ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي بېسىم» ناملىق دوكلاتنى تونۇشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2024.07.22
«شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلات تەرىپىدىن تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان دىنىي بېسىم، ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى» ناملىق تۈركچە دوكلاتنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
18-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى تۈركىيە ياشلار ۋەخپىنىڭ باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ تەشكىللىشى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلىرى، ئىسلامغا بولغان ۋەھىمىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە لېكسىيەلەر سۆزلەندى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئابدۇجېلىل قارىھاجىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ۋە «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئايرىم-ئايرىم ئېچىلىش سۆزى قىلدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن، شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىغا ئۆتكەندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى چېكىدىن ئېشىپ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ بۇ قىلمىشلار توغرىسىدا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ئورگانلار ۋە دۇنيا جامائىتىنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي پاكىت-دەلىللەر ئاساسىدا دوكلات ھازىرلاپ سۇنۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ 2019-يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىملار، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار توغرىسىدا دەلىل-پاكىتلىق دوكلات ھازىرلاپ بىر قانچە تىلدا نەشىر قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورگان، شەخس ۋە دۆلەت ئەربابلىرىغا يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىم «شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي بېسىم» ناملىق دوكلات ھازىرلىغانلىقىنى، بۇ دوكلاتنى تارقىتىش ۋە تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
70 بەتلىك «شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي بېسىم-2024» ناملىق بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دىلئارا گۈزەلدەرە بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتا كۆزدە تۇتقان نىشان توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى چەتكە قېقىش، ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە دۈشمەنلىكى، شۇنداقلا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىغا قويغان ‹ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش› سىياسىتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ باردۇق. بۇ تەتقىقاتنى ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ دىنىي، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەھلىل قىلىش، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىدىن كېلىپ چىققان جىددىي ئۆزگىرىشلەرنى تەكشۈرۈش بىلەن باشلىدۇق. بۇ جەريانىدا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن پايدىلاندۇق. شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى توغرىسىدىكى بۇ تەتقىقات، بىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنى بېسىم توغرىسىدىكى مەسىلىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرۈش ھەمدە خىتاي دۆلىتىنىڭ بېسىم سىياسىتىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ياساپ چىققان ئويدۇرما تارىخنىڭ ئورنىغا ھەقىقىي تارىخنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش، شۇنداقلا خىتاينىڭ تارىخ سەپسەتەلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز يەنە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى ۋە دىنى ئەركىنلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن، قانۇنىي تۈزۈملەرنىڭ ۋە رەسمىي باياناتلارنىڭ قانداق ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. بۇ تەكشۈرۈشلەردىن شۇنى بايقايمىزكى، 1950-يىلىدىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ھەر خىل شەكىلدە دىنى ۋە مىللىي بېسىملارنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بەزى چاغلاردا بېسىم ئۇسلۇبلىرى ھەر خىل شەكىلدە ئۆزگىرىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ دىنى بېسىملىرى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشقان.»
«شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە مەزكۇر دوكلاتنى تەھرىرلەش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن فەيزا پىنار قىلىنچ خانىم، خىتاينىڭ دىنىي بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان خەلقى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى› بەرپا قىلىش سىياسىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى قوغداش بىلەن بىرگە ئۇنى كېلەچەك ئەۋلادلارغا ئۆزلۈكسىز يەتكۈزۈپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئۇ يەردە ئوتتۇرىغا چىقارغان ساختا ئاپتونومىيەلىك ھۆكۈمىتىگە قارشى بولغانلىقى، ھەم كۆپ قېتىم نامايىشلار قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دۆلىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان. خىتاي كومپارتىيەسى خىتايدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇرلار ماسلاشمىغانلىقى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنى كۈندىن كۈنگە كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۇنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، بىز بۇ دوكلاتتا بۇ تۈردىكى دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بولغان سىياسىي رېئاللىقنى ۋە ئايرىمچىلىق سىياسىتىنىڭ نېمە سەۋەبتىن قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە خىتاينىڭ دۇنياۋى كۈچكە ئايلىنىش نىشانىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ شىددەتلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى پاكىتلار ئاساسىدا بايان قىلىشقا تىرىشتۇق».
مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا، ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە پىروفېسسور دوكتور ياسىن ئاكتاي سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى، ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى تارىخىي ۋە نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلدى. ئۇلار ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاب بەردى.