«ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» يولىدا: ئىسلام بىلەن كۇڭزىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.08.08
meschit-xitaylashturush-AFP.jpg رامزان مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتنىڭ كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، يېڭىسار.
AFP

 دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نىڭ «بەش يىللىق پىلانى» نى رەسمىي خىزمەت ۋەزىپىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسلام دىنىنى چۆرىدىگەن باستۇرۇش تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى ماھىيەتتە «ئىسلام دىنىنى يوقىتىش» شەكلىدە بولۇۋاتقانلىقى مىڭلىغان مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، دىنىي كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى، نەچچە ئون يىللار ئىلگىرىكى ئىسلام تەربىيەسى ئۈچۈن ئەمدىلىكتە قاماققا ھۆكۈم قىلىشلاردىن مەلۇم بولدى. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دىنى بىلەن كۇڭزى تەرىقىتىنى بىرلەشتۈرۈش» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى نۆۋەتتىكى ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى رازى بولغان دەرىجىگە يەتمىگەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە مەسچىتلەردىن باشقا ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىنىمۇ ئېرىتىپ تۈگىتىش نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلىشقا باشلىدى.

ئىسلام دىنىنىڭ كەلگۈسى: «خىتايچىلىشىش» تىن «كۇڭزىچىلىشىش» قا قەدەر

30-ئىيۇلدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە چاقىرىلغان «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» تېمىسىدىكى يىغىندا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بىر ھادىسە بىر قىسىم يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى يۈ شاڭپىڭ، نىڭشيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سۇن جېنيۈ، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا دىنلىرى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى ۋېيجيەن، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ياۋ شۆلى قاتارلىقلار «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە «تېخىمۇ تېز ۋە ئۈنۈملۈك» تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ئىسلام دىنى بىلەن كۇڭزىچىلىق تەلىماتىنى بىرلەشتۈرۈش» تەك تارىخىي تەجرىبىنى تەتبىقلاش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تارىخىي ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تۇپرىقىدا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق يىلتىز تارتقان، دىن ياكى پەلسەپە سىستېمىسى دېيىشكىمۇ بولمايدىغان كۇڭزىچىلىق ئەقىدىسى بىلەن ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن بېرى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ئۇيغۇر دىيارىدا ھېچقاچان بىريەرگە كېلىپ باقمىغانلىقى مەلۇم. «ئاق كۆڭۈللۈك» ئاساسىدىكى ئەخلاق نورمىسىنى ئۆلچەم قىلغان كۇڭزىچىلىق ئەقىدىسى «مۇتلەق ئىتائەت» ۋە «ساداقەت» تىن ئىبارەت ئەنئەنىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭدا تۆۋەننىڭ يۇقىرىغا، پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىغا، ئايالنىڭ ئەرگە، پۇقرانىڭ پادىشاھقا بولغان ئىتائىتى ۋە ساداقىتى ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ۋە مۇتلەق ئىجرا بولۇشقا تېگىشلىك «قائىدە» ھېسابلىنىدۇ. دەل مۇشۇ خىل «ساداقەت ۋە ئىتائەت» مەزمۇنى تۈپەيلىدىن كۇڭزىچىلىق تارىختىكى بارلىق پادىشاھلارنىڭ بىۋاسىتە ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە ئەقىدىگە ئايلىنىشى، بۇ جەھەتتە بۇددىزم ياكى باشقا ھەرقانداق دىندىنمۇ بەكرەك زور نوپۇزغا ئىگە بولۇشىغا زېمىن ھازىرلانغان. ھالبۇكى كۇڭزىچىلىقنىڭ بۇ خىل يادرولۇق مەزمۇنى ھەق ۋە ئادالەتكە مۇتلەق ئىتائەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭمۇ ھەقلىرىنى قانۇنلاشتۇرغان، زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەيدىغان ئىسلام دىنى بىلەن زادىلا سىغىشالمايدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ توغرىدا مەسلىھەت بېرىۋاتقان خىتاي «ئۆلىمالار» ۋە «ئالىملار» نىڭ كۇڭزىچىلىق بىلەن ئىسلام دىنىنى بىرلەشتۈرۈش ھەققىدىكى تەشەببۇسى ھەققىدە سۆز بولغاندا رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى، ئەنگلىيەدىكى مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى داۋىد ستراپ (David Stroup) بۇنىڭ ھېچقانچە «يېڭىلىق» ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە تارىختىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى قوللىنىپ باققان ئۇسۇللاردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

 «بۇ ھەقىقەتەنمۇ كومپارتىيە دۆلىتى زور كۈچ بىلەن تەكىتلەۋاتقان بىر ھادىسە. يەنە كېلىپ بۇ ئاشۇ ‹بەش يىللىق پىلان› دا ئالاھىدە قىلىپ ‹ئىسلامنى ئەنئەنىۋى خىتايچە ئۇسلۇبتا چۈشىنىش› دېگەن شەكىلدە تىلغا ئېلىنغان. راستىنى دېگەندە كومپارتىيە دۆلىتىنىڭ بۇ قىلىۋاتقانلىرى مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى شەرقىي خىتاي بويىدا ياشىغان بىر قىسىم تۇڭگان ئۆلىمالىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى خىتايچە شەكىلدە شەرھلەش ئۇرۇنۇشلىرىنى تەكرارلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئاشۇ زاماندىكى تۇڭگان ئۆلىمالىرى باشلاپ بەرگەن ‹خەن كىتاب› (Han Kitab) توپلىمىدىكى ئەسەرلەر ‹قۇرئان› ، ‹ھەدىس› ۋە باشقا دىنىي ئەسەرلەرنى خىتايغا ماسلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ چىققان. بۇنىڭدا ئۇلار ئىسلام دىنىدىكى چۈشەنچىلەرنى كۇڭزى ئەقىدىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ئىسلامنى خىتايغا ئۇيغۇنلاشتۇرماقچى بولغان. ھازىر بولسا خىتاي كومپارتىيەسى بۇنى ئالاھىدە يېڭىلىق سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ.»

 دەرۋەقە خىتاي تارىخىدىكى مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە بىر قىسىم تۇڭگان ئۆلىمالىرى كۇڭزى ئەقىدىسى بىلەن ئىسلام دىنىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، ھۆكۈمرانلار تەبىقىسى بۇنىڭغا يول قويۇپلا قالماستىن يەنە بۇنىڭغا ئىلھام بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم تۇڭگان «ئۆلىمالىرى» كۇڭزى تەرىقىتىدىكى ئىسلام دىنى ئەقىدىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىغان چۈشەنچىلەرنى ئۆز ئالدىغا شەرھلەپ مۇرەسسە قىلدۇرماقچى بولغان. ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جون ۋالبرىج (John Walbridge) نىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاڭ دەييۈ (1570-1660) ، يۈسۈف ما جۇ (1640-1719) ، ليۇ جى (1670-1739) قاتارلىق شەخسلەر باشلاپ بەرگەن «خەن كىتاب» توپلىمى ئىسلام دىنىنىڭ ئەرەبچە دەستۇرلىرىنى بۇددىزم، تەرىقەتچىلىك ۋە كۇڭزىچىلىقنىڭ «ئەلگەكلىرى» دىن ئۆتكۈزۈپ خىتايچىغا تەرجىمە قىلغان. مەسىلەن، «پەيغەمبەر» دەپ ئېلىنغان ئەرەبچە تېكىست «ئەۋلىيا» (圣人) دەپ، «قۇرئان» بولسا «دەستۇر» (经典) دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ھالبۇكى خىتاي مەدەنىيىتىدە «圣人» سۆزى ئادەتتە «دانىشمەن» ، «كۇڭزى» ، «پادىشاھ» ، «بۇدساتۋا» ، «خىزىر» دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ، ئەسلىدىكى «مۇھەممەد پەيغەمبەر» دېگەن بىرلا ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان سۆز ئاشۇنداق كۆپ مەنىلىك سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن. «قۇرئان» نىڭ تەرجىمىسىمۇ شۇنداق بولغان. ئەنە شۇ يوسۇندا بۇ «ئۆلىمالار» ئىسلام دەستۇرلىرىنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىش شەكلىدە «كۇڭزىچىلىق بىلەن ئىسلام دىنىنى بىرلەشتۈرۈش» كە خىزمەت قىلغان. ئەمما ئەجدادلارغا ۋە يوسۇنلارغا ھەممىدىن بەكرەك مايىل بولغان كۇڭزى ئەقىدىسىدە ئاشۇلارغا چوقۇنۇشتىن باشقا يەنە كۇڭزىغا چوقۇنۇشمۇ مەركىزىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇ شۈبھىسىزكى ئىسلام دىنىدىكى بىر خۇدالىق ئەقىدىگە پۈتۈنلەي زىت كېلىدۇ.

خوڭكوڭ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جەيمىس فرانكېل (James D. Frankel) بۇ ساھە بويىچە مەخسۇس ئىزدەنگەن ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتىكى رادىيو زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ خىل «ئۆزلەشتۈرۈش» تىكى بەزى ھادىسىلەر توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

 «ئەمەلىيەتتە بۇ تېما دەل مېنىڭ تەتقىقات دائىرەم بىلەن باغلىنىدۇ. تارىخىي نۇقتىدىن ئالغاندا دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىن تارقالغان بىر دىن ھەرقاچان خىتاي تەۋەسىگە يېتىپ كەلگەندە ئۇلار قىلىدىغان بىرىنچى ئىش بۇ دىننىڭ كۇڭزى ئىدېئولوگىيە سىستېمىسى قوبۇل قىلالايدىغان شەيئى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش بولۇپ كەلگەن. چۈنكى كوڭزىچىلىق ھەرقاچان خىتايدىكى ھۆكۈمەتلەر ئېتىراپ قىلغان رەسمىي ئىدېئولوگىيە ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان ھەرقانداق شەيئى جەزمەن كوڭزىچىلىقنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى لازىم. ئىسلام، خرىستىئان دىنى ياكى بۇددىزم دېگەنلەرمۇ مۇشۇ ئەندىزە بويىچە ئىش كۆرگەن. شۇڭا مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلاردىن يېتىشىپ چىققان زىيالىيلار ئىمپېرىيە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقاندا كوڭزىچىلىقتىن ئىمتىھان بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار مۇسۇلمانلىق سالاھىيىتى بىلەن ئىسلام دىنىغا دائىر ئەسەرلەرنى كوڭزىچىلىق تەرىقىتىگە ئۇلار قوبۇل قىلالايدىغان شەكىلدە ئېلىپ كىرگەن. ھەم مۇسۇلمان ھەم كۇڭزىچى بولغان بۇ كىشىلەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن› خەن كىتاب ‹نامىدىكى بۇ توپلامدا ئىسلام ئەقىدىسىنى كۇڭزىچىلىقتىكى ئاتالغۇلار بىلەن تەرجىمە قىلغان ۋە شەرھلىگەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ خىل يوسۇندا خىتاي تارىخىدا ئۇزۇن مەزگىل دەۋران سۈرگەن «ئىسلام دىنى بىلەن كۇڭزىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش» ئەندىزىسىنى شى جىنپىڭنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم كۆتۈرۈپ چىققان. 30-ئىيۇلدا چاقىرىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يىغىندا بولسا ھەرقايسى خىتاي «ئالىملىرى» ۋە ئىسلام «ئۆلىمالىرى» ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى دەل ئاشۇ خىل «ئىسلام دىنىنى كۇڭزىچىلىق بىلەن يۇغۇرۇش» شەكلىدە ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ خىل ئۇرۇنۇشنىڭ مەنتىقىگە قايسى دەرىجىدە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز بولغاندا پىروفېسسور جەيمىس فرانكېل (James D. Frankel) بۇنىڭدىكى «مەنتىقە» نىڭ كىمگە مەنسۇپلۇقىغا قاراش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

 «بۇ ئاتالغۇنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىگە مەنمۇ بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. چۈنكى دىنغا ئائىت ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىلا مەنتىقىگە ئۇيغۇن، دېگىلى بولمايدۇ. ئىدېئولوگىيەگە مەنسۇپ ئىشلارمۇ شۇنداق. بۇ مەسىلىدە بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ھەققىدە سۆز قىلىۋاتىمىز. شۇنداق بولغاندا ‹ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش› خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنتىقىسى ۋە ئارزۇسى بويىچە قارىغاندا توغرا، دەپ قارىلىدۇ. ئەمما بۇ خىل خىتايچىلاشتۇرۇش خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ماددىلار بىلەن ماس كېلەمدۇ، دەپ سورىغاندا ئۇنداق ئەمەس. ‹ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش› ئىسلام دىنىنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن ماسلىشامدۇ، دەپ سورىغاندا بۇمۇ بىر چوڭ سوئال پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى ماددىلارنىڭ مەزمۇنى بويىچە بولغاندا مەن ئۇنى مەنتىقلىق بىر ئىش، دەپ قارىمايمەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ يەككە ھەرىكەت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن پىروفېسسورى خالىد بەيدۇن بۇنىڭ كۆپ قاتلاملىق بىر مەيدان سىياسىي كونتروللۇق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادىنى يوقىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنىڭ نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئاخىرقى نىشان بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

 «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئىشلار ھازىر قوشلاپ بولۇۋاتىدۇ، دېسەكمۇ بولىدۇ. دىنىي جەھەتتىكى زۇلۇملار ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇۋەتكەن بولسا، كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدىن باشقا بىرىگە سادىق بولۇشىدىن يۈرىكى مۇجۇلۇپ يۈرىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىكى ھەرقاچان ئاللاھقا سادىق بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زېمىننىڭ ئۆز قولىدا بولۇشىغا ھۆددە قىلالمايدۇ. بۇ بىرىنچى ئامىل. ئىككىنچىدىن، خىتاي ھازىر ‹بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى› نى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش تەلىپىنى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە ئالدىراۋاتىدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي 2015-يىلىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى باشلىۋەتكەن. بۇنىڭدا دىن ئەڭ چوڭ باھانە بولدى. يەنە شۇ سەۋەبتىن ئاياللار تۇغماس قىلىۋېتىلدى، ئىسلامى شەكىلدە كىيىنگەنلەر بىردەك تېررورلۇققا باغلاندى، ئارقىدىنلا لاگېرلار كۆپلەپ قۇرۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدا ئىسلام دىنىنى كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن يوقىتىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇپ خىتايغا تولۇقى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىشتەك زور پىلان ئورۇن ئالغان.»

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ۋەيران قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە ئىدېئولوگىيەنى سەپلەش ئۇرۇنۇشىدا نۆۋەتتە يەنە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كالامى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى قايتا تەرجىمە قىلىش ھەققىدە ۋەزخانلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرگە جىددىي تەييارلىقنىڭ باشلىنىپ بولغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

 

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.