا، ئۆزلىرى بېرىپ شۇ لاگېرلاردا بېرىپ يېتىپ باقسۇن» دېدى. سوفېي رېچاردسون سۆزىدە: «مەن بۇ دۆلەتلەر ۋەكىللىرىگە ئۆزلىرى بېرىپ شۇ سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا يېتىپ سىناپ بېقىشىنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر ئۇلار لاگېرلاردا بىر ئاي يېتىپ باقسا ۋە ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرەرى ئاشۇنداق لاگېرلارغا سولىنىپ كەتسە ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. بىراق، يۇقىرىقىدەك پاكىتلارنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىش كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ» دېدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 4-مارت كۈنىدىكى باياناتىدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىدىكى قارارنامىسىنى قىزغىن قارشى ئالغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 46-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان قارارنامە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمان خەلقلەر ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي ۋە مۇكەممەل ھالدا ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ، قايتا تەربىيە مەركىزى دەپ ئاتىلىۋاتقان لاگېرلاردا مىللىي ۋە دىنى كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە نۇرغۇن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىردەك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرى باش ئەلچىسى سام بروۋېنبەك 8-مارت كۈنى خوڭكوڭدا قىلغان بىر سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان لاگېرلىرىنى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، بۇ ئورۇنلارنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
سام بروۋېنبەك ئەپەندى 12-مارت كۈنى تەيۋەندە تۇرۇپ، «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى «ئىنتايىن قورقۇنچلۇق» دەپ تەسۋىرلەپ «خىتاي بۇ ئورۇنلارنى كەسپىي تەربىيەلەش ئورنى، دەيدۇ ئەمما ئۇنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندىكى تەربىيەلەش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمايۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىغا نېمە قىلىۋاتقانلىقىغا جاۋاب بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا شۇنداقلا لاگېردىكىلەرنى قويۇۋېتىشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا كۆنمىگەن تەقدىردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنىي قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنلار ئارقىلىق بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى مۇمكىنلىكىنى ئىپادە قىلغان.
0:00 / 0:00