9-دېكابىر تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام جامەسىنىڭ مەيدانىدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىلىشتا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن باياناتتا ھەر قايسى دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىلدى.
ئاخبارات باياناتى پائالىيىتىگە ئەنقەرەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى بۈلېنت يىلدىرىم، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، پارلامېنت ئەزالىرى، سابىق مىنىستىرلار، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، خەلق ئاممىسى، رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
مەزكۇر ئاخبارات باياناتىنى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئەنقەرەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى بۈلېنت يىلدىرىم ئەپەندى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق باشلىدى: «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زۇلۇم شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. كىچىك بالىلار ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىۋاتىدۇ. ئۇلار جازا لاگېرلىرىدا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى، 2017-يىلىدىن بۇيان 1200 ئەتراپىدا جازا لاگېرىدا 3 مىليون ئەتراپىدا كىشىنى تۇتۇپ تۇرماقتا. خىتاي زۇلۇمى ئاستا-ئاستا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ يول يورۇقلىرىنى، شېئىرلىرىنى يادلاتماقتا. كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ باشلىقىغا تەزىم قىلدۇرماقتا. بىز بۇ يەرگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلىىرنى يوق قىلىۋېتىش سىياسىتىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن جەم بولدۇق».

بۈلېنت يىلدىرىم ئەپەندى، باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن رايوندا ھەددىدىن تاشقىرى بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى مەزگىللەردە خىتاي بېسىمىنى كۈچەيتتى. خىتاي كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە سولاپ، ئۆيلەرنى لاگېرغا ئايلاندۇردى. ئادەملەرنى ئۆيلىرىدە ئاچ قويۇپ، كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. ھازىر شەرقىي تۈركىستان بىر مىللەتكە قارىتا سىستېمىلىق ھالدا يوق قىلىش سىياسىتىگە سەھنە بولماقتا. 2016-يىلىدىن بۇيان 3 مىليونغا ئەتراپىدا ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىدا ھەر خىل قىيناش، تەن جازاسى ۋە ئىسكەنجىلەرگە ئۇچرىدى، قۇل ئىشچىغا ئايلاندۇرۇلدى ۋە اياللار تۇغماس قىلىندى. مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرماقتا».
بۈلېنت يىلدىرىم ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنى خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردىن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنى، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەنىڭ جىددىي يىغىن چاقىرىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك. خىتاينىڭ ب د ت دىكى رەت قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشى كېرەك. خىتاي جازا لاگېرلىرىنى ئېتىۋەتكىچە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى كېرەك. خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تىجارەت شېرىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدۇر. شۇڭا ئىسلام دۇنياسى خىتايغا قارشى تىجارەت ئېمبارگوسى قويۇشى كېرەك. مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئاخباراتلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى خىتاينى جاسارەتلەندۈرمەكتە. مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلۇش مەقسىتىگە ماس كەلگەن ھالدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك».

ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى سۆزلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامەسىدە ئەنقەرەدە ۋە تۈركىيەدىكى نۇرغۇن جايلاردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن جەم بولدۇق. شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيەنىڭ، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد بىلەن كۈتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 16 مىڭ ئەتراپىدا جامەنى چېقىۋەتتى. بىرنەرسە دېمەمدۇ؟ مىليونلىغان ئادەم لاگېرغا تاشلانغان تۇرسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپپىتى تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتسا، بۇنىڭغا تىجارەت مەنپەئەتىنى دەپ قاراپ تۇرۇشقا بولامدۇ؟ شۇڭا بىز تۈركىيە باشتا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز».
پائالىيەت ئاخىرىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» غا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۈگۈن، 9-دېكابىر تۈركىيەدىكى 81 ۋىلايەتنىڭ كۆپىدىكى جامەلەردە جۈمە نامىزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. باياناتتا، دۆلەتلەر، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىلدى. بۇ پائالىيەت بۇندىن كېيىنمۇ پۈتۈن تۈركىيەدە ھەر جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.