9-ئاينىڭ 7-8-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى. ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئورتاق چاقىرغان مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، كانادا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلار، سىياسىيونلار ۋە تۈركىيەدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 60 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. مەزكۇر يىغىن ئىككى بۆلۈم شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمدە ئۇيغۇر دىيارى ئىچىدىكى ۋەزىيەت ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى قاتارلىق مەزمۇنلاردا مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس دوكلات بەردى. يىغىن شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
«ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى» تېمىسىدىكى يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى، ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزلىدى.
يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى «يېقىنقى يۈز يىللىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۈچ قېتىملىق زور تۇتقۇن ۋە تەقىب» تېمىسىدا، ئامېرىكا ماسساچۇستىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى پروفېسسور دوكتور مايسەم مۇتەللىپ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن د ن ئا ئەۋرىشكىسى يىغىشنىڭ ئورگان تىجارىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.
ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى ئوپتىكا ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە»، ئىستانبۇلدىكى بېيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مەغپىرەت كەمال خانىم «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ياش ۋە بىلىملىك تايانچ كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈش ھەققىدە»، ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۈن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپى دوكتور ئوقۇغۇچىسى ئىدرىس مىجىت ئەپەندى «مۇستەقىللىق كۆرۈشىدە قورقۇش ۋە ئۈمىد»، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى «چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە»، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرى» قاتارلىق تېمىلاردا دوكلات بەردى. بۇلاردىن سىرت ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ياپونىيەدىك كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندىلەرمۇ دوكلات بەردى.
9-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن بولسا گۇرۇپپىلار بويىچە يۇمىلاق ئۈستەل مۇزاكىرىسى ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى بۇ ھەقتە راديومىزغا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن چۈشتىن كېيىن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان 60 كىشى 4 گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. بۇلار ۋەتەن ئىچىدىكى ۋەزىيەت ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ياش تايانچ كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەشكىلاتلارنى كۈچلەندۈرۈش، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرى، خەلقئارا ۋەزىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى قاتارلىق تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ تېمىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەردە چۈشكەن پىكىرلەر خاتىرىلەپ ئۆتۈلدى. بۇنى دوكلات شەكلىدە تەييارلاپ ھەر قايسى تەشكىلات، جامائەت ئەربابلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىمىز ۋە بۇندىن كېيىن بۇ تەلەپ-پىكىرلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارىمىز».
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى» تېمىسىدىكى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى يىغىننى ئۇيغۇر تۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بۇرۇنقى يىغىنلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
يىغىننى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئورتاق ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى تېزلا ئۆزگىرىۋاتقان، ئۇيغۇرلار ئېغىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق بىر يىغىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئىلمىي سىياسەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بەزى يېتەرسىزلىكلەر بولغان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى دىرېكتورى بەختىيار ئەپەندى يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ھازىرغىچە 11 قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، 4 قېتىم ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى، 8 قېتىم ئانا تىلنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
0:00 / 0:00