كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنى تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.11.23
nurmuhemmet-rozi.jpg 2006-يىلدىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىقامەت بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان، سەئۇدىغا بېرىپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن نۇرمۇھەممەت روزى.
Oqurmen teminligen

سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى 20-نويابىر كۈنى مەككە-مۇكەررەمنىڭ مىسفىلا مەھەللىسىدىكى بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرىنى تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇنلارنىڭ بىرى، بۇ يىل 2-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرى ھەجگە بېرىپ كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك تۈركىيەگە قايتالماي تۇرۇپ قالغان ھەمدۇللا ۋەلى، يەنە بىرى 2006-يىلدىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇش رۇخسىتى، يەنى ئىقامەت بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان نۇرمۇھەممەت روزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش رۇخسىتى ( ئىقامىتى) بار ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدۇر.

ھەمدۇللا ۋەلى بۇ يىل 7-ئايدىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستان ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىز-دېرىكى قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ چېگرادىن چىقسا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشتىن ئەنسىرەپ قېچىپ يۈرگەن. سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىزدەۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر شاھىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك ساقچىلار تۇتقۇنلارنى سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ شاھىت 23-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «شۇ كۈنى (ئۇلارنى) تۇتۇپ ئاپىرىپ شۇغ ۋالىدە بىر ساقچىخانا بار، ماۋۇلار بۇ ساقچىخانىنى دۆلەت بىخەتەرلىكنىڭ ساقچىخانىسى، دەيدۇ. شۇ ساقچىخانىدا سوراق قىلىپتۇ. شۇ يەردە سوراق قىلىپ بولۇپ جىددەگە يۆتكەپ كېتىپتۇ»، دېدى. ئۇ يەنە سەئۇدى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ نۇرمۇھەممەت روزى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان مىسفىلا مەھەللىسىدىكى ئۆيىگە 20-نويابىر شام بىلەن خۇپتەن ئارىلىقىدا بېسىپ كىرگەنلىكى، ئۇلار بېسىپ كىرگەندە ھەمدۇللا بىلەن نۇرمۇھەممەت ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بىر ئوتتۇرا شەرق دۆلىتىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە تۇتقۇنلار جىددە شەھىرىدىكى برىمان تۈرمىسىگە قامالغان بولۇپ، ئۇلار ئادۋوكات تەكلىپ قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەرەبىستاندا بىر ئادۋوكاتنى تۇتۇڭلار، دېگەن گەپ بويىچە ئاخشامدىن بېرى ئادۋوكات ئىزدەپ بىر ئادۋوكات تاپقان. ئۇ ئادۋوكات ‹بىر تەرجىمان بولسا ياخشى بولىدۇ، تەرجىمان بولمىسا بولمايدۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاخشامنىڭ ياقى تەرجىمان ئىزدەپ بىر قانچە ئادەملەر بىلەن كۆرۈشسەك بىرى مەن قىلىپ بېرەي تەرجىمانلىقنى دېدى. ئەمما ھازىرغىچىلىك ھەمدۇللالار بىلەن كۆرۈشمىدى. ‹ھەرىكەتكە ئۆتىمىز› دېدى، ئەمما ھازىرغىچىلىك ھېچقانداق خەۋەر يوق. ئۇلار ئىككىسى ھازىر برىمان، دەيدىغان بىر تۈرمە بار ئىكەن جىددىدە، شۇ يەردە ھازىر. تۈنۈگۈنكى خەۋەردە ‹تېخى سورا قىلماي تۇرۇۋاتىدۇ› دېگەن. بۈگۈن تېخى خەۋەر يوق».

ھەمدۇللا بىلەن نۇرمۇھەممەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى دەرھال كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ، سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇنلارنى نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ 23-نويابىر رادىيومىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز ھەمدۇللا ۋەلى ۋە نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. ئۇلار قايتۇرۇلسا، تەن جازاسىغا ئۇچراش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشتەك جىددىي خەۋپكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بىز سەئۇدى ھۆكۈمىتىنى تۇتقۇنلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئاشكارىلاشقا، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشكە، ئۇلار قىيىن-قىستاققا ئۇچراش خەۋپى بولغان خىتايغا قايتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا چارىمىز».

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشلۇق ئىقامىتى بار بولۇپ، بۇنىڭغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشىنى، ئۇلارنى تۈركىيە قايتۇرۇپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ باش كاتىپى نۇرەتتىن ئىزباسار 23-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ توغرىسىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يازغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى بىلەن كۆرۈشۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى قويۇقلىشىپ، تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ كەتكەن مەزگىلدە بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشنى خالاش-خالىماسلىقى مەلۇم ئەمەس. ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىگە ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنگەن. لېكىن تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرەتتىن ئىزباسارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرمەكچى ئىكەن. نۇرەتتىن ئىزباسار سەئۇدى ئەلچىخانىسى بىلەن كۆرۈشسە، ھەمدۇللا بىلەن نۇرمۇھەممەتنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 23-نويابىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ ئىشخانىسىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىدىكى ئىنكاسىنى سورىدۇق. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەكىلىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى تۇففۇل خانىم تېلېفوندا مۇخبىرىمىزغا «مەن سىزنىڭ ئېلخېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، مېنىڭ خىزمەتداشلىرىمنىڭ بىرىگە ئەۋەتىپ بەردىم. ئۇ سىزگە جاۋاب قايتۇرىدۇ. چۈنكى بۇ مەسىلە ئۇنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە» دەپ كۆرسىتىپ، خىزمەتدېشىنىڭ سوئالىمىزغا بۈگۈن يازما جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇرۇنمۇ ئاز دېگەندە 4 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى مايا ۋاڭنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىر توردا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يۇقىرىقى ئىككى ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەن.

ئۇ 22-نويابىر تىۋېتتىردا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «سەئۇدى ئەرەبىستاندەك ئۆزىنى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ رەھبىرى، دەيدىغان بىر دۆلەتنىڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن جازالايدىغان شىنجاڭغا قايتۇرۇشى ھەقىقەتەن چۆچۈتەرلىك ئىش» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.