مەلىكە ھەند ئەل-قاسىمى: «خىتاينىڭ ھازىرقى رەئىسى خىتايلار ئۈچۈنمۇ بىر قاباھەت»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئارسلان ھىدايەت 25-ئاپرېل يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر چوڭ قىرغىنچىلىقى» (UyghurHolocaust#) ۋە «مۇسۇلمان چوڭ قىرغىنچىلىقى» (MuslimHolocaust#) ھەرىكىتىنى باشلاتقان.

بۇ ھەرىكەتكە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى بولغان مەلىكە ھەند ئەل-قاسىمى خانىم دەرھال ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قىسقا سىن ئىشلەپ تارقاتقان. بۇ سىن كۆرۈنۈشى قىسقىغىنا بىر قانچە كۈن ئىچىدە 130 مىڭ قېتىمدىن كۆپرەك كۆرۈلگەن.

مەلىكە ھەند ئەل-قاسىمى خانىم سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق مۇنداق دېگەن: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم! رامىزان مۇبارەك! ھەممىڭلارنىڭ تۇتۇۋاتقان روزاڭلارنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىلەيمەن. مەن بۇ ۋىدېيونى ھاياتىمنىڭ بىر قىسىمنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىدە بىر سەپتە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تارقاتتىم. مەن ئۇلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىن پات ئارىدا قويۇپ بېرىلىشىگە تىلەكداشمەن. بىز خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ مۇسۇلمانلار چوڭ قىرغىنچىلىقىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.»

ئارسلان ھىدايەت بۇ قېتىملىق پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر يەھۇدىيلار باشتىن كەچۈرگەن چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ھەقىقەتەن خاتىرىلەيدىغان ئىش بولسا، ھازىر يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنى توختىتىش كېرەك.»

مەلىكە ھەند ئەل-قاسىمى خانىم ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قېلىشى ئۇنى بىئارام قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ تېرورىزىمنى باھانە قېلىپ مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرلارغا سولاپ قويۇشىنىڭ خاتا تەدبىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەن خىتايغا بارغان، شۇنداق ياقتۇرغان ئىدىم. خىتاينىڭ بىر دېھقانچىلىق دۆلىتىدىن مۇشۇنداق كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا ئۆتۈشى ئۈچۈن خۇشال بولغان ئىدىم. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغانلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن خىتاينى ياقتۇرمىدىم.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلالىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىپ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشمىز مۇمكىن. خىتاي تەرەپ تېررورلۇقنى تۈگىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى دەپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن خاتا قىلغان بىر قانچە كىشى 11 مىليونلۇق بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بىز مۇسۇلمانلار تىنچلىقنى خالايمىز، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ تىنچ ياشاشقا ھەققى بار.»

مەلىكە ھەند ئەل-قاسىمى خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى «مۇسۇلمان چوڭ قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئوچۇق پىكىر بايان قىلغان تۇنجى مۇسۇلمان جامائەت ئەربابى بولۇشى مۇمكىن. مەلىكە ھەند ئەل-قاسىمى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئارسلان ھىدايەت مەلىكە ھەند ئەل-قاسىمى خانىمنىڭ تەسىرى بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن رەسمىي بايانات كېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بەزى دۆلەتلەر خەت ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى، لېكىن ئوچۇق-ئاشكارا بايانات ئېلان قىلمىدى. ئىنشائاللاھ، مەلىكە ھەند ئەل-قاسىمى خانىمنىڭ باياناتىدىن كېيىن ئەرەب دۇنياسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى قوللاپ خىتايغا قارشى بايانات بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

مەلىكە ھەند ئەل-قاسىمى خانىم ئاخىرىدا يەنە ئۆزىنىڭ لاگېرلار ھەققىدە بىر كىتاب يازغۇسى بارلىقىنى، ھەقىقىي شەخسلەرنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى بىرلىكتە بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ لاگېرلارنى تاقىشى ئۈچۈن چوقۇم بىرلىشىشىمىز كېرەك. خىتاي ئىنسانلارنى لاگېرلارغا سولىدى، ھامىلە ئاياللارنىڭ بالىلىرىنى ئېلىۋەتتى، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلدى، بۇ خاتا. خىتاينىڭ ھازىرقى رەئىسى خىتايلار ئۈچۈنمۇ بىر قاباھەت.»

مەلىكە ھەند ئەل-قاسىمى خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ يوللىغان سىن كۆرۈنۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئاستىغا يۈزلەرچە رەھمەت خەتلىرى چۈشكەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار گېرمانىيەلىك تۈرك پۇتبولچى مەسۇت ئۆزىلنىڭ بىر قېتىملىق باياناتى ئارقىلىق تەنتەربىيە ساھەسىدىكى داڭلىقلارغا تەسىر قىلغاندەك، مەلىكە ھەند ئەل-قاسىمى خانىمنىڭ بۇ ئوچۇق باياناتىنىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىغا ۋەسىلە بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىشماقتا.

ئارسلان ھىدايەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلارغا مۇنداق خىتاب قىلدى: «بېشىمىزغا كېلىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئارىمىزدىن يېڭى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، يېڭى سابىت داموللام، يېڭى ئەخمەتجان قاسىمىلار چىقىشى كېرەك. بىز ئۈچىنچى قېتىم دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز، دېيەلىشىمىز كېرەك.»