مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكانى خىتايدىن «ئىستراتېگىيەلىك ئايرىلىش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرماقتا

0:00 / 0:00

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي – سىياسىي مۇناسىۋەتلەر نۆۋەتتە ئەڭ كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شى جىنپىڭ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى باستۇرۇشى، تەيۋەنگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قىلىشنى تەھدىت قىلىشى ۋە شۇنىڭدەك بىر قاتار زومىگەر سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە ئامېرىكىدا خىتايغا قارىتىدىغان سىياسەتلەرنى قايتىدىن تەڭشەش ھەققىدىكى چاقىرىقلار ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك كۈچەيمەكتە.

18- دېكابىر كۈنى، ئامېرىكانىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى سابىق ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت ئى. لىتىزېر (Robert E. Lighthizer) تەرىپىدىن يېزىلغان مۇشۇ ھەقتىكى بىر پارچە كۆز قاراش ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئۇ ماقالىسىدە ئامېرىكانى خىتايدىن ئىستراتېگىيەلىك ئايرىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«ئامېرىكا – خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ ئامېرىكىغا پايدىلىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادنى خىتايدىن ئىستراتېگىيەلىك ھالدا ئايرىيدىغان پەيت كەلدى. ئەلۋەتتە بۇ، ئايرىلىشنى دەرھال ئىجرا قىلىش كېرەك دېگەنلىك بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى پەيدىنپەي ۋە تەشكىللىك ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك».

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق رىقابەتنىڭ ئىقتىسادىي فرونتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك فرونتىدىن ئىبارەت ئىككى تەرىپى بار بولۇپ، ئۇلارنى بىر- بىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىكەن. ئاپتور بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

«بىز ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ھەر ئىككى ساھەدە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى ھەربىي كرىزىستىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت... خىتاينىڭ شېرىك دۆلەت ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى كۆزلەۋاتقان دۈشمەن رەقىب ئىكەنلىكى بىزگە ئايدىڭلىشىپ بولدى.... خۇددى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق نىيىتى بىزگە ئېنىق بولماي قالغاندەك، بۇ يىل ئۆكتەبىردە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدىكى نۇتۇقتا بىز ‹تىنچلىق ۋە تەرەققىيات› قاتارلىق ئىبارىلەرنىڭ تەكىتلەنمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئورنىغا ‹بوران-چاپقۇنغا تەييارلىق قىلىش›، ‹مۇجادىلە روھى› قاتارلىق ئىبارىلەرنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى كۆردۇق».

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ھازىر ئامېرىكادا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن زور تەھدىت ئىكەنلىكىدەك كۆز قاراش ھەقىقەتەنمۇ كەڭ ئومۇملىشىۋاتقان بولۇپ، ھەر ئىككى پارتىيە بۇ مەسىلىدە ئورتاق كۆز قاراشتا ئىكەن. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ:

« ھازىر ئامېرىكادا خىتاينى تەھدىت دەپ قارايدىغان كۆز قاراش ئومۇملىشىۋاتىدۇ. ھازىر مەيلى جۇمھۇرىيەتچىلەر مەيلى دېموكراتلار ھەر ئىككى پارتىيە ئورتاق كۆز قاراشقا كەلدى. بىراق مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە يەنىلا يېـتەرسىزلىكلەر بار، دەپ قارايمەن. ئامېرىكا خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك»

ئۇنداقتا ئامېرىكا نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى، ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى سابىق سودا ۋەكىلى روبېرت ئى. لىتىزېر ماقالىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

«ئامېرىكا ئۆزىگە پايدىلىق بولغان سودا ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشى، پايدىلىق بولمىغاننى توختىتىشى كېرەك... بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئايرىلىشنىڭ نىشانى ئىنتايىن ئاددىي – ئۇ بولسىمۇ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ. خىتاي بىزگە قانداق قىلغان بولسا شۇنى قىلىش.»

ئۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ يەنە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان:

« بىرىنچىدىن، ئامېرىكا قاچان ئادىل، تەڭپۇڭ سودىنى قولغا كەلتۈرگۈچە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بارلىق ماللارغا تاموژنا بېجىنى تەدرىجىي يولغا قويۇشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، تېخنىكىمىزنى ئايرىشىمىز كېرەك. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بىز ئېكسپورت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان تېخنىكىلار ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشكۈچىلەرگە چەك بېكىتىشىمىز كېرەك. بىز ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنى خىتايدا ياساشنى توسۇش ئارقىلىق ئىلغار تېخنىكىلىرىمىزنى ئورتاقلىشىشنى توختىتىشىمىز ۋە يېقىندا ئېلان قىلىنغان كومپيۇتېر ئۆزەكى ۋە پەن – تېخنىكا قانۇنى (CHIPS Act) غا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ سىياسەتلەرنى چىقىرىشىمىز كېرەك. بىز خىتايدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خەۋپىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى قوللىشىمىز كېرەك. ئۈچىنچىسى، بىز ئامېرىكادىن خىتايغا بارىدىغان مەبلەغنى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكا سانائىتىگە سالغان مەبلىغىگە چەكلىمە قويۇشىمىز كېرەك. چۈنكى بىزنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغىمىز ئۇنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئارمىيەسىنى كۈچەيتىدۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا سالغان مەبلىغى بولسا تېخنىكا ۋە سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايرىلىپ قېلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا چەكلىمە قويغاندىلا ئىقتىسادنىڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە مەبلەغنى دۆلەت ئىچىدە ياكى غەربتە ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.»

گوردون چاڭ ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا خىتاينى ئىلغار پەن- تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

« خىتايغا قويۇلغان ئېكسپورت كونتروللۇقى مەسىلىسىگە كەلسەك مەن بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ كومپيۇتېر ئۆزەك ۋە پەن – تېخنىكا قانۇنىنى يولغا قويغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم. گەرچە ئۇ بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا يول قويىدىغان كەچۈرۈم سىياسىتىنىمۇ ئېلان قىلىپ قانۇننىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، يەنىلا توغرا باشلىنىش بولدى دەپ قارايمەن. بىز خىتاي ھاكىمىيىتىنى يۇقىرى پەن – تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكالىقلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان قوراللارنى ياسىشىغا ئىمكان يارىتىپ بەرمەسلىكىمىز كېرەك»

يېقىنقى يىللاردا كوۋىد يۇقۇمى ھەم خىتايدىكى چېكىدىن ئاشقان يۇقۇم قامال تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقلار دۇنياغا تەمىنلەش – ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدە خىتايغا تايىنىپ قېلىشنىڭ خەتىرىنى نامايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن بىر قىسىم خەلقئارالىق ماركىلار ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى. مەسىلەن، ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ھىندىستان ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكەۋاتقانلىقى، مىكروسوفت ۋە گۇگىل شېركەتلىرىنىڭمۇ Xbox كونترول سۇپىسى ۋە Pixel تېلېفون ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يۆتكەشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، ئامازون شىركىتىنىڭ بولسا FireTV ئۈسكۈنىلىرىنى ھىندىستاندىن ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ كوۋىد يۇقۇمىنى تىزگىنلەشتىكى چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلىرى ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان يۇقىرىقىدەك ئىنكاسى ھازىر خىتاينىڭ ئىقتىسادىدا ئېغىر داۋالغۇش پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، ۋال – سىرت ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىقتىسادشۇناسلار 2030- يىللىرىغا بارغاندا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ زورىيىش نىسبىتىنىڭ ھازىرقى قوش رەقەملىك زورىيىشتىن تۆۋەنلەپ، 2 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتىكەن.

خىتاي ئىقتىسادىدىكى چېكىنىش دىققەت قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلدە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان «خىتاينىڭ خەتەرلىك چۆكۈشى» ماۋزۇلۇق ماقالىغا ئوخشاش يەنە بىر قىسىم مۇلاھىزىلەردە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بىر – بىرىگە باغلىنىپ كەتكەنلىكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى چۆكسە، بۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇنداق ماقالىلەردە يەنە، مەغلۇپ بولغان خىتاينىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىنمۇ تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى چۈنكى ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىغا ئىشەنگەن خىتاينىڭ تەيۋەنگىمۇ قورقماي ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكى ئالغا سۈرۈلگەن. بىراق گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ كۆز قاراشنى قەتئىي رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك كۆز قاراش. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ تەرەققىياتى ھازىرغىچە ئامېرىكاغا ئىزچىل زىيان سېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ تەرەققىياتى خەتەرلىك تەرەققىيات بولدى. شۇڭا خىتاينىڭ يوقىلىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق. يۇقىرىدىكىدەك خىتاي زىيان تارتسا، بىزمۇ زىيان تارتىمىز، دەيدىغان كۆز قاراش ھازىر پەيدا بولۇۋاتىدۇ، بىراق بۇ پۈتۈنلەي خاتا نەزەرىيە».

دەرۋەقە، سابىق سودا ۋەكىلى روبېرت ئى. لىتىزېرمۇ ماقالىسىدە خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئايرىلىشنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن:

«ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە، بىز خىتايدىن كىرگۈزۈلىدىغان ماللارغا 301-نومۇرلۇق بەلگە ئارقىلىق نەچچە مىليارد دوللار باج قويۇش ئارقىلىق خىتايدىن ئايرىلىش ھەرىكىتىنى باشلىدۇق. بىز تەھدىتنى تونۇپ يەتتۇق ۋە ھەرىكەتنى باشلىدۇق. بۇ ھەرىكەت پرېزىدېنت بايدىن دەۋرىدە يەنىمۇ كېڭەيتىلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە تاموژنا بېجى ساقلاپ قېلىنىپ، ئېكسپورت كونتروللۇقى تېخىمۇ كېڭەيتىلدى ۋە كومپيۇتېر ئۆزەك قانۇنى دىكى بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. مەلۇم بولغىنىدەك، تاموژنا بېجىمۇ، ئېكسپورت كونتروللۇقىمۇ بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزغا كۆرۈنەرلىك سەلبىي تەسىر كۆرسەتكىنى يوق.»

روبېرت ئى. لىتىزېر شۇڭا ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق ھالدا خىتايدىن ئىستراتېگىيەلىك ئايرىلىشنى قورقماي ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە ماقالىسىنى مۇنداق دەپ ئاخىرلاشتۇرغان:

« بىز خىتاي توغرىسىدىكى ھەقىقەتتىن ئەمدى ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز. ئەمدى كىمكى قەتئىيلىك بىلەن ھەرىكەت قىلمايدىكەن، ئۇنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۇ قاراپ تۇرۇپ بىخەستەلىك قىلغانلىق، ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» .