«سۆيگۈ بىر-بىرىمىزگە، تىنچلىق ھەممىمىزگە» دېگەن نام بىلەن بۇ يىل 23-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن 23-خەلقئارا ئىستانبۇل مەدەنىيەت-سەنئەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مايبوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى.
بۇ فېستىۋالدا 64 دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قول-ھۈنەر ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر رەسسام غۇلامىدىن ئابدۇنىيازۇف ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ئۆزى سىزغان ماي بوياق رەسىملىرىنى كۆرگەزمىگە قويدى.
كۆرگەزمىگە غۇلامىدىن ئابدۇنىيازۇف تەرىپىدىن گۈزەل ئەتلەس رەختلىرى سۈرىتى، تۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلغان قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، چالغۇ-سازلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تۇرپان ئۆيلىرى قاتارلىقلار سىزىلغان قاپاقلار قويۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئىستانبۇل-بۈيۈكچەكمەجە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق مەدەنىيەت-سەنئەت فېستىۋالى 64 دۆلەت ۋە رايوندىن 1480 سەنئەتچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 29-ئىيۇل باشلانغان بولۇپ 6-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىكەن. فېستىۋال مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى ئېسىلغان بولۇپ، ئۇ بايراقلارنىڭ قاتارىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىمۇ لەپىلدەپ جەۋلان قىلغان.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمام ئوغلى قاتنىشىپ ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ بۇ فېستىۋالنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلقى فېستىۋالنىڭ تېمىسى ئېكولوگىيە. دۇنيا پۈتۈن ئىنسانلارغا مەنسۇپ، چېگرالار دۆلەتلەر ئارىسىنى بەلگىلىگەن تەقدىردىمۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنياغا خىزمەت قىلىش ۋە دۇنياغا زىيان يەتكۈزمەستىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش ۋەزىپىسى باردۇر، پۈتۈن دۇنيا رەھبەرلىرى بۇنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دەپ بىلىشى كېرەك».
فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان بۈيۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى دوكتۇر ھەسەن ئاقگۈن بۇ فېستىۋالنىڭ 23 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۈيۈكچەكمەجە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت بىلەن بىرلىكتە دۇنيا دوستلۇقى ۋە تىنچلىقىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە دۇنيادا تىنچلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ فېستىۋالنى 23 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، دۇنيادا ئۇرۇش چىقمىسۇن، دۇنيانىڭ ھېچ قانداق يېرىدە ئۇرۇش بولمىسۇن، ئىنسانلار ئۆز-ئارا ئۇچرىشىپ چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ بۇ دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل ھالغا كەلتۈرسۇن. ھەر تۈرلۈك ئۇرۇشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، سۆيگۈ بىر-بىرىمىزگە تىنچلىق ھەممىمىزگە يار بولسۇن دەيمىز».
كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىيىم مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئەتلەس ۋە شايى ياغلىق بىلەن ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇر قىزىنى تەسۋىرلەپ سىزغان گۈزەل مايبوياق رەسىمى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رەسسام غۇلامىدىن ئابدۇنىيازۇف ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
غۇلامىدىن ئابدۇنىياز ئەپەندى بۇ فېستىۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ قاپاققا مايبوياقلىق سۈرەت سىزىش سەنئىتىنى نامايان قىلىپ كۆرگەزمە ئاچقانلىقىنى ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ قىزىقىپ كۆرۈۋاتقانلىقىنى، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىغا ھېسداشلىق قىلىپ ياخشى تىلەكلەر بىلدۈرۈشكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
غۇلامىدىن ئابدۇنىيازوف ئەپەندى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى بۈيۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى دوكتۇر ھەسەن ئاقگۈن ئەپەندىنىڭ زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئاي يۇلتۇزلۇق تۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان قاپاق ھەدىيە قىلغانلىقىنى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
غۇلامىدىن ئابدۇنىيازوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ بىر رەسسام ئىكەنلىكىنى، بىراق قاپاققا مايبوياق بىلەن رەسىم سىزىشنى 2015-يىلىدىن باشلىغانلىقىنى، قاپاققا مايبوياق رەسىم سىزىدىغان ئىشلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇنىڭ ھازىر يوق بولۇپ كېتىشنىڭ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە بۇ فېستىۋالنى ئويۇشتۇرۇشتا ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقان قازاق مەسئۇل ئايگۈل ھاشىمزادە بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئايگۈل ھاشىمزادە بۇ فېستىۋال توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «23-خەلقئارالىق مەدەنىيەت-ھۆل-ھۈنەر سەنئەتلىرى ۋە خەلق ئۇسۇللىرى فېستىۋالى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، بۇ فېستىۋالغا 64 دۆلەتتىن 120 قول-ھۈنەر سەنئەت ئۇستىلىرى قاتنىشىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى 7-ئەۋلاد قول ھۈنەر سەنئەت ئۇستىلىرى، بەزىلىرى 3-ئەۋلاد ئۇستىلىرى، بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ فېستىۋالدا مىللىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىۋاتىمىز».
ئايگۈل خانىم بۇ قېتىمقى فېستىۋالنىڭ 23-نۆۋەتلىكى ئېچىلىۋاتقان بولسىمۇ تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرگەزمە ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار تۇنجى بولۇپ قاتنىشىۋاتىدۇ، سۇ قاپىقى مۇنداقچە قارىغاندا ئادەتتىكى بىر ئۆسۈملۈكتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئانادولىيەدە ئۇنى قۇتىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىدۇ، سۇ قۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، ئەمما غۇلامىدىن ئۇستىمىز ئۇنى مايبوياق بىلەن تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي قىياپەتلىرىنى نامايان قىلدى. مەن بۇنىڭدىن بەك پەخىرلەندىم. چۈنكى قاپاق ئۈستىگە مايبوياق بىلەن سىزىلغان مىللىي مەدەنىيەتلىك بۇ كۆرۈنۈشنىڭ يېنىدا تۇرغاندا مەن ئۆزۈمنى خۇددى شۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلدىم».
ئايگۈل خانىم ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان تۈرك خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشى بىلىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ، بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا، قەلبىمىز سىلەر بىلەن بىللە دېگەندەك كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى سۆيۈپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنى ھەر دائىم قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئايگۈل خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇزىنىڭ بىر قازاق قىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قېرىنداش دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «بىز قازاق خەلقىدە مۇنداق بىر ماقال-تەمسىل بار، ‹قارىشىڭدىكى دۈشمەننىڭ كىم بولۇشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى يېنىڭدا كىملەرنىڭ بولغىنىدۇر›. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېنىدا قازاقلار، ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار، تۈركمەنلەر ۋە تۈرك قېرىنداشلىرى بار، بىز بىرلىك-باراۋەرلىك ئىچىدە بولساقلا قارىشىمىزدىكى دۈشمەننىڭ كىم بولۇشىنىڭ كارايىتى چاغلىق».
بىز يەنە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان بىر قانچە كىشى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئەردىن ئېلى ئىسىملىك تاتار زىيارەتچى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆزلىسەم يۈرىكىم ئېچىشىدۇ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت-ئۆرپ ئادەتلىرىنى، مۇزىكا-سەنئەتلىرىنى ياخشى بىلىمەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئۇيغۇرلار قابىلىيەتلىك خەلق، ئۇلار ئۈمىدىنى، ئىشەنچىنى يوقاتماسلىقى كېرەك».
ئەيلۈل سىلا ئوناي ئىسىملىك تۈرك قىزى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ياخشى بىلىمەن، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدۇ، پۈتۈن تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىش يىلتىزى ئۇيغۇر ۋە كۆكتۈرك دۆلەتلىرىگە تۇتىشىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىمەن. بۇ كۆرگەزمىدە مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بۇيۇملىرىنى ھەيرانلىق بىلەن كۆرۈپ چىقتىم، بولۇپمۇ گۈزەل بويالغان قاپاقنىڭ ئېچىلىپ يېپىلىدىغان ئىشىكى مېنى ھەيران قالدۇردى».