«خىتايدا ئىسلام ۋەھىمىسى» ناملىق دوكلات مالاي تىلىدا نەشر قىلىندى
2023.12.28

«ئىسلام ۋەھىمىسى» (Islamophobia) ھەققىدە سۆز بولسا، مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىگە دەرھال غەرب دۇنياسى كېلىدۇ. ھەتتا بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ ئىسلامغا قارشى شەخسىي ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىدە ئاممىۋى ياكى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك نارازىلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت. ھالبۇكى خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەھىمە، بۇنىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتى شەكلىنى ئالغان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىسلامنى كەڭ كۆلەمدە چەكلەش، ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىغا باغلىغان ھالدا باستۇرۇش، مەسچىتلەرنى چېقىش، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ رەسمىي دۆلەت سىياسىتىگە ئايلىنىشىنىڭ ھېچقانداق ئىنكاس قوزغىمايۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇلۇۋاتقانلىقىمۇ بىر رېئاللىق. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» يېقىندا ئېلان قىلغان «خىتايدا ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى» ناملىق دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ساختا ئۇچۇر ۋە تەشۋىقات ھەرىكىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا سۈكۈت قىلىشىدا رول ئويناۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولماقتا ئىكەن.
«ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ «خىتايدا ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى» ناملىق دوكلاتى «مالايسىيا ئىسلامىي ياشلار ھەرىكىتى» (ABIM) ، «مالايسىيا يەر شارى تىنچلىق تەشەببۇسى» (GPMM) قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكەن ھەپتە مالاي تىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ تەشكىلاتلار ئۆتكەن ھەپتە دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان ئەللىرىنى خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەڭ قەبىھ شەكلى بولغان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىسلامى دۈشمەنلىك سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.
مالايسىيا ئىسلامى ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى موھدى خەيرۇل ئەنۋەر ئىسمائىلنىڭ 28-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، بۇ دوكلاتنىڭ مالاي تىلىدا ئېلان قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋەقە ئىكەن. موھدى خەيرۇل ئەنۋەر ئىسمائىل مۇنداق دېدى: «بىز ئۆتكەن ھەپتە ئىككى مۇھىم پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق، لېكىن بۇلاردىن ئەڭ مۇھىمى ‹خىتايدا ئىسلام ۋەھىمىسى› ناملىق دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بولدى. بىز بۇ دوكلاتنى مالاي تىلىدا نەشر قىلدۇق. ‹خىتايدا ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خاھىشى› ناملىق بۇ دوكلات ئەسلى ئىنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىنغان. بىز، بۇ دوكلاتنى ئۆتكەن ئىككى ئايدا مالاي تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۆتكەن ھەپتە رەسمىي ئېلان قىلدۇق. مېنىڭچە بۇ دوكلاتنىڭ مالاي تىلىدا ئېلان قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم ۋەقە. بىز بۇ دوكلاتنى مالاي تىلىدا ئېلان قىلىپلا قالماي، دوكلات ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنىمۇ ئۆتكۈزدۇق».
موھدى خەيرۇل ئەنۋەر ئىسمائىلنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ دوكلاتنىڭ مالاي تىلىدا ئېلان قىلىنىشى مالايسىيا خەلقىنى، شۇنداقلا مالايسىيا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ئۇ، ئۆتكەن يىلى ب د ت دا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنىشىدا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى. موھدى خەيرۇل ئەنۋەر ئىسمائىل بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنى مالايسىيا خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىشتا، بولۇپمۇ بىزنىڭ سىياسىي رەھبەرلىرىمىزگە ۋەزىيەتنى تونۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۆتكەن يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭەشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغان. ئەپسۇسكى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن ب د ت نىڭ بۇ تارىخىي مۇنازىرىسىگە شاھىت بولالمىدۇق. چۈنكى، كۆپچىلىك مۇسۇلمان دۆلەتلەر مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلدى. »
«خىتايدا ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خاھىشى» ناملىق دوكلاتتا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە مۇسۇلمانلارنى «خىتايلاشتۇرۇشى» ئۇنىڭ ئىزچىل سىستېمىلىق سىياسىتى بولۇپ كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلانغان ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتى بىلەن رەسمىي «ئىسلام دۈشمەنلىكى» گە ئايلانغانلىقىغا ئائىت دەلىللەر سۇنۇلغان. بۇ دەلىللەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي تەربىيەنىڭ چەكلىنىشى، دىنىي مەكتەپلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، «قۇرئان كەرىم» نىڭ كۆيدۈرۈلۈشى، مەسچىت ۋە قەبرىستانلىقلارنىڭ چېقىلىشى، ناماز ۋە زىكىر مەزمۇنلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، بالىلاردىكى دىنىي كىملىكنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى، ئەرەب تىلى، ھىجاب ۋە باشقا دىنىي كىيىم-كېچەكلەرنىڭ چەكلىنىشىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى مەلۇم. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ دوستى، دەپ تەرىپلىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسىتى خىتاينى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئىسلام ۋەھىمىسىگە ئەڭ زور زېمىن ھازىرلىغان دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان» ئىكەن.
بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان ئورۇن- «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس 28-دېكابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ دوكلاتنىڭ مالاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى ھەمدە جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنى ھىندونېزىيەدە خېلى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىندونېزىيە بىلەن مالايسىيا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭ ھېكايەسىنى ياخشى سۆزلەش» ھەرىكىتىدىكى نۇقتىلىق تەشۋىقات نىشانلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت- «جاكارتا ئىستىقلال مەسچىتى» نىڭ ئىمامى ناسارۇددىن ئۆمەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ يىل 8-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ناسارۇددىن ئۆمەرنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى. ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا سۈكۈت قىلىشىدا ھەر خىل ئامىللار رول ئوينىماقتا ئىكەن.
موھدى خەيرۇل ئەنۋەر ئىسمائىلنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەدىكى تەشۋىقاتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنى ئۇيغۇر رايونىدا ھېچقانداق ئىش بولمىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە قاتتىق تىرىشماقتا ئىكەن. موھدى خەيرۇل ئەنۋەر ئىسمائىل ئۆزلىرىنىڭ بۇ دوكلات ئارقىلىق «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقانلىقى» نى خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. موھدى خەيرۇل ئەنۋەر ئىسمائىل مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى يورۇتۇپ بېرىلدى. شۇڭا دوكلات بۇ نۇقتىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مالايسىيا خەلقى ۋە مالايسىيا ئەمەلدارلىرىغا شەرقىي تۈركىستاندا ھېچقانداق ئىش بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ كەلدى. بۇنىڭغا ئىشىنىپ قالغان بەزى مالايسىيالىقلارمۇ بار. لېكىن بىز بۇ دوكلات ئارقىلىق مالايسىيا خەلقىگە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى يەتكۈزدۇق. يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ئىشلار ھەققىدە ساختا ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسەتتۇق. ئۇلارنىڭ رەھبەرلەرنى، ئاخبارات ساھەسىنى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات مەسئۇللىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلىپ رېئاللىقنى پەردازلاۋاتقانلىقى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتۇق. بۇ دوكلات شۇ نۇقتىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم، دەپ ھېسابلايمەن. »
ئەسلى ئىنگلىزچە تەييارلانغان «خىتايدا ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ پوزىتسىيەسى» ناملىق بۇ دوكلات ھازىرغا قەدەر تۈركچە، ئەرەبچە ۋە رۇسچە تىللاردا ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، بۇ قېتىم مالاي تىلىدىمۇ ئېلان قىلىنغان. دوكلاتتا، خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى بىلەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ تۈپكى پەرقى سېلىشتۇرۇلۇپ، «خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى (خىتاينىڭ) جەمئىيەت ئەنئەنىلىرىگە ۋە دۆلەت سىستېمىسىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان» لىقى تەكىتلەنگەن.
خىتاي ئىسلام ۋەھىمىسى دۆلەت سىستېمىسىغا يىلتىز تارتقان، دەپ ئەيىبلەنسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ رەسمىي باياناتلىرىدا ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ ھەرقانداق شەكلىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل 4-ئايدا شىۋېتسىيەدىكى بىر شەخسنىڭ قۇرئان كۆيدۈرۈشىگە قارىتا قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ھېچكىمنىڭ ‹سۆز ئەركىنلىكى› نى باھانە قىلىپ، توقۇنۇش پەيدا قىلىشىغا ياكى بىر مەدەنىيەتنىڭ يەنە بىر مەدەنىيەتكە قارشى تۇرۇشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.