«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى: سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدا ئىستانبۇلدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

4-يانۋار سەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاكادېمىيەسى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، ئىسلام ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى: سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا خەلقئارا مۇناسىۋەت، سىياسەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي قاتارلىق ساھەلەردىكى تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىسلەر، سىياسەتچىلەر ۋە ئاخباراتچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى: سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 4-يانۋار، ئىستانبۇل.

ئەرەب تىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان تارىخىي، جۇغراپىيەلىك ئورنى، گىئو-سىياسىي ئالاھىدىلىكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەلىل-پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەلىرى ۋە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا سىياسەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئورنى، خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ توختىتىلىشى قاتارلىق تېمىلاردا تەتقىقاتچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور ئىسام ئابدۇشاقى رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالدى بىلەن تۈركىيە ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ھۈسەيىن ئورۇچ سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر ئىسلام تۇپرىقى ئىكەنلىكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن ئىسلام دۇنياسى مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەمەل خەلىيفە خانىم «شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەرىتىسى ھەققىدە مەلۇمات» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى: سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 4-يانۋار، ئىستانبۇل.

ئىنسان ھەقلىرى ۋە خىتاي-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر ياش مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى: ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نۆۋەتتە سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىكەنلىكىنى دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار مەركىزى» تۈركىيە شۆبىسىنىڭ مۇدىرى دوكتور مۇھەممەد سەفەر «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى: يىلتىز ۋە ئۆزگەرتىش» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپ ئەسىردىن بېرى ئىسلام تۇپرىقى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ زېمىندا تۈرك خەلقىنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي بىلەن تۈركلەرنىڭ تارىختىن بۇيان بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ تۈركلەردىن قورقۇپ سەددىچىن سېپىلىنى سالغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم رول ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى: سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 4-يانۋار، ئىستانبۇل.

ئەلجەزىرە قانىلى پاكىستان ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى دوكتور ئەھمەد مۇقىف زەيدان «ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان رېئاللىقىغا بولغان تەسىرى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم «تۈركىستان كېچىلىرى» ناملىق كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان بىلەن تونۇشقانلىقىنى، ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى ۋەزىيىتىگە بولغان تەسىرىنى، تالىبان ئىسلام ئەمىرلىكى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ چېگرا ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقى بىلدۈردى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككىنچى بۆلۈمىگە شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلگىرى مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن بۇيان باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ چېكىدىن ئېشىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى غەرب ئەللىرى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىنى قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى: سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 4-يانۋار، ئىستانبۇل.

ئارقىدىن ئادۋوكات، خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسى دوكتور تارىق شەندەب «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تەكلىپ» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ كىشىلەرگە جىسمانىي جەھەتتىنلا ئەمەس، روھىي جەھەتتىنمۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىن-قىستاق ئۇسۇللىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، ئىنسانىي نۇقتىدىن ھېسداشلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسلام تەتقىقاتى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتور سامىي ئەريان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيە تەسەۋۋۇرى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ يېڭى مەسىلە ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۇنى تارىختىن بېرى تەكرارلاپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەت مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىغا بولغان يېقىنچىلىقىدىكى ھەقىقىي مەقسىتىنى تونۇپ يېتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى: سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 4-يانۋار، ئىستانبۇل.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەرەب مېدىيالىرىنىڭ رولى: باھا ۋە تەلەپلەر» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بولسا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىسلام ئەللىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقۇچىلارنىڭ يەنە بىر قىسىم سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى، ۋەتەن قاتارلىق ئەرەبچە قاناللاردا، شۇنداقلا بىرقىسىم ئەرەبچە سەھىپىلەردە تارقىتىلغان بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» نى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرى ۋە خىتاي-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد ئىمىن ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇھەممەد ئىمىن ئۇيغۇر بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بۇ يىغىننىڭ ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە دەسلەپكى باشلانغۇچ بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ خىل يىغىنلارنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ يىغىننىڭ ئەرەب-ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈركىيە خەلق ئاممىسى شۇنداقلا سىياسىيونلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان تەسىرلىك بىر يىغىن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.