«پىكىردە بىرلىك ۋە مۇجادىلە مۇنبىرى» نامى ئاستىدا 27 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 4-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك خەلقى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىلدى.
نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان «پىكىردە بىرلىك ۋە مۇجادىلە مۇنبىرى» نىڭ رەئىسى كۇرشات مىجان ئىسلام دۇنياسىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردىن پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا شۇنى جاكارلايمىزكى، ئەمدى بولسىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈڭلار! ، نالە-پەريادلىرى بىلەن ئاسمان-زېمىننى تىترىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نىداسىغا قۇلاق سېلىڭلار، بۇ زۇلۇمنى توختىتىڭلار!».
«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاۋاز قوشۇڭ» دېگەن شوئار ئاستىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىغا ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 1000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
نامايىشچىلار بىردەك: «ئۈرۈمچىنى كۆيدۈرگەنلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا كۆيسۇن»، «قاتىل خىتاي ھېساب بەرسۇن»، دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.
خىتاي كونسۇلخانىسىغا بارىدىغان كوچىنىڭ ئېغىزى تۈرك ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇق قۇرۇلۇپ قاتتىق قوغدالغانلىقى سەۋەبىدىن نامايىشچىلار نىشان قىلغان ئورنىغا يېقىنلىشالماي نامايىشنى دېڭىز بويىدىكى چوڭ يول ئۈستىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى.

نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان «پىكىردە بىرلىك ۋە مۇجادىلە مۇنبىرى» نىڭ رەئىسى كۇرشات مىجان مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان قېرىنداشلىرىمىزغا ئېغىز زۇلۇم سېلىۋاتىدۇ، سىستېمىلىق بىر شەكىلدە ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ».
كۇرشات مىجان سۆزىدە، ئىسلام دۇنياسىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردىن پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا شۇنى جاكارلايمىزكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئەمدى بولسىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈڭلار! ، نالە-پەريادلىرى بىلەن ئاسمان-زېمىننى تىترىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نىداسىغا قۇلاق سېلىڭلار، بۇ زۇلۇمنى توختىتىڭلار!».
كۇرشات مىجان سۆزىدە يەنە پۈتۈن ئىنسانلارنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «دىن ۋە قان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن يەنە شۇنى تەكىتلەيمىزكى، خىتاينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالمايلى، ئىستېمال قىلمايلى، خىتاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلايلى!».
كۇرشات مىجان ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كۇرشات مىجان سۆزىدە يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيتىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا بىر تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن، مۇستەقىل بىر ھەيئەت تەشكىللەپ شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىشىنى ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، قان-قېرىنداشلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى كېرەكلىك قەدەم بېسىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
24-نويابىر ئۈرۈمچىدە ئوت كېتىشى ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، بۇرسا، قارابۈك، قاھرامانماراش، باتمان، نەۋشەھىر قاتارلىق شھەرلىرىدە كۆپلىگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خەلق ئاممىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش-يوقىتىش سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئېلىپ بارماقتا.
4-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ ۋە تارىخى جامەسى بولغان فاتىھ جامەسىنىڭ مەيدانىدا، شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى جەمئىيىتى ۋە ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى ياشلار شۆبىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
شۇ كۈنى ئەتىگەندە يەنە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالىدىدا خەلق ھەرىكىتى نامىدا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار نامايىش ئېلىپ باردى. چۈش ۋاقتىدا يەنە 27 تۈرك ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاۋاز قوشۇڭ» دېگەن شوئار ئاستىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشتا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى. شۇ كۈنى كەچ سائەت 20:00 دە يەنە «ئاناتولىيە گەنچلىك» تەشكىلاتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشتا سۆز قىلغان ئانادولىيە گەنچلىك تەشكىلاتى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى مەھمەت يارئوغلۇ، «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۇيۇشتۇرغانلىقى» نى بىلدۈردى.
مەھمەت يارئوغلۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر ساھەدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى، دىنى ئېتىقاد ۋە پىكىر ئەركىنلىكلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكى، جازا لاگېرلىرىدا ۋە سىرتتىمۇ ھەم ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشاشقا مەجبۇرلانغانلىقى، جىسمانىي ۋە روھى پسىخىكا جەھەتتە قىيىن-قىستاقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق ھەقىقەتلەرنىڭ ئۆزىنى قاتتىق قايغۇغا سالغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھمەت يارئوغلۇ سۆزىدە يەنە باشتا تۈركىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنى «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقلىق تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ، خىتايغا قارشى ئورتاق ھەرىكەتكە ئۆتۈش» كە چاقىرىق قىلدى ۋە ھەر ساھەدە بۇ مەسىلىسى ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.