ئىقتىسادقا تىز پۈككەن ئېتىقاد ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سۈكۈتى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي كوزىر ئارقىلىق، بولۇپمۇ ھۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۆتۈرەگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنى سىزغان سىزىقىدىن چىقالماس قىلىپ قويۇشى 2017-يىلىدىن باشلاپ يۇقۇرى پەللىگە چىققان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەندى. بولۇپمۇ ئىسلام ئەللىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قاتارلىق خەلقئارالىق سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سىياسەتلىرىنى ھېمايە قىلىپ ئاۋاز بېرىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن بۇ تېما ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دائىملىق سۆز تېمىلىرىدىن بولۇپ قالدى. ئەنە شۇ خىل ئاچچىق رېئاللىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئەنگلىيەدىكى «ئوچۇق مۇنبەر» ئاقىللار مەركىزى بىر قېتىملىق تور مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، «تاشقىي سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ خەلقئاراغا تونۇلغان مۇخبىرى لىننى دوننېل خانىم ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىپ كېلىشىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئارقىدىنلا ئۇيغۇر لاگېر شاھىدلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت ھەققىدە ئىشلەنگەن قىسقا فىلىم ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى ماھىيەتلىك رېئاللىقنى يىغىن ئەھلىگە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتىنى ئىسلام دۇنياسىغا «تېرورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش كۈرەش» دەپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قوللاشلىرىدىن قانداق پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەرقايسى مۇتەخەسسلەرنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلدى.

لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رەھىمە مەھمۇت بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھازىر ئالىقاچان سىستېمىلىق تۈس ئالغان قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ بولغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش ئىسلام ئېتىقادىغا ئەگىشىدىغان، ئۆزلىرىگە ھەمدەم بولىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىپ كەلگەن تۈركىي تىللىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بولسۇن ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام ئەللىرى بولسۇن ئۇلارنىڭ بىردەك ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمدەم بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن شۇ جايلارغا قېچىپ بارغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى يوشۇرۇنچە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كونتروللۇقىنىڭ بۇنىڭدىكى ھەل قىلغۇچ رولى ھەمدە بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان «ئىقتىسادىي ياردەم» نىڭ ھەممىنى ھەل قىلغۇچى باش ئامىل بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. جۈملدىن ئەينى ۋاقىتتا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى ئاشكارا ھالدا «قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي كوزىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىىسىدە سۈكۈتنى تاللاشقا مايىل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا قارىتا ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھېمايە قىلىۋاتقان ئەڭ ئاكتىپ كۈچلەرنىڭ بىرى پاكىستان بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ قوشنىسى بولغان پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قانداقلارچە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھېمايىچىسىگە ئايلاندۇرىۋالغانلىقى توغرىسىدا دوكتۇر مارىيا باستوس خانىم ئالاھىدە توختالدى.

مارىيا خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق خىتاينىڭ پاكىستانغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى، شۇنداقلا «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پاكىستاننىڭ ھۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشىدىن باشقا يەنە پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىسى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر بولغان سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئېھتىياجنىمۇ ئاساس قىلغان ھالدا راۋاجلانغان. بۇ خىل ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ھەر ئىككىسى قارشى تەرەپنى قوللاشقا، شۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ھېمايە قىلىشىنى قولغا كەلتۈرىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ «مەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى رېئاللىقنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن» دېيىشىدىن «بىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يېپىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز» دېيىشىگىلا بىر-ئىككى يىل كەتكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمغا پاكىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن پاكىستان ھۆكۈمىتى پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشتا تۇرىۋاتقان كەشمىر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىدە خەلقئارانى ئەيىبلش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىغا «قالقان» قىلىۋالماقتا ئىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆز قىلغان يەنە بىر مۇتەخەسسىس ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «يېڭى لىنىيە ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئەزىم ئىبراھىم بولدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلى ئىيۇل ئېيىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىدە ھاسىل بولغان 22 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان خەلقئارالىق ئىتتىپاققا قارشى ئۆز ئالدىغا 37 دۆلەتنى سەپەرۋەر قىلىپ «خىتاي ئىتتىپاقى» ھاسىل قىلغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتىلا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاينى ھېمايە قىلىشى ئاچچىق رېئاللىققا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. دوكتۇر ئەزىم ئىبراھىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق قىلىشى ھەمدە دۇنيانىڭ، جۈملىدىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشى ماھىيەتتە خىتاينىڭ بۇ خىل زۇلۇمنى ئۆزىنىڭ تەسىرى يەتكەنلىكى جايغا كېڭەيتىشىگە سۈكۈت قىلغانلىققا باراۋەر بولىدىكەن. ئەگەر بۇ ھال داۋام قىلسا تېخىمۇ كۆپ قىرغىنچىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى مەۋجۇت بولغان بېرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچىرىشى بۇنىڭدىكى بىر جانلىق مىسال ئىكەن. يەنە كېلىپ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يىگانە خىتاي كىملىكى ئاساسىدىكى «مىللىي دۆلەت» بەرپا قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى زۇلۇمنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ باشقا مىللەتلەرگە ۋە دىنلارغا يېيىلىشىغا يول ئاچماقتا ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ خىل ئۈلگىلەر ئالدىدا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھەقلىرىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن غەرپ دۇنياسى، جۈملىدىن گېرمانىيەگە ئوخشاش قۇدرەتلىك دۆلەتلەرمۇ خىتاي بىلەن بولىدىغان مىليارد-مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودىنىڭ مېھرىدىن كېچەلمەي ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆز يۇمماقتا ئىكەن.

يىغىننىڭ مۇھاكىمە باسقۇچىدا ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر ئىسلام دۇنياسى ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوخشىمىغان شەكىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سۆز قىلىۋاتقاندا خەلقئارادا بۇنىڭغا قارشى قانداق پىكىر ئېقىمىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش، ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە قانداق بېسىم قىلىش قاتارلىق بىر قىسىم ئاممىۋى چارىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يىغىندىن كېيىن رەھىمە مەھمۇت خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇشۇ خىلدىكى مۇھاكمىلەر ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. رەھىمە خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى «ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» شەكلىدە يوق قىلىشنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍ېتنىك ئالاھىدىلىكى ياكى ئىسلام ئېتىقادى بىلەن بەك چوڭ ئالاقىسى يوق ئىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار باشقا ھەرقانداق دىنىي ئېتىقادقا ئەگەشكەن ھالەتتىمۇ ئوخشاشلا ئۇلارنى يوقىتىشتىن ۋازكەچمەيدىكەن.

دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئوخشاش ھالدا ئىسلامنى ئۇلۇغلاپ ئۆتكەن ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئىسلام دۇنياسىدىكى يېتەكچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆزلىرىدىكى ئېتىقاد مۇقەددەسلىكىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىگە قۇل قىلىشقا رازى بولۇشى نۆۋەتتە خەلقئارادا كۆپلەپ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان تېمىلاردىن بىرى بولماقتا ئىكەن. ئەمما بىر قىسىم ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇ ھالغا قارىتا «زۇلۇم ھېچقاچان ھەقنى ئاداققى يوسۇندا بويسۇندۇرالىغان ئەمەس» دەپ قارىماقتا ئىكەن.