تۈركىيەنىڭ 4-چوڭ شەھىرى بولغان گازىئانتەپ شەھەرلىك ھۆكۈمەت سالدۇرغان «گاللە» باغچىسىنىڭ ئىچىدە چوڭ خىتاي باغچىسىغا ئورۇن بېرىلىشى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. شەھەر باشلىقى نامزاتى ياشار ساغلام ئەپەندى: «خىتاي بىز تۈركلەرنىڭ 3 مىڭ يىللىق دۈشمىنى» دېدى ۋە ئۆزىنىڭ 31-مارتتىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ گازىئانتەپ شەھەر باشلىقى بولسا خىتاي باغچىسىنى تاقىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلى تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ئىدارە-جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن «دوستلۇق» ئورنىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ بەزى شەھەرلىرى تۈركىيەدىكى شەھەرلەر بىلەن «قېرىنداش شەھەر» لىك كېلىشىمى تۈزۈپ، ھەر خىل يوللار بىلەن خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن «دوستلۇق» ئورناتقان گازىئانتەپنىڭ خىتاي راۋاقلىرىنى ياسىتىپ، باغچە سېلىشى خەلق-ئاممىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. چۈنكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ۋە ئۇيغۇرلار شەھىرى بولغان ئۈرۈمچى بىلەن دوستلۇق ئورناتقان بۇ شەھەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مودېللىرى ئەمەس بەلكى خىتاي مەدەنىيىتى مودېلى بولغان راۋاق ۋە باشقىلار سېلىنغانىدى.

بىز مەزكۇر باغچە توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن گازىئانتەپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات خىزمەتلىرىگە مەسئۇل خادىمى تۈلاي خانىمغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر باغچە توغرىسىدىكى سوئالىمىزنى يەتكۈزدۇق. تۈلاي خانىم شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.
3-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا شەھەر، رايون، ناھىيە، كەنت ۋە يېزا باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. بۇ سايلامدا ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر ۋە گازىئانتەپ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 چوڭ شەھەر بىلەن 1351 رايون، ناھىيە ۋە كىچىك شەھەرلەرنىڭ باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. بۇ قېتىمقى سايلامدا گازىئانتەپ شەھەر باشلىقلىقىغا نامزات بولغان ئادۋوكات ياشار ساغلام ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي مىللىتىنىڭ تۈركلەرنىڭ 3 مىڭ يىللىق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاينىڭ باغچىسىنى تاقىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئۈچ مىڭ يىلدىن بۇيان خىتاي بىزنىڭ دۈشمىنىمىز. خىتاي بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭمۇ دۈشمىنىدۇر. بىلگە خاقانىمىز ئورخۇن ئابىدىسىگە›خىتاينىڭ يۇمشاق يىپىكىگە، شېرىن سۆزىگە ۋە سوۋغاتلىرىغا ئالدانما‹دەپ يازدۇرغان. بۇ 1400 يىل بۇرۇن تاشقا ئويۇپ يېزىلغان. خىتاي بۈگۈنمۇ ئوخشاش، بۇ يەردە بىز بىلەن دوست بولۇپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشقا تىرىشىۋاتقان خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانسام ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىمەن.»

بىز، 17-فېۋرال كۈنى مەزكۇر خىتاي ئۇسلۇبىدىكى باغچىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مىكروفونىمىزنى باغچىدا ئايلىنىۋاتقان خەلق ئاممىسىغا سوزۇپ، ئۇلارنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق. ياۋۇز ئەنەس ئەرەنلەر نامىدىكى بىر ياش، «بۇ باغچىنى ئايلىنىۋېتىپسىز نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «خۇددى شاڭخەيدىكى باغچىدا ئايلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. مەدەنىيەتلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياخشى بوپتۇ دەپ ئويلايمەن.».
«مەخمۇت قەشقىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا: «مەن تۈرك، تۈركىي تىللار دىۋانىنى يازغان مەخمۇت قەشقىرىنى بىلىمەن. ئۇيغۇرلارنىمۇ بىلىمەن. ئۇلار ھازىر خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا.»

«خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتسا بۇ يەردە خىتاي باغچىسى سېلىش توغرىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەنچە توغرا ئەمەس، چۈنكى بىر مىللەتنى ياكى ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋېتىش توغرا ئەمەس. نېمە بولسا بولسۇن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.»
ئوكتاي سۇمرۇ ئىسىملىك بىر كىشى خىتاي باغچىسى ئىچىدە سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ يەرگە خىتاي باغچىسى سېلىش توغرا ئەمەس. بىز تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش سىياسىتى توغرا ئەمەس. ئۇلارمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھەم مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، دەپسەندە قىلماسلىقى كېرەك.»
2023-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى گازىئانتەپ شەھەر باشلىقى فاتما شاھىن خانىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مەزكۇر باغچىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە رەسمىي خەلق-ئاممىسىنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىغا ئېچىلغان. شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ باغچىغا «گاللە» يەنى «ئىشىك» نامى بېرىلگەن بولۇپ، باغچىدا ياپونىيە، گوللاندىيە ۋە خىتاي باغچىلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. گازىئانتەپ شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2016-يىلى9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى بىلەن دوستلۇق كېلىشىمى تۈزگەن بولۇپ، كۆپ قېتىم ئۆزئارا زىيارەت ۋە يىغىن ئۆتكۈزگەن.

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ گازىئانتەپ شۆبىسىنىڭ رەئىسى، گازىئانتەپ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپى پروفېسسورى مۇستافا مەتە ئەپەندى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ باغچىنىڭ ياسالغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئاڭسىزلىق بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى بىلمەي تۇرۇپ ياسالغان باغچە دەپ ئويلايمەن. بىز بۇ مەسىلىنى شەھەر باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىغا يەتكۈزىمىز.»

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كونيا شەھىرىنىڭ مەرام رايونلۇق ھۆكۈمەت، 2013-يىلى 7-ئاينىڭ10-كۈنى خىتاينىڭ يۆشىيۇ شەھىرى بىلەن دوستلۇق ئورناتقاندىن كېيىن، مەزكۇر رايوندىكى بىر باغچىغا «يۆشىيۇ باغچىسى» دەپ ئىسىم قويغانىدى. كونيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى نەتىجىدە، شەھەرلىك پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئاخىرىدا خىتاينىڭ يۆشىيۇ شەھىرىنىڭ ئىسمى قويۇلغان باغچىنىڭ ئىسمىنى «مەخمۇت قەشقىرى باغچىسى» دەپ ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغانىدى.