28-ئاپرېل كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ 9-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزمەكچى ئىدى. لېكىن بۇ يىللىق قۇرۇلتاي نەچچە قېتىم ئارقىغا سۈرۈلۈپ تا بۈگۈنگىچە ئۆتكۈزۈلمىدى.
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە ھەر تۆت يىل ئىچىدە، ئاپرېل ئېيىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلۈپ نۆۋەتلىك رەئىس ۋە مەركىزىي كېڭەش ئىستېپا بېرىشى شۇنداقلا يېڭى رەئىس سايلىنىشى شەرت ئىدى. بۇ ھەقتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى توغرىسىدا توختىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسەتتى.
ئىككى ئايدىن ئوشۇق ۋاقىتقا سۈرۈلگەن قۇرۇلتاي خەلق ئىچىدە غۇلغۇلا قوزغاپ، ئۇيغۇر جامائىتىنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالماقتا. 21-ئىيۇن كۈنى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف ئەپەندى قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبلېيەسى، يەنى مىللەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى، مەركىزىي كېڭەش ۋە «ئىتتىپاق» تەركىبىدىكى كومىتېت ئەزالىرى ئۈچۈن يىغىن ئۆتكۈزۈپ سەككىز يىل جەريانىدا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە تەشەككۈر بىلدۈردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاقتىنىڭ تاكى ھازىرغىچە ئېنىق بولماسلىقىنى نېمە دەپ چۈشىنىش مۇمكىن ؟ قىرغىزىستاندىكى ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرى ۋە ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيى دەسلەپتە 28-ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ دەپ بېكىتىلگەنىدى. لېكىن قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبلېيەسىنىڭ قەرەلسىز ئاچقان قۇرۇلتىيىغا بىنائەن «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى 11-ماي كۈنىگە سۈرۈلدى، ئاندىن رامىزان ئېيىغا توغرا كېلىپ قالىدىكەن دەپ يەنە ئارقىغا سۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قۇرۇلتاي ئىيۇن ئېيىنىڭ 16-، 23-ۋە 25-كۈنلىرىگە سۈرۈلۈپ يەنە قايتىدىن ۋاقتى ئۆزگەرتىلدى.
13-ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىنغا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى. شى جىنپىڭ يەنە قىرغىزىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى جېئېنبېكوف ۋە باشقا رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ قىرغىز جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن بۇ چوڭ بىر سىياسىي پائالىيەت .
ئەلۋەتتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن مۇھىم بولغان چوڭ بىر پائالىيەتنىڭ ۋاقتى بەش قېتىم ئارقىغا سۈرۈلگەنلىكى خەلق ئىچىدە غۇلغۇلا قوزغاپ، ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ۋە سۆز-چۆچەكلەرنى پەيدا قىلماقتا.بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئارتىق ھاجىيېفقا مۇراجىئەت قىلدۇق. ئارتىق ھاجىيېف ئەپەندى قۇرۇلتاينىڭ شۇنچىلىك ئۇزۇن مۇددەت ئارقىغا سۈرۈلگەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، 30-ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتى رەئىسلىكىگە نىزامنامە بويىچە تۆت كىشى ئۆز نامزاتلىرىنى كۆرسىتىشتى. ئۇلار بەختىيار قاسىمى، دىلشات ھەسەنوف، نۇرمۇھەممەت باياخۇنوف ۋە ئەسقەر قاسىموفلاردۇر. لېكىن دىلشات ھەسەنوف ماي ئېيىدا ئۆز ئىختىيارى بىلەن رەئىسلىككە سايلىنىشتىن ۋاز كەچكەنىدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئاياللار كومىتېتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەزاسى باھارگۈل ھېلالوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان رەئىس ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، قۇرۇلتاي كىمنى سايلاپ چىقسا شۇ رەئىس بىلەن خەلق ئۈچۈن ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
قىرغىزىستان ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتى بويىچە قىرغىزىستاندا 60 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار بۇ ساندىن خېلى كۆپ. ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى چۇي ۋىلايىتىدىكى يېزىلارغا ئورۇنلاشقان. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر قاراقول، قارابالتا، ئوش ۋە جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىگە تارقالغان. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ، 1990-يىللاردىن بۇيان ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
0:00 / 0:00