يىلدا بىر قېتىم تەبرىكلىنىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى بولغان قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەر چەكلىمىگە ئۇچراپ بايرامنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشتىن مەھرۇم قىلىنغان بىر پەيتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ قۇربان ھېيتنى ئۆزئارا خۇشال ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىپ كەلمەكتە.
جۈملىدىن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قۇربان ھېيتنىڭ 4-كۈنى، يەنى 19-ئىيۇن ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدا كۆپ ساندا ئەر-ئايال ۋە پەرزەنتلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت قۇرئانى كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى، پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە كېلەر قېتىملىق ھېيتلىشىش پائالىيىتىنى شەرقىي تۈركىستاندا بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى ئىزھار قىلدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاستىدا ئىڭراۋاتقانلىقىنى، ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۈمىد كۈتۈپ جىمجىتلىق ئىچىدە دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «خەلق ئۈمىد كۈتۈۋاتقان بىز چەت ئەللەردىكى، ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئۇلۇغ بايرام كۈندىمۇ، ھېيت بايرىمى تەنتەنىسى قىلىۋاتقان بولساقمۇ غەپلەتتىن ئويغىنىپ ھەم ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەم يوق بولۇشقا دۇچار بولۇۋاتقان خەلقىمىزنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك»، دېدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە، ئۇيغۇر دىيارىدا ھېيت بولمىغانلىقىنى، قۇربان ھېيتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلمەي جىمجىتلىق ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە خىتاينىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ خىتايچە بايرام ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىن ئارقىلىق كۆرۈپ يۈرىكىنىڭ ئېچىشقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پائالىيەتتە سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆزگەرمەس قىزىل سىزىقلىرىنى قوغداش» نى تەكىتلەپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «ئۆز ۋەتىنىنى، دىنى ئېتىقادىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداش يولىدا بەدەل تۈلەپ تۈرمىگە تاشلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە شېھىت بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادى، مىللىي مەدەنىيىتىگە ئوخشاش قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە چىقىش كېرەكلىكىنى، باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە، ئۆزگەرتىشىگە ۋە ئاياغ ئاستى قىلىشىغا يول قويماسلىق لازىملىقى» نى تەكىتلىدى.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىس ۋەكىلى خالىد مۇھەممەد ئەمىن سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى بۇ ھېيتلىشىش پائالىيىتىمىز ھەرگىزمۇ ھېيت تەنتەنىسى قىلىش ئەمەسلىكى ئوچۇق بىر ھەقىقەت، چۈنكى ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەزىز خەلقىمىزنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى بىزنى بۈگۈنكىدەك ھېيت كۈنلىرىدە بولسۇن ۋە ياكى باشقا كۈنلەردە بولسۇن، ئومۇمەن ھەر قانداق خۇشاللىق كۈنلەردە بولسۇن شۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى قەلبىمىزدە ھېس قىلماي تۇرالمايمىز، شۇڭا بۈگۈنكى بۇ ھېيتلىشىشنى ھېيت تەنتەنىسىدىن بەكرەك ئۆزئارا مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىش، ئىناقلىقىمىزنى، ئىتتىپاقلىقىمىزنى كۈچەيتىش سورۇنى دەپ قارايمەن ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا غەلىبە بىلەن قايتىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھېيتنى ئۆز خەلقىمىز بىلەن بىرگە ھەقىقىي ھېيت مەنىسى بىلەن ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلىشنى ئاللادىن تىلەيمەن» .

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مېتىن فىدانئەر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «سىلەر بىلەن بىرگە ھېيتلىشىش بىزنى ناھايىتى خۇشال قىلدى، سىلەرنى بىرلىك-باراۋەرلىك ئىچىدە ۋەتىنىمىزدە كۆرۈش، بىرلىكتە ياشاش بىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلدى، بىزنىڭ قېرىنداشلىقىمىز ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ، بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسى دەپ قارايمىز، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم مۇھسىم يازىجىئوغلى ۋە ھازىرقى رەئىسىمىز مۇستافا دەستىجى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ مەسىلىسى دەپ قاراپ، ھەر زامان تىلغا ئېلىپ كەلدى، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تىرىشىپ كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز ۋە ئۇلارنى قوللايمىز» .

يىغىندا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە تەشكىلاتلار ئارا بىرلىك-باراۋەرلىكنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى قۇربان ھېيت توغرىسىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى.
پائالىيەتتە يەنە ئىستانبۇلىدىكى باشقا بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرى مەسئۇللىرىمۇ سۆز قىلىپ ھېيتنى تەبرىكلىدى. پائالىيەت جەريانىدا يەنە مىللىي ئەنئەنە بويىچە يۈزلەرچە ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلىرىغا بايراملىق پۇل تارقىتىپ بېرىلىپ بالىلار خۇشال قىلىندى.