ئىستانبۇل «جاسۇسلۇق دېلوسى» دىكى بەزى گۇماندارلارنىڭ كىملىكلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 20-فېۋرال كۈنى تۈركىيە تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئالتە نەپەر گۇماندارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كىملىكى تەدرىجىي ئايدىڭلاشماقتا. گەرچە بۇ دېلو تېخى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا كېتىۋاتقان، تەپتىش دائىرىلىرى گۇماندارلارنىڭ كىملىكىنى تېخى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما مۇخبىرىمىز بەزى گۇماندارلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى مۇناسىۋەت تورى ئىچىدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشكە مۇۋەپپەق بولدى.

ھالبۇكى، تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان يەنە بىر گۇماندارنىڭمۇ تۇتۇلغانلىقى، يەتتە گۇماندارنىڭ ئۆيى، ئىش ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈشتە نۇرغۇن دىگىتال ماتېرىيال، 11 مىڭ 145 ياۋرو، 105 مىڭ 713 دوللار، بەلگىلىك مىقداردا رىيال، لىرا ، 2 دانە رۇخسەتسىز تاپانچا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ تېپىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

تاشقى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ھەيران قالدۇرغان ۋە خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ كۆلىمىگە دائىر جىددىي ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان بۇ دېلودىكى گۇماندارلارنىڭ، تۈركىيە تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، گۇماندارلارنىڭ بىرسى ئىستانبۇلدىكى مەلۇم يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىغا شېرىك بولغان ئەخمەتجان ئىسىملىك تىجارەتچى ئىكەن. مەزكۇر دۇكاننىڭ خوجايىنلىرىدىن ئىلياس ئەپەندى 21-فېۋرال رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئەخمەتجاننىڭ ئۆزى بىلەن شېرىك دۇكان ئاچىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

بىراق ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەخمەتجاننىڭ جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن ھەيران قالماقتا ئىكەن. ئۇ، شېرىكىنىڭ ئۆزىدە ئىزچىل «ياخشى» تەسىرات قالدۇرۇپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ بىلەن بولغان بەش يىلغا يېقىن شېرىكلىك ھاياتىدا ئۇنىڭ ھېچقانداق « بىنورمال» ھەرىكىتىنى بايقىمىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز يەنە 22-فېۋرال كۈنى گۇماندارلاردىن بىرسى، دەپ قارىلىۋاتقان مۇھەممەت ئابدۇللانىڭ قېينى ئاكىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ، مۇھەممەت ئابدۇللانىڭ سوتقا چىقىرىلغان چىقىرىلمىغانلىقىغا دائىر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «جاسۇسلۇق» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ سوئالىمىزغا قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا، «سىز بىلەن قايتا ئالاقىلىشىمەن» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر قايتا ئالاقىلەشمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا-ئانىسى قاغىلىقلىق بولغان مۇھەممەت ئابدۇللانىڭ تۈركىيە پۇقراسى بولغان بىر ئىنىسى، سىڭلىسى ۋە سىڭلىسىنىڭ يولدىشى بىر قانچە يىل ئاۋۋال يۇرتى قاغىلىققا بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. نۆۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ قاغىلىقتا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

بۇ دېلو تۈركىيە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كىشىلەرنى خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا باغلاپ تۇتقۇن قىلىشى، شۇنداقلا بۇنى تاراتقۇلاردا ئاشكارا ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. تۈرك ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تەپسىلاتى مەلۇم بولمىغان ۋە سۈرۈشتە قىلىنىش باسقۇچىدىكى بىر دېلوغا باھا بېرىش مۇۋاپىق بولسىمۇ، لېكىن تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ بىر كىشىنى تۇتقۇن قىلىشى «چوقۇم مەلۇم سەۋەبلەر» گە تايىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئىشلىرىغا يېقىندىن ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلەردىن «ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پىروفېسسورى، ئادۋوكات ئىلياس دوغان 21-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:«چوقۇم ئېنىق بىر ئۇچۇر بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا، تۇتقۇن قىلىشقا بولمايدۇ. كىشىلەرگە قارشى ئېنىق بىر نەرسە بولغاندا تۇتقۇن قىلىنىدۇ. مەيلى تۈرك پۇقراسى بولسۇن ياكى چەت ئەللىك بولسۇن، چوقۇم بىر سەۋەبى بولۇشى كېرەك. كىشىلەر بىر جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ياكى جىنايەتكە كىرىدىغان بىر ھەرىكىتى بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. لېكىن تۇتقۇن قىلىنىپ قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىشىمۇ مۇمكىن.»

لېكىن پىروفېسسور ئىلياس دوغان، سوت مەھكىمىسى تۇتقۇنلارنىڭ سوتلىنىشى ئۈچۈن ئۇلار ھەققىدىكى دەلىللەرنىڭ يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىگە قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلياس دوغان بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «قانچىلىك تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. بەزىدە ئىككى كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىشى، بەزىدە بىر ئاي ياكى بىر قانچە ئاي، ھەتتا بىرقانچە يىل تۇتۇپ تۇرۇشىمۇ مۇمكىن. يەنى ئۇلار تۈركىيەگە قارشى بىر ئىش قىلغان بولسا، تېخىمۇ ئۇزۇن تۇتۇپ تۇرالايدۇ. بۇنىڭغا ئېنىق بىر نەرسە دېيىش ئۈچۈن دېلونى تەپسىلىي بىلىشكە توغرا كېلىدۇ.»

تۈركىيەدە ئۇيغۇر مۇساپىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان يەنە بىر ئادۋوكات ئابدۇلھالىم يىلمازنىڭ 21-فېۋرال قەيت قىلىشىچە، بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايغا «جاسۇسلۇق» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغىنىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ بىر مەزگىل تەقىب قىلىنغان بولۇشى ئېنىق ئىكەن. ئابدۇلھالىم يىلماز مۇنداق دېدى:«ئىككى كۈندىن بۇيان بۇنىڭغا دائىر خەۋەرلەر بېرىلدى. لېكىن دېلونىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتىم يوق. شۇئاندا بۇنىڭدىن خەۋەردارمۇ بولالمايمىز. بىراق شۇنى دېيىشكە بولىدۇ: ئېنىقكى ئۇلارنىڭ گۇمانلىق ھەرىكىتى ۋە ياكى ئېيتىلغىنىدەك بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ھەرىكەتكە ئۆتكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن تەپتىش مەھكىمىسىمۇ بۇ كىشىلەر ھەققىدە قانۇنى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ، مەھكىمىگە سۇنغان ۋە مەھكىمە تۇتقۇن قىلىش قارارى چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىسى روشەنكى، بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي ئىستىخباراتىغا باغلىنىشلىق، دەپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىق.»

ئابدۇلھالىم يىلمازنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تۇتقۇن خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئىستىخبارات پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ھەرىكەت ئەمەس ئىكەن. ئۇ ئۆتكەن يىلىمۇ بەزى ئۇيغۇرلارغا سۇيىقەست قىلىش گۇمانى بىلەن نۇرغۇن كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈركىيەدە كۈچلۈك جاسۇسلۇق پائالىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھالىم يىلماز مۇنداق دېدى: «ئېنىق بولغىنى شۇكى، خىتاي ئىستىخباراتى تۈركىيەدە ھەددىدىن زىيادە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. 25 يىلدەك بولۇپ قالدى، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقىلى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ راھەت ئەمەس. شۇ سەۋەبىدىن بەزىدە باشقىلاردىنمۇ گۇمان قىلىدۇ. ئۆتكەن يىلى خىتاي ئىستىخباراتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ، نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. يەنى بەزى ئۇيغۇرلارغا سۇيىقەست قىلىنىدىغانلىقى گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىش بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈرك پۇقراسى بولغان كىشىلەرمۇ بار ئىدى.»

ئالتە گۇماندارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغداش چۇقانى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بەردى. ئىسپانىيەدىكى «قوغدىغۇچىلارنى مۇداپىئە قىلىش تەشكىلاتى» نىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارغا بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش توغرىلىق قانداق بېسىملارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. دوكلاتتا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنى، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرىنى ۋە پايلاقچىلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

يالقۇن ئۇلۇيول «قوغدىغۇچىلارنى مۇداپىئە قىلىش تەشكىلاتى» بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ 22 -فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىگە بېرىلگەن كىچىككىنە ئۇچۇرمۇ«ئىشپىيونلۇقنىڭ باشلانغۇچى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

تۈركىيەنىڭ ئالتە كىشىنى تۇتقۇن قىلىشى، بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئاۋۋال خىتايدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە باش ئەلچىسى ئىسمايىل ھەققى مۇسانىڭ ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇشىنىڭ ئارقىسىدىن يۈز بەرگەن. شۇ قېتىملىق زىيارەتتە ما شىڭرۈي ئىسمايىل ھەققى مۇسا بىلەن كۆرۈشۈپ، «شىنجاڭنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ تۇتقۇن يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، تۈركىيەدىكى بىر چېركاۋغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلارغا باغلاشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرىغا چىققان.