«ئاسارەتتىكى تۈرك يۇرتى-شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا ئىستانبۇلدا يىغىن ئېچىلدى

0:00 / 0:00

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «بۆرۈ بۇدۇن» (Börü Budun) نامدىكى پەسىللىك ژۇرنال تەھرىرات ھەيئىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 12-ماي كۈنى ئىستانبۇلدا «ئاسارەتتىكى تۈرك يۇرتى-شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى.

يىغىندا بۆرۈ بۇدۇن ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى ئۇيغۇر تۇرغۇت، پىروفېسسور جەزمى بايرام، تۈركولوگ ۋە يازغۇچى رائۇپ كۈسە، شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك، يازغۇچى بارىش قۇرت، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى شۇنداقلا، ئاسارەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراشنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك، تۈركىيەدىكى پۈتۈن سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى پارتىيەلەردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان بىر دەۋادۇر، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇنلۇق قۇرۇلغان پۈتۈن سىياسىي پارتىيەلەردىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىزنى قوللاشنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ دەۋاغا ياردەم بەرگەن، قوللىغان پارتىيەلەرنى تەبرىكلەيمىز ۋە تەشەككۈر ئېيتىمىز. »

ئاسارەتتىكى تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستان دېگەن تېمىدا ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم شېئىر ئوقۇماقتا. 2024-يىلى 12-ماي، ئىستانبۇل.
ئاسارەتتىكى تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستان دېگەن تېمىدا ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم شېئىر ئوقۇماقتا. 2024-يىلى 12-ماي، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

يىغىندا سۆز قىلغان تۈركولوگ، يازغۇچى رائۇپ كۈسە ئەپەندى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان 1864-يىلىدىن باشلاپ 2024-يىلىغىچە 160 يىلدىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى يۈز بېرىۋاتقان، زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىماي داۋام قىلىۋاتقان بىر جۇغراپىيەلىك جاينىڭ نامىدۇر، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ سەۋر-تاقىتى تاشتى، بىز بۇ زۇلۇمدىن قانداق قۇتۇلىمىز دەپ بىر-بىرىدىن سورىشىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا مۇستەقىل 7 تۈرك جۇمھۇرىيىتى بولسىمۇ بۇلاردىن ھېچ بىر دۆلەت ھېچ بىر لىدىرى جاسارەت بىلەن مەيدانغا چىقىپ بۇ مەسىلە توغرىسىدا سۆزلىيەلمەيۋاتىدۇ. يىغىنلاردا توختىماي پەخىرلىنىپ تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ يۇرتى بولغان قەشقەرنىڭ ئاسارەت ئاستىدا قالغانلىقىنى تۈرك ياشلىرىغا ئۆگىتىشىمىز، ئىگە چىقىشىمىز كېرەك».

ئاسارەتتىكى تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستان دېگەن تېمىدا ئېچىلغان يىغىندا تۈركولوگ يازغۇچى رائۇپ كۈسە ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 12-ماي، ئىستانبۇل.
ئاسارەتتىكى تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستان دېگەن تېمىدا ئېچىلغان يىغىندا تۈركولوگ يازغۇچى رائۇپ كۈسە ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 12-ماي، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

يىغىندا تۈرك سەنئەتچى بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى سەھنىگە چىقىپ، «ئۇچراشقاندا» ناملىق مەشھۇر ئۇيغۇرچە ناخشىنى دۇتار بىلەن ئورۇنلاپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بىز بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان «بۆرۈ بۇدۇن» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى ئۇيغۇر تۇرغۇت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئەپەندى، يېقىندا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن «توي» نامىدا بىر مۇنبەر قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ مۇنبەرنىڭ تۇنجى يىغىنىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسارەتتىكى تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستان دېگەن تېمىدا ئېچىلغان يىغىندا تۈرك سەنئەتچى بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى ئۇيغۇرچە ناخشا تەقدىم قىلدى. 2024-يىلى 12-ماي، ئىستانبۇل.
ئاسارەتتىكى تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستان دېگەن تېمىدا ئېچىلغان يىغىندا تۈرك سەنئەتچى بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى ئۇيغۇرچە ناخشا تەقدىم قىلدى. 2024-يىلى 12-ماي، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

ئۇ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ توي مۇنبىرى يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر مۇنبەر بولۇپ، بۇ مۇنبەر ئوخشىمىغان ئۈچ ساھە بويىچە خىزمەت قىلىدۇ، بۇنىڭ بىرى تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىدى. بۈگۈن تۇنجى بولۇپ، ‹ئاسارەتتىكى تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستان› دېگەن تېمىدا پائالىيەت باشلىدۇق. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك پەلەستىن مەسىلىسى كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستانغا كۆز يۇمۇلغان بىر ۋەزىيەتتە بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق، مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا سالام يوللايمەن، بىز ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىمىز» .

يىغىندا يەنە شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم «ئۆز ئېلىمدە ئۆز تىلىم چەكلىمىگە ئۇچرىدى» دېگەن بىر قانچە پارچە شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.