خىتاينىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇنۇشلىرى (1)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا سادىر قىلىۋاتقان قەبىھلىكلەرنىڭ بىرى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەققىدىكى بايانلار ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ بۇ شوئار ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىڭلىغان ئىسلامىي ئىمارەتلەرنىڭ ۋە مەدەنىيەت نۇقتىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىۋېتىلىشى، مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ئالاقىسى ئۈچۈن لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىشى، ئىزچىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولۇپ كەلدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان بۇ ساھەدە كۆرۈلۈۋاتقان تەرەققىياتلار ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش-بېيجىڭدىن باشقۇرۇلىدۇ! »

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قانداق چىڭ تۇرۇش كېرەك؟ » تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان. بېيجىڭدىكى «مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى» نىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىنمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بۇنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرغان بىر قېتىملىق سىياسىي پائالىيەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەن. تېخىمۇ مۇھىمى يىغىندا خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز باشچىلىقىدىكى بىر قاتار ئىسلام «ئۆلىمالىرى» نىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ۋە «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىسلام مەكتەپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش» ، شۇ ئارقىلىق «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشى ۋە ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش» ھەققىدە دەبدەبىلىك ۋەدىلەرنى بېرىشى، بۇنىڭمۇ يەنە بىر ياقتىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق» يارىتىشتەك باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى بىر قەدەم ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەققىدىكى شوئارى ئەڭ دەسلەپ 2017-يىلى 18-ئۆكتەبىردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە شى جىنپىڭنىڭ ئاغزىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە بۇ قېتىمقى يىغىندا شى جىنپىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» نى بەك تەپسىلىي شەرھلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەت بۇنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان سۆز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان. دەرۋەقە بۇ زور قۇرۇلۇش 2019-يىلى5-يانۋاردا «بەش يىللىق پىلان» شەكلىدە رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيي ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە جاكارلانغان. ھالبۇكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسلام دىنىنى نىشان قىلغان ئىسلامى ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە ئىسلامى مەۋجۇتلۇقنى باستۇرۇش ھەرىكىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا ئوخشىمىغان كۆلەمدە باشلىنىپ بولغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ لاگېرلارغا قامالغان مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «د ئا ئى ش» (ISIS) بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ناماز ئوقۇغان، دىنىي تەلىم ئالغان ياكى ئۆيىدە «قۇرئان» ساقلىغان دېگەندەك ئەقەللىي دىنىي پائالىيەتلەر ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى كۆپ خىل ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولغان ئىدى. مالايسىيادىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئوسمان باكار (Osman Bakar) نىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە ئالدى بىلەن سىياسىي مەقسەتنى، ئاندىن قالسا مەدەنىيەت ئامىلىنى نەزەردە تۇتقان. چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ئىسلام دىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەنبەسى. ماۋ زېدوڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشى ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن يېڭىدىن بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىنى پەيدا قىلغانلىققا باراۋەر. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى تەھدىتلەرنى تولۇق تۈگىتىشتە «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەممىدىنمۇ مۇھىم، دەپ قارىغان.

رامزان مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتنىڭ كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، يېڭىسار.
رامزان مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتنىڭ كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، يېڭىسار. (AFP/AFP)

خوڭكوڭ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جېيمىس فرانكېل (James D. Frankel) بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشىدىكى «خىتايچىلاشتۇرۇش» نىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «خىتايچىلاشتۇرۇش» نۆۋەتتە پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا ئەۋج ئالغان سىياسىي ھەرىكەت بولۇپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ئىسلام دىنىنى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىش» تۇر. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان نەرسىلەردىن چۈشىنىشىمچە، خىتايچىلاشتۇرۇش دېگەنلىك ئىسلام دىنىنى خىتايچە مەدەنىيەت ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشى بىلەن ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشتۇر. ھازىر ئۇلار ئىسلام دىنىنىلا ئەمەس، مەنبەسى چەت ئەل بولغان بارلىق دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرىمىز، دەۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغىنى ئىسلام دىنىدىكى ئېلېمېنتلارنى ئاجىزلىتىش ھەمدە ئىسلام دىنىدىكى ‹ئەجنەبىي› چە خاراكتېرگە مەنسۇپ مەزمۇنلارنى يوقىتىشتۇر.»

دەرۋەقە، خىتاي كومپارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن تارتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئاتېئىزملىق تەبىئىتىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ ئۆلچەم بويىچە بولغاندا خىتاي كومپارتىيەسى ھېچقانداق دىنىي ئېتىقادنى، جۈملىدىن ئىسلام ئەقىدىسىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئىسلام دىنىمۇ ئوخشاشلا ‹قۇرئان› نى يادرو قىلغان تۈپ پىرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرىدىغان بولۇپ، شەخسنىڭ ياكى بىرەر پارتىيەنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ. ئەنە شۇ خىل مۇستەقىللىق ئامىلى دەل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «كونتروللۇق دائىرىسى» دە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» شامىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن تاكى نىڭشيا ۋە يۈننەن ئۆلكىلىرىگىچە يېيىلغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئەنگلىيەدىكى مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دېيۋىد ستراپ (David Stroup) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بۇ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقىنى مەنبە قىلغان ‹بىخەتەرلىك› تەدبىرى» دەپ كۆرسەتتى:

«2019-يىلى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ نامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ بەش يىللىق لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىكى بىر مەقسەت كومپارتىيە باشقۇرۇشىدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان كونتروللۇقىنى بەرپا قىلىپ چىقىش ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي مىقياسىدىكى ئاشۇ خىل دىنلارنى ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى خىتايچىلاشتۇرۇشتەك چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە ۋۇجۇدقا چىقتى. شۇڭا بۇنىڭدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇۋاتىدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇنىڭ دىننى ئۆزگەرتىش ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە پەقەت دىنىي ئېتىقادنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىدىغان قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەمما بۇ پەقەت باھانە-سەۋەب خالاس. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى كومپارتىيە ھەممىلا شەيئىگە ھۆكۈمران بولۇشى لازىم، دېگەن نىشانغا يېتىش. چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان نەرسىلەر ھەرقاچان كومپارتىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن خەۋپلىك سانىلىدۇ. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسى ئىسلام دىنىنى شەرھلەش ھوقۇقىنىڭ ئۆز قولىدا بولۇشىنى، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كومپارتىيە بېكىتىپ بېرىشى لازىملىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ساھەسىدە كۆپلەپ تىلغا ئېلىۋاتقان بىر ئامىل «دىننى سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش» بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق قىلىپ، «بىز ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتكە ماھىر بولۇشىمىز، شۇنىڭدەك شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىشىمىز لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىمۇ ئۇلار مەدەنىيەت بىلەن سىياسىينى بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئىش كۆرۈشنى كۆزلىگەن بولۇپ، ئىسلام دىنىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن قوللىنىشنى ئاشكارا تىلغا ئالغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ۋېين ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خالېد بەيدۇن (Khaled A. Beydoun) بۇ خىلدىكى دىننى ماسلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ مەنتىقسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ:

«بۇ يەردە ئاچقۇچلۇق بولغان بىر ئامىل شۇكى، خىتاي دۆلىتى كوممۇنىستىك دۆلەت، ئۇلار ئاتېئىزمنى تەرغىب قىلىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلار ھازىر خىتاي مىللىتىنىڭ ئالىي ئىرق ئىكەنلىكىگە مەستانە بولۇپ يۈرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىسلام دىنىنىمۇ خىتاي مەدەنىيىتىگە، خىتايلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە ۋە خىتاي مىللىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەجەللىك خاتالىقى. چۈنكى ئىسلام دىنى ھېچقاچان سوتسىيالىزم ياكى كوممۇنىزم بىلەن ماسلاشمايدۇ، ئۇلارنى ماسلاشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ. مېنىڭچە، ھازىر شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭ رايونىدا بولۇۋاتقان ئىشلار بۇنى بىزگە تولۇقى بىلەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىسلام دىنى نۇرغۇن ساھەدە كوممۇنىزم ۋە سوتسىيالىزم بىلەن ماس كەلمەيدىغان بولغاچقا، بىز ھازىر دىننى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش نامىدىكى قىلمىشلارنى، جۈملىدىن مۇسۇلمانلار جامائىتى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملارنى كۆرمەكتىمىز.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى ئۇيغۇر دىيارىدا باشقىچە شەكىل ئېلىش بىلەن بىرگە، يېقىندىن بۇيان بۇ ساھەدە «ئىسلام دىنى بىلەن كۇڭزىچىلىق تەرىقىتىنى بىرلەشتۈرۈش» تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى دىققەت قوزغىماقتا.