2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نىڭ 14 يىللىق خاتىرىسى ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. «خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى» ئۇيۇشتۇرغان نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەسىملەرنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلار بىردەك، «ھەق-ھوقۇق ئادالەت، ئۇيغۇرلارغا ھۆرىيەت»، «زالىم خىتاي، شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەت!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

يىغىندا نامايىشچىلارغا ۋاكالەتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلغان نامايىشىنىڭ قانلىق بىر شەكىلدە باستۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا خىتاينىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمايدىغان، جىنايەتچىلەرنى جازالىمايدىغان، ئاممىۋى خەلققە قارشى زوراۋانلىق ۋاسىتىسىنى قوللانغان خىتاينىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا جىددىي بىر جاۋابكارلىقى بار. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، زالىم خىتاينىڭ 74 يىللىق ئىشغالىيەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان زۇلۇم، ئاسسىمىلياتسىيە، يوق قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالىدۇر».
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان «ئۈمىت كارۋان ۋەخپى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەمال چىنار ئەپەندى مۇنداق دېدى:« 5-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن بىر قەتلىئام ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق، پەقەت 5-ئىيۇلدا ئەمەس، 12 ئاينىڭ ھەر كۈنى بىر مەزلۇمنىڭ ھايات ھېكايىسى، ھەر كېچىدە قايغۇ- ئەلەمدە قالغان بىر ھەدە – سىڭلىمىزنىڭ نالە – پەريادى باردۇر. شەرقىي تۈركىستاندا زالىم كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قەتلىئامنى ئۇنتۇش ئەمەس، تىلغا ئېلىشتىنمۇ يۈزىمىز قىزىرىدۇ.»
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان، خەلقئارا قانۇنشۇناسلار بىرلىكى باش كاتىپى ئادۋوكات نېجاتى جەيلان، «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئۇ يەردە ياشايدىغانلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدۇر، شەرقىي تۈركسىتاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشى بىزنىڭ كۈرىشىمىزدۇر، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىققا ئېرىشكەنگە قەدەر مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز داۋاملىشىدۇ»، دېدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا سۆز قىلغان ئاكىنجىلار ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەھمەت شاھىن ئەپەندى ئۈرۈمچىدە شېھىت بولغان قەھرىمان ئۇيغۇر ئوغۇل – قىزلىرىنى ياد ئېتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن سۆزىنى باشلىدى. مەھمەت شاھىن ئەپەندى سۆزىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغانغا خىتاب قىلىپ، خىتاي بولغان مۇناسىۋەتلەردە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىغان يېڭى قەدەملەر بېسىشنى تەلەپ قىلدى.
نامايىشتا يەنە يېڭىدىن رىفاھ پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبە مۇئاۋىن رەئىسى جەمىل كەبىر، دىيانەت ئىشلىرى ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبە مەسئۇلى ئەلى شۈكرى يىلماز، ئۈلكە ئوجاقلىرى ئىستانبۇل 3-رايون شۆبە مەسئۇلى ئەرسوي سەچكىن قاتارلىق تۈرك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن 14 يىل ئىلگىرى يەنى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئادالەت تەلەپ قىلىپ تىنچلىق بىلەن نامايىش ئېلىپ بارغان مىڭلارچە ئۇيغۇر، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى.