ORF: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتىغا كەشمىرلىكلەرنىڭ ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجى بار»

0:00 / 0:00

كۆزەتكۈچىلەر تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى (ORF)، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OIC) نى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىدى.

ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار ئامبىرى بولغان كۆزەتكۈچىلەر تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى (ORF) 7 – نويابىر قۈنى «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» (OIC) كەشمىردىن مىھرىنى ئۈزۈپ، نەزەرىنى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا ئاغدۇرسۇن» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەشمىر مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا «قوش ئۆلچەم» قوللىنىپ، ئۇياتسىزلارچە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە بايان قىلىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالدىنقى ھەپتە ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلىپ، «جاممۇ ۋە كەشمىر خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز» دېگەن. باياناتتا جاممۇ ۋە كەشمىر مەسىلىسىنى ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا بىنائەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر بايانات ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ‹قوش ئۆلچەم› قوللىنىدىغان بىر تەشكىلات بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەردى. بېجىڭنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ كەلدى، ھەتتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمىلىرىنى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى ھەم جازا لاگېرلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاياللارغا قارىتا ئېلىپ بارغان جىنسىي تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ۋەھشىي قىلمىشلىرىنى قوللاپ كەلدى.»

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىككى يۈزلىمىچى بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپىئەتلەرىنى كۆزلەپ، بۈگۈنگە قەدەر خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ماقالىدە بايان قىلىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1969 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا نۆۋەتتە 57 مۇسۇلمان دۆلىتى ئەزا ئىكەن. بۇ تەشكىلات ب د ت دىن قالسا، دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ ئەزا بولغان ئەڭ چوڭ تەشكىلات ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۈپكى تەشەببۇسى: مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋازىنى ياڭرىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش ئىكەن.

ھالبۇكى، مەزكۇر تەشكىلات ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئەكسىچە، ئالدىنقى ئايدا ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرىگە قويۇشقا ئاۋاز بېرىش يىغىنىدا خىتاي تەرەپتە تۇرغان. ماقالىدە ئەسكەرتىشىچە، شۇ چاغدا خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن 19 دۆلەت ئىچىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن پاكىستان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ھىندونېزىيە، گابون، كامېرۇن، ماۋرىتانىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىكەن. بۇ دۆلەتلەر ھازىرغا قەدەر خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ چىققان 682 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغماقتا ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشايدىغان مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ تەسىرى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بويۇنتۇرىقى ھەم كۈنلۈكى ئاستىدا قالغان بىر تەشكىلات بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي كوممۇنىستلىرى 1949 - يىلى شىنجاڭنى بېسىۋالغاندىن بۇيان، مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى، نوپۇسنى زورلۇق بىلەن تىزگىنلەش ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىشنى ئىزچىل ھالدا يادرولۇق نىشان قىلىپ كەلدى. خىتايلارنىڭ نوپۇسى 1949 - يىلىدىكى 5 پىرسەنتتىن يۈكسىلىپ، 1980 - يىلىغا كەلگەندە 40 پىرسەنتتىن ھالقىدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەسلىدىكى 80 پىسەنتتىن تۆۋەنلەپ، 45 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى. 2017 - يىلىدىن كېيىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە خىتاي كوممۇنىستلىرى 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، 1200 جازا لاگېرىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ جازا لاگېرلىرىدا ئۇيغۇرلار، قازاقلار، ئۆزبېكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان چۈمبەل ئارتقان، ساقال قويغان، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىققان دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن قاماپ قويۇلدى. ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەدەنىيەتلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭ مەجبۇرىي ھالدا ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ناماز ئوقۇماسلىققا ۋەدە بېرىشكە قىستىدى، ھەتتا مەسچىت ۋە مازارلارنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. جازا لاگېرلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاياللار كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قېيىن - قىستاقلىرىغا، سىستېمىلىق باسقۇنچىلىقلىرىغا ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىكلىرىگە ئۇچرىدى.»

نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇملارغا نىسبەتەن دىنداشلىق ياكى قېرىنداشلىقنىڭ بىر رولى يوقلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.

ماقالىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان بۇ ئېغىر زۇلۇملار سەۋەبلىك ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن كەشمىر خەلقىنىڭ ھەقلىرىنى تىلغا ئېلىشتەك ئۇياتسىزلىق ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزى ۋە ئىشەنچتىن مەھرۇم بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ماقالىنىڭ خاتىمىسى «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتىغا كەشمىرلىكلەرنىڭ ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىھتىياجى بار» دېگەن جۈملە بىلەن ئاخىرلاشقان.