قارا دېڭىز بىلەن مارمارا دېڭىزىنى بىر بىرىگە باغلايدىغان قانال ئىستانبۇل لايىھەسى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان تەرىپىدىن 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر لايىھە قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن كۆتۈرەگە ئېلىنىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ژۇرنالىست ژالە ئۆزتۈرك خانىمنىڭ «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» دە ئېلان قىلغان يازمىسىدا، قۇرۇلۇشنى كۆتۈرەگە ئېلىش ئۈچۈن تۆت خىتاي شىركىتىنىڭ تەكلىپ سۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرگەن.
ژالە ئۆزتۈرك خانىم خىتاينىڭ مەبلەغ ۋە تېخنىكا كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىستانبۇل قانىلى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تۈركىيەدە يەرلىشىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۈچىنچى ئىستانبۇل كۆۋرۈكىگە مەبلەغ سالغان خىتاينىڭ بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئىستانبۇل ئايرودرومى ۋە دېڭىز پورتلىرىنى نىشان قىلغان خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈركىيەگە يەرلىشىشكە باشلىدى. خىتاي ئىستانبۇل قانىلىغا مەبلەغ سېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. كۈچلۈك ئىنشائات شىركەتلىرىگە ئىگە خىتاي ئىستانبۇل قانىلىنىڭ قۇرۇلۇشىنىمۇ كۆتۈرەگە ئالىدۇ.»
«سۆزچى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «قانال ئىستانبۇل دەپ يېزىلىدۇ، خىتاي ۋە قاتار دەپ ئوقۇلىدۇ» ناملىق ماقالىدە، ژۇرنالىست سەرپىل يىلماز خانىم مەزكۇر قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ماقالىدە خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە 30 مىليارد دوللار تەكلىپ سۇنغانلىقى، تۈركىيەگە جەمئىي 65 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر تۈركىيەنىڭ بۇ خىل غايەت زور سوممىلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا.
«قارار تېلېۋىزىيىسى» دە قويۇلىدىغان «ئورتاق ئەقىل» پروگراممىسىدا، كېلەچەك پارتىيەسىدىن تونۇلغان سىياسەتچى كانى تورىن ئەپەندىم قانال ئىستانبۇل لايىھەسىنىڭ خىتاي مەبلىغىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بىر مانېۋىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي پۇلى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن كېلىدۇ. ئىستانبۇل قانىلى لايىھەسى خىتاي پۇلى ئېلىپ قىلىش ئۈچۈن بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ. بىراق خىتاينىڭ پۇلى كىرگەن ھېچقانداق بىر يەر گۈللەنگەن ئەمەس.»
ئىقتىسادىي جەھەتتىن بارغانسېرى خىتايغا يېقىنلىشىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل قانىلى قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك سىياسىي جەھەتتىنمۇ خىتايغا بېقىندى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ قەرز قىلتىقى سىياسىتى سەۋەبلىك ۋەيران بولغان ۋە مۇستەقىللىقى تەھدىت ئاستىدا قالغان دۆلەتلەرنى مىسال كۆرسىتىپ، تۈركىيەنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرماقتا.
خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قەرز قىلتىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە پاسسىپ قېلىۋاتقان تۈركىيەدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقنىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
داڭلىق ژۇرنالىست ئاكىف بەكىنىڭ «قارار گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئاۋازى دەپ قارىلىۋاتقان دوغۇ پىرىنچەكنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىشىنىڭ، تۈركىيەنىڭ خىتاينى ئاچچىقلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىشىنىڭ ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئىستانبۇل قانىلى لايىھەسىگە باغلاپ ئانالىز قىلغان. ئىستانبۇل قانىلى سەۋەبلىك تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي ئالدىدا سۈكۈت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىسكەندەر ئۆكسۈز تەرىپىدىن «قارار گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «گېلىمىزنى سىقمىسۇن» ناملىق ماقالىدە ئاپتور خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش سىياسىتى ئوچاقلارنى ئۆچۈرىدۇ. مىساللىرىدىن بىرى سىرىلانكانىڭ بېيجىڭ بىلەن ئىمزالىغان پورت قۇرۇلۇشى كېلىشىمى.
سىرىلانكانىڭ ئون يىلدا غايەت زور سوممىلىق قەرزگە بوغۇلۇشىغا سەۋەب بولغان كېلىشىمنامە سەۋەبلىك، ھۆكۈمەت مىليارد دوللارلىق پورت بىلەن 15 مىڭ گېكتار يەرنى خىتايغا 99 يىللىق ئىجارىگە بېرىشكە مەجبۇر بولدى. ‹قەرزگە بوغ ۋە يۇتۇۋەت› تاكتىكىسىنى يولغا قويغان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قورالىنى ئىشلىتىش مىتۇدى ئىستانبۇل قانىلى لايىھەسىدە دىققەت تارتماقتا.»
لىۋېرپول ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي سىياسىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور جەرەن ئەرگىنىچ «بىر گۈن» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك خىتايدىن قەرز ئالغانلىقىنى، بۇ خىل قەرز ئېلىش ۋە مەبلەغ سېلىش ھەرىكەتلىرى ئاشكارىلانغانچە، تۈركىيەنىڭ قەيەردە تۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ژۇرنالىست كامۇران ئەپەندىم مەزكۇر لايىھە ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ خىتاينى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىستانبۇل قانىلى قۇرۇلۇشى ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
كامۇران ئەپەندىم بۇ ھەقتە سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي قۇرغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان سىياسىي مۇناسىۋەتلەردۇر. خىتاي ئىستانبۇل قانىلى لايىھەسىنى كۆتۈرەگە ئالسا ئاق پارتىيە ھۆكۈمەت بېشىدىلا بولىدىكەن، خىتاينىڭ تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. خەلقىنىڭ 80 پىرسەنتى قارشى بولغان بىر لايىھەگە مەبلەغ سېلىش ۋە قۇرۇلۇشىنى كۆتۈرىگە ئېلىش خىتايغا كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. خىتاي بۇ قۇرۇلۇشنى كۆتۈرەگە ئالسا، تۈرك خەلقى بەدەل تۆلەشكە ھازىر بولۇشى كېرەك.»
خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىستانبۇل قانىلى قۇرۇلۇشىنى كۆتۈرەگە ئېلىش مەسىلىسى بىلەن بىرگە ئىستانبۇل قانىلى قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارمۇ ئۇلغىيىشقا باشلىغان.
خىتايدا ياشايدىغان تۈرك ژۇرنالىست كامۇران كىزلاك ئەپەندىم «بىر گۈن» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «ئىستانبۇل قانىلى ۋە خىتاي» ناملىق ماقالىسىدە، قانال ئىستانبۇل قۇرۇلۇشىنىڭ مونتىرو كېلىشىمنامىسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ رۇسىيەگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئىستانبۇل قانىلى قۇرۇلۇشىنى كۆتۈرەگە ئېلىش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بىراق بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئىستانبۇل قانىلى قۇرۇلۇشىنىڭ رۇسىيەنى تۈركىيەدىن ئۆتىدىغان «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن بىر تىرىشچانلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئەنگلىيە مەركەزلىك HSBC بانكىسى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ مۇدىرى سېلىم كەرۋانجىنىڭ ئىستانبۇل قانىلى ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە، مەزكۇر لايىھەنىڭ رۇسىيەنى «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىغا قېتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كامۇران ئەپەندىم بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› قۇرۇلۇشىنىڭ ئىچىدىكى دۆلەت. رۇسىيەنىڭ ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىستانبۇل قانىلىغا ئېھتىياجى يوق. ھەتتا ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› قۇرۇلۇشىغىمۇ قانچىلىك ئېھتىياجى بار، ئېنىق ئەمەس. قارا دېڭىزدا قىرغىقى بولغان، ئىستانبۇل ۋە چاناققەلئە قولتۇقىدىن نورمال پايدىلىنالايدىغان رۇسىيەنىڭ ئىستانبۇل قانىلىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتىش رېئاللىقنى بۇرمىلاشتۇر.»
مۇتەخەسسىس مەمەت توختى ئاتاۋۇللا ئەپەندىم زىيارىتىمىز داۋامىدا، ئىستانبۇل قانىلىنىڭ «بىر يول بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىمىزغا تەپسىلىي جاۋاب بەردى.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ تۈركىيەدە خەلق تەرىپىدىن ئانچە قارشى ئېلىنمىغان قانال ئىستانبۇل قۇرۇلۇشىنى كۆتۈرەگە ئېلىشى خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ دەپ قارىماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاق پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىيەنىڭ بۇ خىل زور سوممىلىق مەبلەغ سەۋەبلىك خىتاي ئالدىدا سىياسىي مۇستەقىللىقىنى يوقىتىش ئېھتىماللىقىمۇ كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.