ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي 21-ئاپرېل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» دە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نۆۋەتتىكى سىياسىي ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇنىڭ كونكرېت ھالقىلىرىنى شەرھلىگەن. ئۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»، «مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن. بۇ ئارقىلىق رايوندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت كومپارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2017-يىلى 18-ئۆكتەبىر كومپارتىيەنىڭ 19-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ۋاقىت دەل سابىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن ۋاقتىقا توغرا كېلىدۇ. چىن چۇنگو ۋە ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ما شىڭرۇي ئىزچىل ئۇيغۇر رايونىدا «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش» دېگەندەك سىياسەتلەرنى قاتىق ئىجرا قىلىپ كەلگەن.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۇي 27-ئاپرېل كۈنىدىكى تەكشۈرۈش خىزمەت يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق يولغا قويۇشنى قايتا تەكىتلىگەن.
خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىمۇ «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش» توغرىلىق مەخسۇس كۆرسەتمە بەرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئۇيغۇر دىنىي ئالىملىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى «خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشى» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «‹ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش› دېگەنلىك، ‹ئىسلام دىنىنى يوقىتىش› دېگەنلىكتۇر».
رادىيومىز لاگېرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندا خىتاي دائىرىلىرىنڭ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر دىني زاتلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى دەللىللىگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئانى كەرىمىنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان، 80 ياشتىن ھالقىغان ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەت سالىھ داموللاممۇ بار بولۇپ، مۇھەممەت سالىھ داموللام، 2017-يىلى 12-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ لاگېرىدا ۋاپات بولغانلىقى دەلىللەنگەنىدى.
2021-يىلى 13- ماي ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «ئىسلام بىر تەرەپ قىلىندى-خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىماملىرى ۋە دىنىي زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى» سەرلەۋھلىك دوكلات ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 2014-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئاز دېگەندە 630 ئىمام ۋە دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 18 كىشى تۇتقۇن مەزگىلىدە ئۆلۈپ كەتكەن.
لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى مەيلى لاگېر ئىچىدە ۋە ياكى لاگېر سىرتىدا بولسۇن ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئىسلام ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغان. ئىسلام دىنىدا يېيىش چەكلەنگەن چوشقا گۆشىنى مەجبۇرىي يېگۈزگەن. ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان قۇرئاننى يېغىپ كۆيدۈرگەن. ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى، ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كىيىم كىيىشى، ياغلىق ئارتىشى چەكلەنگەن. بالىلىرىغا مۇھەممەد، ئائىشە، مۇجاھىد دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش چەكلەنگەن، ئەگەر قويۇلۇپ بولغان بولسا ئۆزگەرتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ناھايىتى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىپ، چەتئەللەرگە ساياھەت قىلىشى لاگېرغا قامىلىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بولۇپ، جۈملىدىن ھەجگە بېرىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە مەسچىت- جامە قاتارلىق دىنىي قۇرۇلۇشلارنى ۋە قەدىمىي قەبرىستانلىقلارنى چېقىش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت 2018-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىققان.
2019-يىلى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى: ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مەقبەرىلىرىنىڭ چېقىلىشى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا مەسچىت، مازار، ۋە باشقا دىنىي سورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى 10 مىڭدىن 15 مىڭ غىچە قۇرۇلۇشنىڭ بەزىلىرىنى پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغان، بەزىلىرىنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرىنى چېقىپ تاشلانغان. چېقىلماي ساقلىنىپ قېلىنغان مەسچىتلەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېسىلغان لەۋھە، قۇببە ۋە ھىلال ئاي بەلگىلىرى بىردەك ئېلىپ تاشلانغان. رادىئومىزنىڭ 2020-يىلى ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا تەخمىنەن 1908-يىلىدىن بۇيان قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ دەرۋازىسىدا ئېسىقلىق تۇرغان لەۋھەنىڭ 2018-يىلى ئېلىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگو 2016-يىلى 8-ئايدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپلا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش» دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى دەسلەپتە «ئەسەبىيلىكنى، رادىكاللىقنى تۈگىتىش تەربىيەلەش مەركەزلىرى» كېيىنچە، «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» ياكى «مائارىپ بىلەن ئۆزگەرتىش تەربىيەلەش مەركىزى»، «تېخنىكا ئۆگىتىش مەركىزى» دېگەندەك ئوخشىمىغان ناملاردا ئاتالغان لاگېرلاردا مىڭلارچە ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش باھانىسىدە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىدەك بىر قاتار پاكىتلار ئاشكارىلىنىشقا باشلىغانىدى.
خىتاي ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتىدا ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە سولانغانلارنى «دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋان تېررورلۇق ئىدىيەسىدىن يۇقۇملانغان، شۇڭلاشقا ئۇلار بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان، دەپ تەشۋىق قىلغان. ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىدا ئاتالمىش كېسەللەرنى ۋاقتىدا داۋالاش ئۈچۈن، ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا تەربىيەلەپ مەركەزلىرى تەسىس قىلغانلىقى، ئاممىغا نىسبەتەن ھەقسىز «بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش» پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بارلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى ئىدىيەۋى جەھەتتىن كېسەل قاتارىدا كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتايدىن شۇنى سوراش كېرەك، كوممۇنىزمدىن ئىبارەت كېسەل ئىدىيە روھى كېسەللىكمۇ ياكى مېھىر- شەپقەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىسلام دىنى روھى كېسەللىكمۇ؟»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن 2017-يىلى 3-ئايدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» ماقۇللانغان بولۇپ شۇ يىلى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان. مەزكۇر نىزامدا ئۇيغۇر رايونىدا ساقال ۋە ھىجابنى مەنئى قىلىش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشىنى چەكلەش، نىكاھ ئوقۇشنى مەنئى قىلىش قاتارلىقلاردىن باشقا، ئۇنىڭغا 15 خىل يېڭى چەكلىمە قوشۇلغان. ئۇنىڭدا، ھۆكۈمەتنىڭ تېلېۋىزىيە، رادىيو قاناللىرىنى، باشقا ئاممىۋى ئەسلىھە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كۆرۈش، ئاڭلاش، ئىشلىتىشنى رەت قىلىش، ھالال سۆزىنىڭ مەنىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى غەيرىي يېمەك-ئىچمەكلەرگە قوللىنىش، كىملىك، نوپۇس دەپتىرى، خەلق پۇلى قاتارلىقلارغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش، بالىلاردا دىنغا بولغان ئىشتىياقنى قوزغاش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» دەپ قارىلىپ، جازالىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى تىنا مۇفورد بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «بۇ نىزامنامە بېيجىڭ ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى دىنى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەتلىرىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى»، دېگەنىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردا ۋە باشقا سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى مەدىھىيەلەشنى ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. بۇ خىل مەدىھىيە ئوقۇتۇش خىتاي تارىخىدا ماۋ زېدوڭدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم شى جىنپىڭغا ئوقۇتۇلغان.
ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى روزا تۇتۇش، قۇرئان ئوقۇش، ناماز- ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئەمما تۇرغۇن ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزان ئېيىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كوممۇنىست ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشنىڭ ھالقىلىق ۋاقتى دەپ قارىغان. ئۇلار رامزان ئېيىدا ھەر قايسى شەھەر، يېزا- قىشلاقلاردا ئەر- ئاياللار ئارىسىدا «ھاراق ئېچىش مۇسابىقىسى»، «مودا كىيىم مۇسابىقىسى» قاتارلىق كۆڭۈل- ئېچىش پائالىيەتلىرىنى، كوممۇنىزم ئىدىيەسى تەشۋىقاتىنى تارقىتىدىغان سىياسىي ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن.
مەلۇم بولغىنىدەك ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەر يىلى ئېلان قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئىزچىل خىتاينى دىنىي ئەركىنلىككە تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئەيىبلەپ كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا قارىماستىن، ئامېرىكانىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئۆتكەن يىلى 18-نويابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، « خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.» دېگەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈي گۇيشياڭ 22-ئاپرېل كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللەت، رايون، جىنس، ئېتىقاد جەھەتتىن كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالغان.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 25-ئاپرېل ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، «2021-يىلى، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئىزچىل ناچارلاشتى. ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ‹دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش› سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچلۈك يولغا قويۇپ، دىنىي گۇرۇپپىلار ۋە دىنغا ئىشەنگۈچىلەردىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە ئىدېئولوگىيەسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى» دېيىلگەن.
مەزكۇر دوكلات 25-ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئەپەندى يىغىنغا ئەۋەتكەن نۇتۇق سۆزىدە مۇنداق دېگەن: « بىز ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش دىنىي ھوقۇقلارغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەش ۋە جازالاشتا بەلگىلىك يول ئالدۇق. سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ھازىرقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى دانالىق بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ باھالىدى. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز يەنىلا نۇرغۇن».
ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتاينىڭ خەلقئاراغا داۋراڭ سېلىۋاتقان «دىنىي- ئېتىقاد ئەركىنلىكى» سەپسەتىسىنىڭ پەقەت قەغەز ئۈستىدىلا يېزىقلىق ئىكەنلىكىنى، خەلقئاراغا بەرگەن «دىنىي- ئېتىقاد ئەركىنلىكى» ۋەدىلىرىنىڭ كۆز بويامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.