ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇراسىمىدا ئۇيغۇر تىلىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلەشتى
2024.02.20

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلىغا چەكلىمە قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى قوغداش ۋە پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ياشاۋاتقان ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرى، كونيا قاتارلىق شەھەر ۋە رايونلاردا ئانا تىل سىنىپى ياكى مەكتەپلەر ئېچىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلمەكتە. نۆۋەتتە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە دىنى ئېتىقادى بىلەن تەربىيەلەش مەسىلىسى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشىپ، بۇ جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى.
«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلى كومىتېتى، تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى ۋە سەرخىللار مائارىپى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى» نامىدا ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى، تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى ۋە سەرخىللار مائارىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى، ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتتە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ناخشا ئوقۇش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش دېگەندەك ھەر خىل نومۇرلار كۆرسىتىلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، خەلقئارا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلى كۈنىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئانا تىلىمىز بىزنى قوغدايدىغان، بىزنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان، بىزنىڭ باراۋەرلىكىمىزنى، ئىتتىپاقلىقىمىزنى قوغدايدىغان ۋە ئىگە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت ئامىللىرىمىزدىن بىرى. دۇنيادا ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش يولىدا نۇرغۇن كۈرەشلەر بولغان، ھەقىقەتەن تىل بولمىسا مىللەت بولمايدۇ، ئەگەر بىر تىل يوقاپ كەتسە بىر مىللەت ياشىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ مىللەتنىڭ ئىسمى يوقاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تىلىمىزنى قوغدىشىمىز، ئۇيغۇرلۇقىمىزنى قوغدىشىمىز، باشقا كۈلتۈر ئامىللىرىمىزنى قوغدىشىمىز ۋە دىنى ئېتىقادىمىزنى قوغدىشىمىز ئۈچۈنمۇ شەرتتۇر، شۇڭا تىلىمىز يوقاپ كەتمەسلىكى لازىم. »
پائالىيەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى مۇدىرى شەمسىنۇر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىغا ئەھمىيەت بېرىپ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى تەربىيەلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۈگۈنكى كۈندە، تاڭنۇر تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا-ئانىلىرى شۇنداقلا ئانا تىلى ھىمايىچىلىرى بىلەن بىرلىكتە چوڭ بىر ئائىلىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا خىتاب قىلىپ، «ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان ئانا تىلىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى، ئانا تىلىمىزغا ئىگە چىقايلى» ، دېدى.
پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر سەرخىللار مائارىپى مۇدىرى دوكتور مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر مۇئەللىم سۆز قىلىپ ئۇيغۇر سەرخىللار مائارىپىنىڭ تۆت يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزنىڭ ئانا تىلىمىز چوڭ بىر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەھۋالى ھەممىمىزگە مەلۇم، چەت ئەللەردە، تۈركىيەدە، ياۋروپادا، ئامېرىكادا چوڭ بولۇۋاتقان باللىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مائارىپىدىن مەھرۇم بولغان ھالدا چوڭ بولماقتا، لېكىن بىز ئانا تىلىنى خۇددى چۈمۈلىنىڭ ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئاغزىدا بىر تامچا سۇ توشۇغانغا ئوخشاش مىللىي مائارىپىمىزنى ئاساس قىلىپ چەت ئەلدە چوڭ بولۇۋاتقان ئەقىللىك باللىرىمىزغا ئۆزىنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان سەۋىيەگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز ۋە كېلەچەكتە ئۆزىنىڭ مىللىتىگە تۆھپە قوشالايدىغان سەرخىل ئىنسانلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى مەقسەت قىلىمىز».
يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تارمىقىدىكى ئانا تىل كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دوكتور راھىلە قەشقەرلى خانىم سۆز قىلىپ، ئانا تىلى كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىنىۋاتقان بىر يۈرۈش دەرسلىك كىتابلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە پات يېقىندا نەشر قىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئوغۇل-قىز ئۆسمۈرلىرى ئۇيغۇر تىلىدا ھەر خىل نومۇرلار كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى سۆيىدىغان، قوغدايدىغان، يوق بولۇپ كېتىشكە قارشى تۇرىدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.