2- نويابىر كېچىدە ئىستانبۇلنىڭ ئاۋجىلار دېگەن رايونىدا نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئوق ئېتىلىپ ئېغىر يارىلانغان يۈسۈپجان ئەمەت دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، 11- ئاينىڭ 5 - كۈنى تەڭ كېچىدە تۇيۇقسىز ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىنغان. ئىگىلىنىشىچە يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشقان بولۇپ دوختۇرلار جىددىي قۇتقۇزماقتىكەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى، يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ ھازىر جىددىي قۇتقۇزۈش بۆلۈمىدە جىددىي داۋالىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە كۈنى يۈسۈپجاننىڭ ئەھۋالى ئىلگىرىكىدىن ياخشىلىنىپ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن يۆتكەلگەنىكەن. چارشەنبە كۈنى كەچتە يۈسۈپجان تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قېلىپ نەپەس ئالالماي قىينالغان ۋە دوختۇرلار ئۇنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يۆتكىگەن. ئوق يۈسۈپجاننىڭ بويۇن قىسمىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن ئۇ بويۇن قىسمىنىڭ سېزىمچانلىقىنى ھېس قىلالمىغان.
يۈسۈپجان چارشەنبە كۈنى كېچىدە، ھازىر داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدىن باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشنى تەلەپ قىلغان. نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى يۈسۈپجاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىستانبۇل ۋاقتى كېچە سائەت 3:00 تە كۆپ ساندا دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ دوختۇرخانىلار كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللەر بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقتىمۇ بىر دوختۇرخانا بىلەن ئۇقۇشۇپ، يۆتكەشنى دېيىشكەن، بىراق ھازىر داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانا مۇتەخەسسىسلىرى جىددىي قۇتقۇزۇشتىكى كېسەلنى يۆتكەشنىڭ بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ يۆتكەشكە قوشۇلمىغان شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھازىرمۇ باقىركۆي دۆلەت دوختۇرخانىسىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئىكەن.
نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى بۈگۈن ئەتتىگەن باقىركۆي دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى دېڭىز خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ يۈسۈپجاننىڭ ئەھۋالىنى سورىغان. مۇدىر ۋىراچ دېڭىز خانىم، يۈسۈپجاننىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ۋە يۈسۈپجاننى باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەشنىڭ كېرىكى يوقلۇقىنى، باقىركۆي دۆلەت دوختۇرخانىسى مېڭە ئوپېراتسىيە بۆلۈمىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەڭ ياخشى بەش دوختۇرخانىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنى باشقا دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى دوختۇرخانىدا ئەڭ ياخشى داۋالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۇرىددىن ئىزباسارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇل ۋالىيلىقىمۇ يۈسۈپجانغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە دوختۇرخانا بىلەن ئالاقە قىلىپ يۈسۈپجاننى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا داۋالاشنى تەكىتلىگەن.
نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى، پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ يۈسۈپجاننىڭ پات - پۇرسەتتە ساقىيىپ كېتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۈسۈپجاننى يالغۇز قويمايدىغانلىقىنى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە دۆلەتنىڭ ساقچى ھەم ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەنمۇ ئالاقە قىلىپ سۇيىقەتچىنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە جازالىنىشى ئۈچۈن كۈچەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يۈسۈپجاننى دوختۇرخانىدا بېقىۋاتقان يۈسۈپجان كۈسەنى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۈسۈپجان كۈسەنى، سۈيقەستكە ئۇچرىغان يۈسۈپجاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۈسۈپجاننىڭ چارشەنبە كۈنى ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولغانلىقى، پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق چارشەنبە كۈنى كېچىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قېلىپ، نەپەس ئېلىشتا قىينالغانلىقى سەۋەبىدىن جىددىي قۇتقۇزۈش بۆلۈمىگە ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يۈسۈپجان كۈسەنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇيىقەستكە ئۇچرىغان يۈسۈپجانغا ئىگە چىقىش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتىدىن بىر گۇرۇپپا ياشلار تەشكىللىنىپ يۈسۈپجاننىڭ يېنىغا كەلگەن ۋە ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ نۆۋەت بىلەن دوختۇرخانىدا كېچە - كۈندۈز يۈسۈپجاننىڭ يېنىدا تۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالغان.
ئىگىلىنىشىچە، يۈسۈپجان ئېغىر يارىلىنىپ داۋالىنىۋاتقاندىن بۇيان تۈركىيە ساقچىلىرىدىن ئىككى ساقچى خادىمى ھەر كۈنى دوختۇرخانىدا نۆۋەت بىلەن يۈسۈپجاننى قوغدىماقتىكەن.