ماركو رېسپىنتى: «ئىتالىيە خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ»
2024.08.08
ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى (Giorgia Meloni) 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولغان. ئۇ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا خىتاي كارخانىلىرى بىلەن سودا-ئىقتىساد جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەتلىرىدە بولغان ھەمدە ئىتالىيەلىك مەشھۇر سەيياھ ماركو پولو (1324-1254) نى خاتىرىلەش كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
باش مىنىستىر مېلونىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر لى چياڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىتالىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىساد، سانائەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن، ئەمما خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن.
ئىتالىيەلىك داڭلىق مۇخبىر، «زىمىستان» تورىنىڭ دىرېكتورى ماركو رېسپىنتى (Marco Respinti) بۇ ھەقتە «زىمىستان» تورىدا باش مىنىستىر جورجىيا مېلونىغا يازغان ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلغان. ئۇ خېتىدە جورجىيا مېلونىنىڭ خىتاي ئالدىدا باش ئەگمىگەنلىكىنى، ئىتالىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دىنىي باستۇرۇشنى بۇنىڭغا بەدەل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان:
«سىز باشچىلىق قىلغان ئىتالىيە رەھبەرلىكى 2023-يىل 12-ئايدا ئىتالىيەنى ئالدىنقى ھۆكۈمەت تۈزگەن نومۇسلۇق كېلىشىمدىن تارتىپ چىقىپ، خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي نەيرەڭگە تولغان قۇرۇق پۇل چېكىنى ئۆزىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىتالىيە ياۋروپادىن تۇنجى بولۇپ ‹بىر بەلباغ بىر يول› كېلىشىمىگە قانداق كىرگەن بولسا، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە ئۇ تۇزاقتىن چىقىپ كەتكەن تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى. بۇ قارارنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللىمىغانلىق، شۇنداقلا خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا ياردەم بەرمىگەنلىك ئىدى. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئىشلار يۈز بەردى. ئىتالىيە خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى داۋاملىق قوللىدى، ئۇيغۇر رايونىدىكى قۇل ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ مىقداردا ئىمپورت قىلدى. 2024-يىل 2-ئايدا ئىتالىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەرنى ئۈلگە قىلىپ يولغا قويماقچى بولغان ‹مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش› تەدبىرىگە ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا قارشى ئاۋاز بەرگەن بولدى».
ماركو رېسپىنتى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىتالىيە باش مىنىستىرى مېلونىنىڭ خىتايغا تىك تۇرىدىغان بىر ئايال رەھبەر ئىكەنلىكىنى، ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتكەنلىكىنى، ئەمما بۇ قېتىم خىتايغا بېرىپ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان قەبىھ زىيانكەشلىكنى توختىتىش ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەنلىكىدىن ھەيران قالغانلىقى ۋە ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماركو رېسپىنتى ئىتالىيەنىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› تۇزىقىدىن چىقىپ كەتكەن تۇرۇقلۇق، يەنە خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېلونى خىتاي رەھبەرلىرىگە نېمە دەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ، يەنى ئۇ خىتاي رەھبەرلىرىگە رۇسىيەنىڭ سانائىتى ۋە ئىقتىسادىغا ياردەم بېرىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان بولۇشى كېرەك. مەن ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەل شۇنى كۆزلەپ خىتاي بىلەن سودا ۋە سانائەت جەھەتتە كېلىشىم تۈزگەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاينىڭ سانائىتى ۋە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئىتالىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە پايدىلىق، يەنى ئىتالىيەنىڭ سانائىتى ۋە ئىقتىسادى مەلۇم جەھەتتە خىتايغا تايىنىدۇ. ئىتالىيەنىڭ نۆۋەتتە يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلىرى بار. شۇڭا مەن مېلونىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى چۈشىنىمەن. ئەمما بۇ ھەرگىز كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئېلىپ بېرىلماسلىقى كېرەك».
ماركو رېسپىنتىنىڭ قارىشىچە، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزگەن بولسىمۇ، مەۋجۇت مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدىكەن. بۇ ھەقتە ئۇ باش مىنىستىر جورجىيا مېلونىغا سوئال قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىتالىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ سىستېمىلىق جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمامدۇ؟ خىتاي سانائىتىنى قوللاش ئارقىلىق ئۇنىڭ جىنايەتلىرىگە ياردەم بېرەمدۇ؟ چۈنكى خىتاينىڭ سانائىتىنى قوللىغانلىق رۇسىيەنىڭ سانائىتىگە ياردەم بېرىۋاتقان خىتاينى قوللىغانلىقتۇر. سىز خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان كۈنلەردە، دۇنيادا ھېچكىم، جۈملىدىن ئىتالىيەلىكلەر ۋە خىتايلار سىزنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلىرى ھەققىدە بىر ئېغىز گەپ قىلغانلىقىڭىزنى ئاڭلىمىدى. بۇ جىنايەتلەر سىز خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان كۈنلەردە يۈز بېرىۋاتقاندەك، سىز قايتقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق يۈز بېرىدۇ؛ بۇ مەسىلە داۋاملىق مەۋجۇت. خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئالدىدا ئىتالىيە زادى قايسى تەرەپتە تۇرىدۇ؟»
ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، سودا بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق دۆلەت ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ خەلقئارا مەنپەئەتىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ، ئەمما بۇنى دەپ، ئىنساننىڭ ھۆرمىتى، ھەق-ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە قارشى ئىش قىلىشقا بولمايدۇ. دۆلەت رەھبىرى بولغان كىشى بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى كېرەك؛ تاشقى سودىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن خىتايدەك مۇستەبىت دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلاشقاندا، قەيەردە توختاپ قېلىش كېرەكلىكىنى، نېمىنىڭ بەدىلىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. مەن خىتاي بىلەن سودا قىلماسلىق كېرەك دېمەيمەن، ئۆز دۆلىتىم ئىتالىيە بولسۇن، ئامېرىكا بولسۇن ياكى ياۋروپا بولسۇن، ھەممىسى خىتاي بىلەن قىلغان سودىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئەگەر سىز مۇھىم مەسىلىلەردە پىرىنسىپتا چىڭ تۇرسىڭىز چاتاق يوق، ئەمما ئىقتىسادنى دەپ باشقا نەرسىلەرنى قۇربان قىلىۋەتسىڭىز، ئەھۋال يامانلىشىدۇ».
6-ئاۋغۇست كۈنى «دىپلومات» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى بۇ قېتىم خىتايغا بېرىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن چېكىنىپ چىققان ئىتالىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتا ياخشىلىغان بولۇپ، سودا، يېڭى تېخنىكا، يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسىدە خىتاي بىلەن ئۈچ يىللىق كېلىشىم تۈزگەن.