«شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ دوتسېنتى ئىمىنجان سەيدىن 15 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان

ئۆتكەن ئايلاردا رادىيومىزغا ھەر خىل قاناللار ئارقىلىق كەلگەن ئۇچۇرلاردا «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى، «شىنجاڭ ئەمىن كىتابچىلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ ساھىبى ئىمىنجان سەيدىننىڭ ئىككى يىلدىن بېرى غايىب ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۈمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىدا ئىمىنجان سەيدىننىڭ 2017‏-يىلى 5‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە لاگېردا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. رادىيومىزنىڭ ھەر خىل قاناللاردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىدا ۋە «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ مەزكۇر دېلوغا ئالاقىدار رەسمىي ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ 54 ياشلىق ئىمىنجان سەيدىن 2019‏-يىلى 2‏-ئايدا ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلانغان. سوتتا ئىمىنجان سەيدىن «ئەسەبىيلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، شۇنداقلا 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن 5 يىل مەھرۇم قىلىنغان. لېكىن، بىز ئېرىشكەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ۋە ھۆججەتلەردە، ئۇنىڭ ئەسەبىيلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغۇدەك قانداق كونكرېت ھادىسە سادىر قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىلمىگەن. بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» غا تېلېفون قىلغاندا بولساقمۇ، لېكىن ھېچكىم تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى كېسىمنى بۇ يىل 2‏-ئايدا چىقارغان بولسىمۇ، ھۆكۈمنى بۇ يىل 5‏-ئايدا سوت ئېچىپ ئېلان قىلغان. سوت مەھكىمىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمنى 3 ئاي كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

شۇ سەۋەبلىك بىز ئىمىنجان سەيدىننىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قىزى، سەمىرە ئىمىنغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدۇق. سەمىرە ئىمىن دادىسىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دادىسىنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىدىن ئۇ تېخى يېقىندا خەۋەر تاپقان. سەمىرە ئىمىن بۇ سۆزلەرنى 2‏-دېكابىر كۈنى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قىلدى.

بىز ھەر خىل قاناللاردىن ئېرىشكەن شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ «ئىمىنجان سەيدىنگە چارە كۆرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ناملىق ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، سوت ئىمىنجان سەيدىننى قاماققا ھۆكۈم قىلىپلا قالماي، ئىسلام ئىنستىتۇتىمۇ قارار چىقىرىپ، ئۇنىڭغا چارە كۆرگەن. «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ بۇ يىل 7‏-نويابىر كۈنى چىقارغان ھۆججىتىدە، مەكتەپ پارتكومىنىڭ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق «ئۇنىڭ بىلەن تۈزۈلگەن خىزمەتچىلىك توختامىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ مەكتەپ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈش، ئۇنىڭ مۇ ئاش ۋە پاراۋانلىق ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىش، شۇنداقلا 2017‏-يىلى 5‏-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2019‏-يىلى 4‏-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا بېرىلگەن 2 يىللىق مائاشىنى، يەنى 90 مىڭ 517 يۈەن پۇلنى، شۇنداقلا يەنە بۇ مەزگىل ئىچىدە ئۇنىڭ پېنسىيە پاراۋانلىق فوندىغا ياتقۇزۇلغان 15 مىڭ 262 يۈەننى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن. ھۆججەتتە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ يېقىنقى 2 يىللىق مائاشى ۋە پېنسىيە پاراۋانلىق فوندى بولۇپ جەمئىي 105 مىڭ 779 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

ھۆججەتتە ئۇنىڭ پېنسىيە پاراۋانلىق فوندىنىڭ 2018‏-يىلى 8‏-ئايدىن باشلاپ توختىتىلغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا نېمە ئۈچۈن پېنسىيە پاراۋانلىق فوندى سوتنىڭ قارارىدىن 6 ‏ئاي بۇرۇن توختىتىلغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىلمىگەن. ھۆججەتتە قەيت قىلىنىشىچە، مەكتەپ پارتكومى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىقىنىڭ 2012‏-يىلى 9‏-ئايدا چىقارغان ھۆججىتىنىڭ 22‏-ماددىسىغا ئاساسەن ئىمىنجان سەيدىننىڭ مائاشى ۋە پېنسىيە پاراۋانلىق ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىشنى ۋە بىر قىسىم مائاش ۋە پاراۋانلىق پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلغانىكەن.

لېكىن ئىمىنجان سەيدىننىڭ قىزىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ دادىسىنى بۇنچىلىك ئېغىر جازالىغۇدەك ئۇ ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغان ئىكەن. ئۇ، دادىسىنىڭ باشقىلارنى «ئەسەبىيلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغۇدەك» ئۇنچىلىك قويۇق دىندار بىرى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، دادىسىنىڭ كىشىلەرنى «ئەسەبىيلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دەپ كېسىلىشىگە ئۇنىڭ «شىنجاڭ ئەمىن كىتابچىلىق چەكلىك شىركىتى» نەشر قىلدۇرغان «ئەرەب تىلى ئاساسى بىلىملىرى» ناملىق ئەسەر سەۋەب بولغان ئىكەن. 2014‏-يىلى نەشر قىلدۇرغان مەزكۇر كىتاب بىر ئەرەب تىلى گرامماتىكا قوللانمىسى بولۇپ، كىتابنى «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ ئالىمجان دىمدارى، ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىسى تۈزگەن ئىدى.

ئىمىنجان سەيدىن 1988‏-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇ شۇ يىلى «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» دا خىزمەتكە كىرگەن. بۇ جەرياندا تالىپلارغا «جۇڭگو تارىخى»، «جۇڭگو ئىنقىلاب تارىخى» قاتارلىق دەرسلەرنى بەرگەن، شۇنداقلا بىر مەزگىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ بۇ جەرياندا بىر قانچە قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ ھەج ئۆمىكىنى باشقۇرغۇچى كادىرى سۈپىتىدە ھەجگە چەتئەلگە چىققان. ئۇ، تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ سەل ئالدىدا ‏ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە قاتنىشىپ، گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك كەنتىگە چۈشۈرۈلگەن.

ئۇ كۆكتېرەك كەنتىدىكى ۋاقتىدا «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» ئۇ توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىمىنجان سەيدىن «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە: «مەن يېقىندىن بېرى كەنت پۇقرالىرىغا كۆپ قېتىم ‹ئۇيغۇر يۇرتداشلارغا ئويغىنىش خېتى› نى تەشۋىق قىلىپ، كەنت پۇقرالىرىنىڭ ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› نىڭ جىنايىتى ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› گە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارشى تۇرۇشىغا يېتەكلىدىم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، كەنت پۇقرالىرىنىڭ ‹ئۈچتە ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر تۇرغۇزۇشىغا›، ‹بەشنى ئېتىراپ قىلىشنى» كۈچەيتىشىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ دائىملىق ئېچىلىپ تۇرۇشىغا قاتتىق كۈچ چىقىرىمەن» دېگەن ئىدى.

مەزكۇر ۋەقە يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا دائىر مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى بۇ رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا مەركەزلەشكەن مەزگىلدە ئاشكارىلاندى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆتكەن ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يېقىندا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنىڭ خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىنتايىن ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ ھۆججەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى خورلاۋاتقانلىقىغا دائىر ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان دەلىللەر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە» دېگەنىدى.

«شىنجاڭ ئەمىن كىتابچىلىق چەكلىك شىركىتى» 2012‏-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەت 2017‏-يىلغا قەدەر 50 پارچىدەك كىتاب نەشر قىلدۇرغان. كىتابلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پەن-تېخنىكا، مائارىپ تەربىيەسى، پسىخولوگىيە، ئاياللار بىلىمىگە دائىر ئەسەرلەر بولۇپ، ئۇنىڭ نەشر قىلدۇرغان «ئەرەب تىلى ئاساسى بىلىملىرى» تىل-ئەدەبىيات ۋە ئىجتىمائىي پەنگە ئالاقىدار ئاز ساندىكى ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، 2014‏-يىلى نەشر قىلدۇرۇلغان بۇ كىتاب ئەينى ۋاقىتتا كۆپ سېتىلغان ئىكەن.