ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىۋاتقاندا ئەرەب ئەللىرى دىپلوماتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى مەدھىيەلىگەن
2020.10.30
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يېقىندا ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى.
بۇ دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارشى سادا چىقىرىشقا چاقىردى. ئۇ تونۇلغان ھىندىستانلىق ژورنالىست شېخار گۇپتانىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى تونۇشتۇرغان. شېخار گۇپتا بۇنىڭ بىلەن مايك پومپېيودىن «بىر قانچە مىليون مۇسۇلمان لاگېرغا قامالغاندا سۈكۈتتە تۇرغان مۇسۇلمانلارنىڭ ماكرون ۋە فىرانسىيە ھەققىدە بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ھاياجانلىنىپ كېتىشى ئارىسىدىكى بۇ كۈلكىلىك ئىشقا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغان.
مايك پومپېيو بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىپ: «مەنمۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمدىم، بىلەيمەن. بىراق مېنىڭ ئۈمىدىم بار. مەن خىتاينىڭ غەربىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن ھەر بىر ئىنساننىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈشىنى، بۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پەسكەشلىك، ئەڭ ئېغىر زۇلۇم دەپ تونۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭ بىزگە 1930-يىللاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنى سەمىمىزگە سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گېرمانىيە، ۋە پۈتۈن دۇنيا. مەيلى ئىسلام دۆلەتلىرى ياكى ھىندى دىنىدىكى دۆلەتلەر ۋە ياكى خرىستىئان دۆلەتلىرى بولسۇن، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا بۇنداق زۇلۇم قىلماسلىققا قايىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېگەن.
ھالبۇكى، مايك پومپېيونىڭ بۇ مەخسۇس سۆھبىتى ئېلان قىلىنغان مىنۇتلاردا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغانلىقى ۋە «بىز شىنجاڭ خەلقىنىڭ تىنچلىق، خۇشاللىق ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى ۋە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆردۇق» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردىن قارىغاندا، 10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدا 4 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان بولۇپ، «شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «تۆت كۈنلۈك زىيارەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى.»
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھازىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەردىنى غەرب دېموكراتىك ئەللىرى قىلىدىغان ۋە مۇسۇلمان ئەللىرى بولسا ئەكسىچە خىتاينىڭ دېپىنى چالىدىغان ھالەت شەكىللەنگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە بۇنىڭدا ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن باشقا، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئاساسەن دېكتاتور ھاكىمىيەتلەردىن تەشكىللەنگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئامىلنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
«شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىراق، بەھرەين، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى دىپلوماتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش، كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ رايوندىكى تېررولۇققا قارشى ئالغان تەدبىرلىرىنى مەدھىيەلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىر ئېغىزدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك مۇسۇلمانلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قاتتىق مەدھىيەلىگەن. پەلەستىننىڭ ۋەكىلى بولسا ھەتتا باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مۇسۇلمانلارغا خىتايدەك مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھالبۇكى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بولسا ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان ياشلارغا قىلغان سۆزىدە ئۇلارنى خىتاينىڭ بۇنداق تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىققا چاقىرىپ: «مەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھىندونېزىيەلىكلەرنى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم بىلەن كارى بولماسلىققا چاقىرغانلىقىنى بىلىمەن، ئۇلارنىڭ سىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ قالتىس خۇشال ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. . . ئەمما مۇشۇنداق مۇنازىرىلەرنى ئاڭلىغىنىڭلاردا پاكىتنى پەقەت قەلبىڭلەردىن ئىزدەڭلار. پاكىتقا قاراڭلار، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ كەچمىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا يۈز بەرگەنلەرنى ئاڭلاڭلار،» دېگەن ئىدى.