ئىسلام ئالاھىدە يىغىنىنىڭ باياناتى كۈچلۈك تەنقىد قوزغىدى

0:00 / 0:00

27-مايدىن باشلاپ مەككىدە دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ساھىبخانىلىقىدا داۋام قىلىۋاتقان بىر قاتار خەلقئارالىق ئىسلام مۇھاكىمە مۇنبىرى يىغىنلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى قايتىدىن دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىنى تەكرار ئەپسۇسلاندۇرماقتا. دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 27‏-ماي كۈنى باشلانغان «قۇرئان ۋە سۈنەتتە ئوتتۇراھاللىق» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنغا «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ئاتاۋۇللا شەھيارى باشچىلىقىدىكى تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئولتۇرۇشلۇق 6 نەپەر ئۇيغۇر دىنىي زاتمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقانىدى. ئۇلار قاتناشقان بۇ تېمىدىكى يىغىندا گەرچە نوقۇل دىنىي مەسىلىلەر تېما قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر دىنىي زاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىنكاس بىلدۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان، ئەمما ئەمەلىي ئۈنۈم بەرمىگەن.

مەككىدە داۋام قىلغان يىغىنلارغا ھەر قايسى ئەل دىنىي تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى، دىنىي زاتلىرى، تەتقىقاتچى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، «خەۋەر تۈرك» قاتارلىق ئاگېنتلىقلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 30-ماي، مەككىدە ئېچىلغان 14-قېتىملىق ئىسلام ئالاھىدە يىغىنىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنغان. باياناتتا دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلار، جىددىي مەسىلىلەر قاتارىدا روھىنگا مۇسۇلمانلىرى، سىپرۇس، بوسىنىيە ۋە كەشمىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتى بىر مۇ بىر تىلغا ئېلىنىپ، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى جىددىي تۈردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ۋە مەسىلىلەرگە يەنىلا ئورۇن بېرىلمىگەن. ھەتتا باياناتتا «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا قاماپ، ئىسلامغا بىر كېسەللىك ۋىرۇسى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى مىللىي ۋە دىنى كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئاساسەن سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا ئىدى.

27-ماي «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا قاتتىق زۇلۇم يۈرگۈزمەكتە، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستان بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماقتا ۋە خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە» ناملىق ماقالە بۇنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇش، ناماز ئوقۇش قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلارنى رامىزان مەزگىلىدە تاماق يېيىش، ھاراق ئىچىش ۋە ئاشخانىلارنى ئوچۇق قويۇشقا مەجبۇرلايدىغان سىياسەتلەرنى ئاشكارا ھالدا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى، ھازىرغىچە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا پۈتۈنلەي سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغانىدى.

نۆۋەتتە بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆتۈرۈلگەن ئىنكاسلاردىن، ئىسلام ئالاھىدە يىغىنىنىڭ مەككە باياناتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئورتاق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان يۇقىرىقى نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغان بولدى دېگەندەك كۈچلۈك ئەيپلەشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەقتە ئىستانبۇلدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئىسلام ئەللىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشلۇق بولغان ۋە غەرب ئەللىرىدە بىردەك جىددىي ئىنكاس قوزغاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامىلىپ ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك مەسىلىگە يەنىلا كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، چۈنكى بۇ خىل يىغىنلارغا قاتنىشىۋاتقان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بەزىلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا ياكى خىتايپەرەس كۈچلۈك ئەرەب دۆلەتلىرىگە بېقىندى، بۇ خىل يىغىنلارغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ۋە ئاساسلىق باشقۇرۇش ھەم قارار ئېلىش رولىنى ئويناۋاتقان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بولسا، گەرچە خىتاينىڭ مەبلىغىگە ئېھتىياجى بولمىسىمۇ، بىراق دىكتاتور سىياسەتلىرى بىلەن خەلقلەرنى ئېزىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا خىتاي بىلەن ئوخشاشلىقلىرى بار. ئۇلار غەربتىكى ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان كۆپ قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ ئورتاق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز قالدۇرۇلۇشىدىن قېچىپ خىتاينى ھىمايە قىلماقتا.

ھىدايەتۇللا ئەپەندى ناھايىتى ئەپسۇسلانغان ھالدا يەنە: «سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىسلام دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرگە مەيلى دىنىي قېرىنداشلىق ۋە ياكى ئەقەللىي ئىنسانىيلىق نۇقتىسىدىنمۇ پاسسىپ مەيداندا تۇرۇشى گەرچە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر مۇئامىلە بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭمۇ بۇ يىغىنلاردا ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىپ تېگىشلىك پىكىر قاتمىغانلىقى ۋە بۇ سۈكۈتتىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقى نۇقتىسىدىن تەشكىلاتىمىز تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بار ئىسلام تەشكىلاتىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىمىز» دېدى.

مەلۇمكى گەرچە كۆپ ساندىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە قارىتا كۆز يۇمۇپ ياكى ئىزچىل پاسسىپ مەيداندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار يەنىلا غەربتىكى مۇسۇلمان دىنىي جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ئورتاق ھېسداشلىقىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

رادىيومىزغا بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى يازمىچە يوللىغان، ئامېرىكادىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئاممىۋى ھەرىكىتىنى قوزغىغان يېتەكچىسى، بىرما تەسك تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىد مۇنداق دەپ ئىنكاس قايتۇرغان: «دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى يوئۇسېف ئال ئوتامېن، دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن خۇرسەنمان، لېكىن ئەپسۇسكى ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىغانلىقىدەك ئېغىر مەسىلىگە سۈكۈت قىپتۇ. ئەجەبا ئۇنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارا بولغان خىتاينىڭ دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتۇشتىن توسۇۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بولماي قالامدۇ ؟ مېنىڭچە دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ ئادىل ۋە توغرا بىر ئىسلامىي پرىنسىپ تىكلەپ، ئادالەتنى ياقلاشتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىگە خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم».

27‏-ماي كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال كاشىقچىنىڭ تۈركىيەدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك ئامېرىكا-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن. بۇ ۋەقە سەۋەبلىك دۇنيادا يېتىم قالغان سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتمەكتىكەن. ماقالىدە، شۇڭا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈتتە تۇرغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە 29-ماي كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى تېزدىن قويۇۋېتىشكە ئاشكارا چاقىرىق باياناتى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان رامىزان ئېيى مەزگىلىدە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ زور خورلىنىش ۋە قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھالغا تېزدىن خاتىمە بېرىپ، لاگېرلاردىكى بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشىغا ھەمدە ئۇلارنى ھېيت خوشاللىقىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويۇشقا چاقىرغانىدى.