ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان يۈرۈشى ۋە نامايىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

23-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «muştu gençlik» (خۇش خەۋەرچى ياشلىق) نامدىكى تۈرك ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئۈسكۈدار رايونىدا شەرقىي تۈركىستان يۈرۈشى ۋە نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا، «مۇسۇلمانلار زۇلۇمغا سۈكۈت قىلمايدۇ»، «قىزىل خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ يۈرۈش قىلدى.

«muştu gençlik» (خۇش خەۋەرچى ياشلىق) نامدىكى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «شەرقىي تۈركىستان يۈرۈشى ۋە نامايىش» پائالىيىتىدە تەتقىقاتچى ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 23-يانۋار، ئىستانبۇل.
«muştu gençlik» (خۇش خەۋەرچى ياشلىق) نامدىكى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «شەرقىي تۈركىستان يۈرۈشى ۋە نامايىش» پائالىيىتىدە تەتقىقاتچى ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 23-يانۋار، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ژۇرنالىست، يازغۇچى ئادەم ئۆزكۆسە ئەپەندى، تەتقىقاتچى ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى، پائالىيەتچى مەدىنە نازىمى قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى ۋە دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا، ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئادەم ئۆزكۆسە ئەپەندى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇل كوچىلىرىدا كېتىۋاتقان ھەر قانداق بىر شەرقىي تۈركىستانلىقتىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغقانلىرىڭىزدىن ئۇچۇر ئالالامسىز، دەپ سوراپ بېقىڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى، 2016-يىلى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاتا-ئانامدىن ۋە قېرىنداشلىرىمدىن خەۋەر ئالالمايۋاتىمەن، دەپ جاۋاب بېرىدۇ» دېدى.

«muştu gençlik» (خۇش خەۋەرچى ياشلىق) نامدىكى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «شەرقىي تۈركىستان يۈرۈشى ۋە نامايىش» پائالىيىتىدە پائالىيەتچى مەدىنە نازىمى خانىم سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 23-يانۋار، ئىستانبۇل.
«muştu gençlik» (خۇش خەۋەرچى ياشلىق) نامدىكى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «شەرقىي تۈركىستان يۈرۈشى ۋە نامايىش» پائالىيىتىدە پائالىيەتچى مەدىنە نازىمى خانىم سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 23-يانۋار، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

تەتقىقاتچى ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى سۆزىدە، ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «2018-يىلىدىن بۇيان شاھىتلار، ئاكادېمىكلار، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققانلار سۆزلىدى، دوكلاتلار ۋە ھۆججەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۆسمۈرلەر ۋە ياشانغانلار قان ياشلىرى بىلەن زۇلۇمنى ئاڭلاتتى، ئەمما ئاۋازىمىز تەكلىماكان چۆلىدىكى قۇمغا سىڭىپ كەتكەن سۇغا ئوخشاش ھاۋادا يوقاپ كەتتى. ئاۋازىمىز ھېچ بىر يەرگە يېتىپ بارمىدى، بىز بۇ سۈكۈت ئىچىدە يوق بولۇپ كېتىۋاتىمىز، خىتايلار بىزنى تۈرك ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۈكۈت قىلىشىدىن جاسارەتلىنىپ يوق قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

«muştu gençlik» (خۇش خەۋەرچى ياشلىق) نامدىكى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «شەرقىي تۈركىستان يۈرۈشى ۋە نامايىش» پائالىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 23-يانۋار، ئىستانبۇل.
«muştu gençlik» (خۇش خەۋەرچى ياشلىق) نامدىكى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «شەرقىي تۈركىستان يۈرۈشى ۋە نامايىش» پائالىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 23-يانۋار، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

پائالىيەتچى مەدىنە نازىمى خانىم، تۈركىيە پۇقراسى بولغان سىڭلىسى مەۋلۇدەنىڭ ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىغا كەتكەنلىكىنى، بىراق ساقچىلارنىڭ ئۇنى تۈركىيەدە ئوقۇغان دەپ ئۆيدىن تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن سىڭلىسىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئوخشاش يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى، قىيىن شارائىتلار ئاستىدا مەجبۇرىي ھالدا ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەدىنە نازىمى خانىم تۈركىيە ئەمەلدارلىرىغا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سىڭلىم قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى، ھېچ بولمىغاندا تۈركىيە پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىگە-چاقىسىز تاشلاپ قويماڭلار، غەززەگە ئىگە چىققانغا ئوخشاش ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا ئىگە چىقىڭلار».