مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان سۈكۈتى داۋاملىق غولغۇلا قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.09.04
karton-cartoon-lager.jpg بۇ كارتوندا، 22 دۆلەت ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاش توغرىلىق ئىمزا توپلىغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ 37 دۆلەتتىن قارشى قارشى ئىمزا توپلىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
RFA

31-ئاۋغۇست، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان «ھېرىتىز» (ئىسرائىلىيە تۇپرىقى) تورىدا سەباستىيان كاستلېر (Sebastian Castelier) ئىسىملىك ئاپتورنىڭ «دېڭىز قولتۇقى ئەللىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە خىتايدىن نەپ ئالدى» ناملىق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىل 7-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، ئوممان قاتارلىق دۆلەتلەر «خىتاينىڭ غەربى رايونىدا ياشايدىغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە» دەپ بىرلەشمە بايانات بەرگەن. ھالبۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن.

مەزكۇر ماقالىدە 2016-يىلدىن بېرى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ لاگېرغا سولىنىپ ئىمانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغانلىقى، 2015-يىلدىن 2018-يىلغىچە ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 60 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىنى تۇنجى قېتىم ۋە بىرلا قېتىم زىيارەت قىلغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا «قىلچە رەھىم قىلماسلىق» يوليورۇقىنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇقنىڭ 75 خىل ئىپادىسى» دېگەن ئۆلچىمى بويىچە ئادەم تۇتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەسچىت سىرتىدا ناماز ئوقۇغان، ھاراقنى تاشلىغان، ياش تۇرۇپ ساقال قويغان ياكى ياغلىق ئارتقانلارنىڭ ھەممىسى تۇتقۇن قىلىنغان. كۈلكىلىك يېرى شۇكى، مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ياغلىق ئارتىدۇ. ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەرلەر ئىنتايىن ئاز ئىكەن. بىر قېتىم ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر ئەرەبتىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقى ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ: «بۇ يەردە ھېچكىم ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانمۇ؟» دەپ جاۋاب بەرگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېڭىز قولتۇقى ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە جىم تۇرۇۋېلىشىدا، ئۆزلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خەلقنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىمۇ بىر سەۋەب ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى بەھرەيىندىكى ئەھۋالنىڭمۇ «قورقۇنچلۇق» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىمۇ «باشقىچە پىكىر قىلىدىغانلار» ئاسانلىقچە چىقمايدىكەن.

بەھرەيىندە تۇرۇۋاتقان پائالىيەتچى ئارسلان ھىدايەت بەھرەيىننى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق دېڭىز قولتۇقىدىكى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشىدا كۆپلىگەن سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ ئەللەردىكى مائارىپتا يېتىشكەن ئىنسانلاردا سىياسىي ئاڭنىڭ كەم بولىدىغانلىقى، دىنىي داھىيلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ «ئەمىرگە ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ» دېگەن ئېتىقاد بويىچە ھۆكۈمەتكە بويسۇنىدىغانلىقى، «ئەرەب باھارى» دىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ قارشى چىقالماس ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەرنى بېرىدىغان تاراتقۇلارنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ باياشات تۇرمۇشتا ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەنلىكى دېگەندەك سەۋەبلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى.

ماقالىدە يېرۇسالېم ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقاتچىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە دېڭىز قولتۇقى ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب ئەمەس، تۈرك ئىكەنلىكىدىن ئىكەن. شۇڭا ئۇلار دېڭىز قولتۇقى ئەللىرىدە پاناھلىق تىلىيەلمەيدىكەن. دېڭىز قولتۇقى ئەللىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردىن بەرسىمۇ ب د ت نىڭ 1951-يىلدىكى «مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى» غا قېتىلمىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇ دۆلەتلەردە پەقەت خىزمەت رۇخسىتى بىلەنلا تۇرالايدىكەن، ئەگەر خىزمىتىنى يوقاتسا، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن. «ئىككى ھەرەمنىڭ قوغدىغۇچىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھامىيسى» بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە خىتاينىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشنى خالىمايدىكەن.

ئارسلان ھىدايەت ئەرەب ئەللىرىنىڭ سۈرىيە ۋە پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغىمۇ پاناھلىق بەرمەيۋاتقان يەردە ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى، ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىدە ئۈممەت چۈشەنچىسىنىڭ ئاللىقاچان يوقالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ماقالە ئاپتورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشىدەك زور ۋەقە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقاندىن كېيىنمۇ رابىتۇل ئىسلام (خەلقئارا ئىسلام كېڭىشى) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق خەۋەر ياكى دوكلات ئېلان قىلمىغان. ئۇيغۇر بىلەن توي قىلغان بىر ئەرەبنىڭ ئاپتورغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دۆلىتى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ ئۇيغۇرلارنى قۇربان قىلغان ئىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلدىن كېيىن نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن دېڭىز قولتۇقى ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىپ، بارغانچە خىتايغا تايىنىدىغان بولۇپ قالغان. يەنە كېلىپ، دېڭىز قولتۇقى ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادنى كۆپ خىللاشتۇرۇش پىلانى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ماسلىشىپ قالغان. 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە خىتاينىڭ دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرگە سالغان مەبلىغى 50 مىلياردىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي بۇنى كوزىر قىلىپ، دېڭىز قولتۇقى ئەللىرىدىن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلغان. كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنىشىمۇ دېڭىز قولتۇقى ئەللىرىنى ئىقتىساد، سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم، دېڭىز قولتۇقى ئەللىرى ۋە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ خەلقئارا كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى، ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خېلى بىر مەزگىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

بۇ ماقالىدە ئاپتور يەنە خىتاي بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان ئىراننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىمۇ خىتاينى قوللايدىغانلىقى، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورناتقان تۈركىيەنىڭمۇ ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. 2009-يىل ئۈرۈمچىدە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە خىتاينى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى» دەپ ئەيىبلىگەن ئەردوغاننىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭدىن چوڭ قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكادىكى پرېزىدېنت نامزاتى جو بايدىننىڭ باياناتچىسىنىڭ ئۇ زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بىلدۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئەركىن ئەكرەم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ، خىتايدىن كېلىدىغان نەپ ئۈزۈلۈپ، خىتايغا بولغان قارشىلىق كۈچەيگەندە تۈركىيە ۋە باشقا ئەرەب ئەللىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارسلان ھىدايەت خىتاينىڭ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇشتا تۈركىيەنى بەكرەك دەستەك قىلىۋالغانلىقىنى، تۈركىيەدە بولسا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ زور دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ۋە باشقا ئەرەب ئەللىرىنى خىتايغا بېقىنمايدىغان قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: «دېڭىز قولتۇقى ئەللىرىنىڭ بۇ قىلمىشى ئېرىماس داغدۇر. پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزەل بۇنى مۇنداق خۇلاسىلىگەن: تارىخ مۇستەبىت زالىمنىڭ زۇلۇمىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ئۇچرىغان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشىنىمۇ ئۇنتۇمايدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.