خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، «ھۆر دۇنيادا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىملىرى، زىيالىيلىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۇيغۇر كىملىكى، مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە ئىسلامىي ئېتىقادىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تەلىم – تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك»، دېدى.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى 8 – ئاۋغۇست كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسىنىڭ تارمىقىدىكى تەلىم –تەربىيە مەركەزلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2021-2022- يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

2012- يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ، تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى قارمىقىدىكى سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەيپۇللا ئەزىزى، بۇ بىر يېرىم يىل جەريانىدا ئېلىپ بارغان ئوقۇ – ئوقۇتۇش پروگراممىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر يېرىم يىل ئىچىدە 5 ئوقۇتقۇچى ۋە 50 ئوقۇغۇچىدىن تەركىب تاپقان سۇتۇق بۇغراخان تەلىم – تەربىيە مەركىزى ھازىر 25 ئوقۇتقۇچى بىلەن 350 ئوقۇغۇچىغا ئىلىم بېرىۋاتقان، كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە سىستېمىلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا ئىگە بولغان بىر تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە ئايلاندى. باشلانغۇچ 1- 2- 3- 4- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىمىز نەتىجىسى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. مەركىزىمىز ئۇلنى ئەڭ دەسلەپتىكى باسقۇچتىن باشلاشنى مەقسەت قىلىپ، 4- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى نۇقتىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تەييارلىق قىلدۇرۇش ئۈچۇن سىنىپ تەسىس قىلدۇق، بۇنىڭدا ئۇلار ئالاھىدە نەتىجىلەرنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىر يىل تەييارلىق قىلغان ۋە ئىمتىھانغا قاتناشقان 25 ئوقۇغۇچىدىن 20 ئوقۇغۇچى دۆلەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆتتى. 5-، 6-، 7-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن مەركىزىمىزدە ئوقۇغان 50 ئوقۇغۇچىدىن 38 نەپىرى ئوقۇۋاتقان سىنىپىنى ئەلاچى بەلگىسى بىلەن پۈتتۈردى».
سەيپۇللا ئەزىزى سۆزىدە يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مائارىپ- بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. غايىگە يىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئالىي مەلۇماتلىق ئوقۇتقۇچىلار، سىياسىي ئەربابلار، ھەربىي قوماندانلار، دىنى ئالىملار، ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى، ئىلىم-پەن سەرخىللىرى، دوكتور- ئىنژېنېرلار جۈملىدىن دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى تونۇيدىغان ياراملىق ئىز-باسارلار پەقەت مائارىپ ساھەسىدە تەربىيەلىنىپ يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ياشاۋاتقان دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسى بىلەن تەڭ قەدەمدە ماڭالايدىغان ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ سىستېمىلاشقان بىر مائارىپ سىستېمىسى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش پروگراممىسى تۈزۈپ چىقىلىشى ۋە مۇھاجىرەتتە ئىلىپ بېرىلىۋاتقان مەۋجۇت ئوقۇتۇش پروگراممىلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئېھتىياجى ھەم زامانىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا يېڭىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك».
مۇراسىمدا يەنە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى پەخرىي رەئىسى پروفېسسور جەلال ئەرباي، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىقلار سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنى مىللىي مەدەنىيەت بىلەن يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا ھەرقايسى سىنىپلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپا ھالەتتە سەھنىگە چىقىپ ھەرخىل تېمىلاردا شېئىر ئوقۇپ، نومۇر كۆرسىتىپ پائالىيەتنى تېخىمۇ جانلاندۇردى.
مۇراسىم ئاخىرىدا ئەلاچى ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا سومكا قاتارلىق ھەر خىل ماددىي بويۇم تەقدىم قىلىندى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساپاكۆي تەلىم-تەربىيە مەركىزى يېتەكچىسى ئالىمجان سابىرى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ۋە ئوقۇتۇش دەرسلىكلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەتلىك مەكتەپتىكى دەرسنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارغا كۈچەيتىش ۋە تولۇقلىما دەرسى ئۆگىتىپ كېلىنمەكتە. ھەپتىدە ئۈچ كۈن، ھەر كۈنى ئۈچ سائەت ماتېماتىكا، پەن بىلىملىرى ۋە تۈرك تىلى دەرسلىرى ئۆتىلىدىغان بولۇپ، يەنە ئۈچ كۈن دىن – ئەخلاق ، قۇرئان كەرىم ، ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت دەرسلىرى ئۆتۈلىدىكەن.
ئالىمجان سابرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇتۇق بۇغراخان تەلىم – تەربىيە مەركىزىدە ئوغۇل – قىز بولۇپ 160 ئۇيغۇر بالا دەرس ئوقۇۋاتقان بولۇپ، يازلىق تەتىلدىكى دەرسلىككە قاتناشقان بالىلارنىڭ سانى 350 دىن ئېشىپ كەتكەن . ئۇلارنىڭ 200 نەپىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، 150 نەپىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.
ئالىمجان سابىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەننىي جەھەتتىن ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن تەڭ نىسبەتتە دەرسلىك پروگراممىسى تۈزۈپ ئۆگىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرستىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.