ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئىتالىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
1-ئىيۇل ئىتالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىننى ئىتالىيە پارلامېنتلار ئىتتىپاقىنىڭ «دۇنيانى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كومىتېتى» -ماركو پانىللا تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىن ئىتالىيە پايتەخت رىمدىكى پارلامېنت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
مەزكۇر يىغىن گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىان زېنز ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىگە دائىر ھۆججەت دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بىر چاغدا چاقىرىلغان.
يىغىندا ئىتالىيەدىكى چوڭ پارتىيەلەردىن «دۆلەت ھالقىغان رادىكال پارتىيە» نىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ۋە «دۇنيانى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كومىتېتى» -مارچكو پانىللانىڭ ئەزاسى لاۇرا خارت، كېڭەش پالاتا ئەزاسى لۇسىيا مالان، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىتالىيە پارلامېنتىدىكى ئەزاسى روبېرتو رامپى، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «دۇنيانى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كومىتېتى» نىڭ رەئىسى گىيۇلو مارىيا، ئىتالىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرگە تەۋە بولغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن ۋالېرىا فېدېلى، پاولو فورمېنتىنى، ئالېكساندرو گىگلىو ۋىگنا، ئادولفو ئۇرسو، فەدەرىكو موللىكونې، ئېلىسابېتتا زامپارۇتتى قاتارلىق كىشىلەر نۇتۇق سۆزلىگەن.
مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىنغا سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق قاتناشقان. ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ تۈپ ماھىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
«دۆلەت ھالقىغان رادىكال پارتىيە» نىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ۋە «دۇنيانى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كومىتېتى» -ماركو پانىللانىڭ ئەزاسى لاۇرا خارت خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يىغىنغا ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆپلىگەن داڭلىق پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زوراۋانلىقلارنى بايان قىلىپ كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. مۇستەبىت ساقچى دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار توغرىسىدا دوكتور ئادرىان زېنز ئېلان قىلغان ھۆججەتلىك دوكلاتنى كۆرگەن پارلامېنت ئەزالىرى بىر ئۇيغۇر گۇۋاھچىنىڭ ئېغزىدىن تېخىمۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى ئاڭلىدى. بىزنىڭ بۇ يىغىننى ئىتالىيە پارلامېنتىدا چاقىرىشىمىزدىكى مەقسەت خىتايغا باغرىنى كەڭ ئاچقان ئىتالىيە سىياسەتچىلىرىگە خىتاينىڭ زادى كىم بولغانلىقىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئىدى. مەقسىدىمىزگە يەتتۇق دەپ ئويلايمەن.»
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتايدىن تارىلىپ دۇنياغا زور ئاپەت ئېلىپ كەلگەن كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان ئىتالىيانلارنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتايغا قارىتا كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقىنى، بۇ قېتىم ئىتالىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىننىڭ ئىتالىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.
لاۇرا خارت خانىم سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زوراۋانلىققا تايانغان تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئىتالىيە خەلقىنىڭ كۈچلۈك نەپرىتىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00