يېقىندىن بۇيان ئىستانبۇلنىڭ ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرىدە خىتايچە خەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەر بۇنى ئىستانبۇلنىڭ يېڭىدىن سايلانغان شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇنىڭ خىتايغا ماھىل كىشى ئىكەنلىكى شۇنداقلا خىتاينىڭ تۈركىيەدە كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ ھادىسىگە قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسى (شەھەرلىك ھۆكۈمەت) بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن دوستلۇق كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، يېقىندىن بۇيان ئىستانبۇلنىڭ ترامۋاي يوللىرىدىكى بىكەتلەرگە خىتايچە خەتلەر چاپلانماقتا. بۇنىڭغا قارىتا ئىيى (ياخشى) پارتىيەسى، سائادەت پارتىيەسى، ئۈلكۈ ئوجاقلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قاتارلىق پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار جىددىي شەكىلدە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، خىتايچە خەتلەرنى دەرھال ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
«ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى پۈتۈن بىكەتلەرگە يېزىلغان خىتايچە خەتنىڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن تۈركىيە بايرىقىنى چاپلىدى ھەمدە خىتايچە خەتلەرنى توسۇپ، «قاتىل خىتاي»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان قەغەزلەرنى چاپلىدى.
خىتايچە خەتلەرنى كۆرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلارمۇ بېكەتلەردىكى خەتلەرنى سۆكۈپ ئېلىۋەتتى. ئەزىز تۇران ئىسىملىك بىر ياش 10 دىن ئارتۇق بېكەتتىكى خىتايچە خەتلەرنى سۆكۈپ ئېلىپ، ھەممىنى بىر يەرگە توپلىدى ۋە ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ بايانات بەردى. ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتى. مۇنداق ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئەزىز ئىستانبۇللۇقلار! تۈركنىڭ ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركىستاندا تۈركچە سۆزلىشىش ۋە يېزىش چەكلىنىۋاتسا، مىليونلىغان قانداش قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتسا ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتسا، فاتىھ سۇلتاننىڭ ئامانىتى بولغان ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ترامۋاي بىكەتلەرگە خىتايچە يول ۋىۋىسكىلىرى چاپلىنىپتۇ. بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ۋە بۇنىڭغا سەۋەب بولغانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تارىخ كەچۈرمەيدۇ. ھەممىمىز بىرلىشىپ ئۇلارنى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ئەرزىيەت ئىدارىسىگە شىكايەت قىلايلى!»
تۈركىيە ئىيى (ياخشى) پارتىيەسى ئۆزلىرىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق ئېتىراز بىلدۈرگەن: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تىلىنى، دىنىنى ۋە كۈلتۈر-مەدەنىيىتىنى چەكلەۋاتسا، ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېكەتلەرگە خىتايچە ۋىۋىسكا ئاسقان. بىز بۇنى ھېچ چۈشەنمىدۇق. شاڭخەيدىكى يوللارغا تۈركچە خەتلەر ئېسىلدىمۇ؟ ياكى ئىستانبۇلغا خىتاي ساياھەتچىلەر دەريادەك ئېقىپ كېلىۋاتامدۇ؟»
ئىيى (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا 424 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، مەزكۇر باياناتنى 2672 كىشى ھەمبەھىرلىگەن، 2078 كىشى ئىنكاس يازغان.
سائادەت پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ سەۋىم ئەپەندىمۇ ئېتىراز بىلدۈرۈپ تۋىتتېر ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن دوستلۇق كېلىشىمى بويىچە بەزى بىكەتلەرگە خىتايچە خەتلەرنىڭ چاپلىنىشى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېچىشتۇرماقتا. بۇ ھادىسە يەنە ھەر زامان مەزلۇمنىڭ يېنىدا بولغان مىللىتىمىزنىڭ ۋىجدانىنى قانىتىدۇ. بىز بۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايمىز. مەن ئىستانبۇلدا قىلىشقا تېگىشلىك شۇنچە كۆپ ئىش تۇرسا بۇنداق تالاش-تارتىش قىلىدىغان مەسىلىلەرگە كىرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن.»
بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانمۇ بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ترامۋاي بېكەتلىرىگە خىتايچە خەتلەرنى چاپلىدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە مىليون ئىنساننى جازا لاگېرلارغا قاماپ، ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەم شۇنداقلا تۈركىيەدىكى 50 مىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئىستانبۇلدا خىتاي شامىلى چىقىرىشنى باشلىدى. بۇ ۋەزىيەتتىن پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆڭلى رەنجىدى. پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ پەرۋاسىزلارچە ئىجرائاتنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.»
بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى نامىدىن توردا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا «ئىستانبۇل كوچىلىرىدىكى خىتايچە خەتلەر ئۆچۈرۈلسۇن» دەپ تېما قويۇلغان.
«مىللىيەت» گېزىتىنىڭ 19-سېنتەبىر كۈنىدىكى سانىدا يازغۇچى ئابدۇللاھ قاراقۇشنىڭ «خىتاي ساياھەتچىلەر ئۈچۈن 4 يېڭى ئىش پىلانى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئۇ ماقالىسىدە تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوينىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي تەرەپنىڭ تۈركىيە تۆت تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە بۇ تەلەپلەرنىڭ تۈركىيەدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان تۆت تەلەپنىڭ بىرىنچىسى كاپادوكىيە قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇنلارغا خىتايچە ۋىۋىسكا ئېسىش، ئىككىنچىسى تۈركىيەدە خىتاي رېستورانلىرىنى كۆپلەپ ئېچىش، ئۈچىنچىسى خىتايلارنىڭ تۈركىيەدە خىتاي پۇلى ئىشلىتىشىنى قۇلايلاشتۇرۇش، تۆتىنچىسى تۈركىيەدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا خىتاي تىلىنى تاللانما دەرس قىلىپ كىرگۈزۈش قاتارلىقلار ئىكەن.
ئىستانبۇلدىكى بېكەتلەرگە يېزىلغان خىتايچە يول ۋىۋىسكىلىرى ئارىسىدا فاتىھ رايونىدىكى «چەمبەرلى تاش» دېگەن بېكەتنىڭ ئىسمىنى خىتايچە «كونستانتىن مۇنارى» دەپ يازغان. بۇ خاتالىق بەزى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بايقىلىپ چۈشەنچە بېرىلگەندىن كېيىن بۇنىڭغا قارىتا كۆپلىگەن ئېتىرازلار يېغىپ كەتتى. چۈنكى ئۇ بېكەتنىڭ يېنىدا رۇم ئىمپېراتورى كونىستانتىن رۇمدىكى ئاپاللون چىركاۋىدىن يۆتكەپ كېلىپ ھازىرقى ئورۇنغا تىكلىگەن 57 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇنار بار بولۇپ، بۇ مۇنار 1081-يىلى ئوت كېتىپ تۆمۈر بىلەن چەمبەرلەنگەن. شۇڭا بۇ بېكەتنىڭ ئىسمى تۈركچىدە «چەمبەرلى تاش» دەپ ئاتالغان.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىرىدىن سەراپ شۇلە ياۋۇز «چەمبەرلى تاش» بېكىتىتگە خىتايچە «كونستانتىن مۇنارى» دەپ يېزىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.
بۇ ھادىسە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شۇنچە بەس-مۇنازىرە قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھازىرغىچە بۇنىڭغا چۈشەنچە ياكى بايانات بەرمىدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ: «ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئىمامئوغلۇنىڭ بۇ قىلمىشى كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىدىغان قەبىھ ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ساھىب چىقىشىمىزغا تۈرتكە بولدى. ھەتتا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىيى پارتىيەسى ۋە سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ بۇنىڭغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئەكرەم ئىمامئوغلۇنىڭ بۇ خاتالىقى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈركىيەدە قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىشىگە ۋاسىتە بولدى،» دېدى.
دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بۇ ھادىسىنىڭ ئادەتتىكى ئىش ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ سىرتقا كېڭىيىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00