IWP لېكسىيەسى: «كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.09.29
Adrian-Zenz-guwahliq-dolet-mejlisi.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان «خىتايدىكى سىياسىي ۋە دىنىي ھەقلەر دەپسەندىچىلىكى» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا تونۇلغان مۇتەخەسسىس ئادرئان زېنز ئەپەندى گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2019-يىلى 10-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

خەلقئارادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مۇھىم تېمىلاردىن بولۇشىغا ئەگىشىپ ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ، جۈملىدىن مائارىپ ساھەسىنىڭ بۇ كىرىزىسقا بولغان قىزىقىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەكس ئېتىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 29-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خۇسۇسىي ئاسپىرانتۇرا بولغان «دۇنيا سىياسەت ئىنستىتۇتى» (IWP) نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار بويىچە ئەڭ سىستېمىلىق ئىزدەنگەن ئالىملاردىن دوكتۇر ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر سائەتلىك لېكسىيەسى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن تەپسىلىي خەۋەردار بولدى. .

دوكۇر ئادرىيان زېنز لېكسىيەسىدە ئالدى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى رېئاللىق ۋە مۇناسىۋەتلىك مىللىي سىياسەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈپ مىللىي سىياسەتلىرى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە سىستېمىلىشىپ بولغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەجرىبىلىرى ئاساسىدا ئىش كۆرگەن. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۇلاردىكى شەكىل ۋە ئاخىرقى مەقسەت ئوخشاپ كېتىدۇ. ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە خۇددى ستالىن دەۋرىگە ئوخشاش ھاكىمىيەتتىن ۋە ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قېلىش ئەندىشىسى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن بولغاچقا پۈتۈن خەلقنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئاشۇ خىل ئايرىلىپ قېلىشقا زېمىن ھازىرلايدىغانلىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى خەلق ھەرىكىتى شەكلىدە كۆزدىن يوقاتقان. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ماكاندىمۇ بۇ خىل ئەندىشىگە مۇناسىپ كۆپلىگەن سىياسىي ھەرىكەتلەر ۋە تەدبىرلەر بارلىققا كەلگەن. ئەمما بۇ خىل سىياسىي ھەرىكەتلەر نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلىپ پۈتۈن خىتاي ئاخىرقى ھېسابتا ھالسىراپ قالغاندا دېڭ شياۋپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ ئەپچىللىك بىلەن بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ھەمدە خىتاينى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان.

ھالبۇكى دېڭ شياۋپىڭ خىتاينى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولسىمۇ نەچچە ئون يىللىق سىياسىي كۈرەشلەردە خىتاينىڭ ھەممە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلىدىغان بىر مەنىۋى ئېتىقاد سىستېمىسىغا ئىگە بولمىغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىغان. بۇ خىل مەنىۋى بوشلۇقنىڭ تولدۇرۇلماسلىقى ھەمدە غايەت زور بىر «ئاچلىق تۇيغۇسى» نىڭ داۋام قىلىشى ھەرقاچان ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بۇنى تونۇپ يەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىسلاھات» نامىدا شەخسلەرنىڭ باي بولۇشىغا يول قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان بۇ ماددىي ئاچلىق تۇيغۇسى ئەنە شۇ يوسۇندا قاندۇرۇلغان بولسىمۇ مەنىۋى بوشلۇقنى كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسى تولدۇرۇلمىغاچقا فالۇنگوڭ ئىدېئولوگىيەسى ناھايىتى تېزلا بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا باشلىغان. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارغىمۇ ئاز تولا دىنىي ۋە مىللىي ساھەدىكى ئەركىنلىكلەر نېسىپ بولغان.

ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بۇ خىل تەرەققىياتنى كۆرۈپ يەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ 1990-يىللاردىكى تەرەققىياتىدىن ئىزتىراپقا چۈشۈپ قالغان ھەمدە ئاللىقاچان بىكار قىلىنغان «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۇلارغا زەربە بېرىشكە باشلىغان. بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئاز تولا دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئىقتىسادىي ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما ئۆز ماكانلىرىدىكى بارچە ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي سېلىنمىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ھەقىقىي مەنىدىكى ئەركىنلىك ھەمدە مۇستەقىللىق ئىدىيەلىرى تارقىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن دېڭ شياۋپىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خۇ جىنتاۋ گۇرۇھى ئۆزلىرىنىڭ «ئىقتىسادقا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق مىللەتلەرنى قوشۇلۇپ كېتىش» كە مەھلىيا قىلىشتەك سىياسەتلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئەنە شۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە خىتاي ئۈچۈن تەھدىتكە ئايلانغان فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە يوقىتىشتا سىناقتىن ئۆتكەن «تەربىيەلەش» مېتودى ئۇلارنىڭ يادىغا يەتكەن.

بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن. شى جىنپىڭ گەرچە مىللەتچىلىكنى ئالغا سۈرۈپ خىتايلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بۇنىڭدىن ھېچقانچە پەخىرلەنمىگەن. يەنە كېلىپ شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ «قۇدرەتلىك داھىي» ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بىر قوللۇق پىلانلىغان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىنىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەرقاچان بىر تەھدىت بولۇپ قالغان. بۇنداق ئەھۋالدا شى جىنپىڭ تېزدىن دۇنياۋى ئېقىملاردىن بولۇۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» شوئارىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى ئۈنۈملۈك باستۇرغان. بۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنە بىرنەچچە يىلدىلا غايەت زور ساقچىلار قوشۇنى يارىتىلىپ، ئۇيغۇر دىيارى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلغان. يەنە كېلىپ زامانىۋى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى يېڭىلىقلار خىتاينىڭ مۇتلەق نازارەت سىستېمىسى ئۈچۈن ئوڭايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن. نەتىجىدە ھەتتا ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە تونۇيالايدىغان كامېرا سىستېمىسى بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق مەخپىيەتلىكى قالمىغان.

دوكۇر ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى مۇتلەق كونتروللۇق ئورنىتىلغاندىن كېيىنمۇ شى جىنپىڭ قانائەت ھاسىل قىلمىغان. ئۇ بۇ مەسىلىنى ئاخىرقى ھېسابتا ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن 2014-يىلىدىن باشلاپلا لاگېرلار قۇرۇلۇشىغا يېشىل چىراغ ياققان. يەنە كېلىپ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى بىر ياقلىق قىلىشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بۇ خىلدىكى «توپلاپ ئۆزگەرتىش» ئۇسۇلى تېزلا دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان غايەت زور كۆلەملىك «قايتا تەربىيەلەش» نى ۋۇجۇدقا چىقارغان. بۇ خىل تەربىيەلەشتە قانۇن ماددىلىرى تەدبىقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ناھايىتى ئەركىن ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. شۇنىڭدەك خالىغان كىشىنى خالىغان مۇددەتتە تەربىيەلەيدۇ. ئەمما تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە نەق مەيدان سۈرەتلىرى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دېيىلىدىغان بۇ مۇئەسسەسەلەرنىڭ ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان تۈرمىلەردىنمۇ ئۆتە قاماق ئورنى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. يەنە كېلىپ بۇ يەرگە قامالغان ھەرقانداق كىشىنىڭ جەزمەن يۈرىكى مۇجۇلۇپ ئۆزگەرتىلىپ چىقىدىغانلىقىمۇ كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولغان.

بۇ خىلدىكى تەربىيەلەش نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن شى جىنپىڭ لاگېرلارغا قامالمىغان كىشىلەرنى «تەربىيەلەش» نىڭ ئىككى باسقۇچلۇق چارىسىنى ئىشقا سالغان. بۇنىڭدا بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرى ھەممىلا جاينى قاپلىشى زۆرۈر بولدى. ئىككىنچىسى، لاگېرلارغا بارمىغانلارنىڭ بالىلىرىنى ھۆكۈمەت ئاچقان دارىلئېتاملارغا توپلاپ ئۇلارنى «تەربىيەلىگەن». بۇ خىلدىكى دارىلئېتاملارنىڭ ئالدىغا برونېۋىك ياكى تانكىلارنى توسۇشقا ئىشلىتىلىدىغان مۇستەھكەم توسۇقلارنىڭ ئورنىتىلىشى بۇ جايدىكى كونتروللۇقنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بەكمۇ جانلىق نامايان قىلىپ بەرگەن.

ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىرى لاگېرلارغا قامالغان، بالىلار ھۆكۈمەت ئاچقان دارىلئېتاملارغا توپلانغان، پەقەت قېرى-چۈرىلەرلا سىرتتا قالغان ئەھۋالدا «خەتەرلىك» دەپ قارالغانلار تۈرمىگە، يەڭگىللىرى ئەرزان باھالىق ئىشچىلىققا ماڭدۇرۇلغان. مانا مۇشۇ باسقۇچقا كەلگەندە قاباھەتنىڭ ئەڭ ئېغىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بۇ مىللەتنى ئۆزگەرتىپ چىققاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئەسلىگە يېنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى داۋاملىق كۆپەيمەس قىلىۋېتىش بۇنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالىتى، دەپ قارالغان ھەمدە ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش باشلانغان. ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇرلارنى كۆپىيىش نىسبىتى ئۆتكەن بەش يىلدا بىراقلا 50 پىرسەنت ئازىيىپ كەتكەن. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى بۇزۇپ تاشلاش» بۇ جايدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم چارىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار زور كۆلەملىك قىرغىنغا دۇچ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىغان كىرىزىسقا مۇپتىلا بولغان. ئەنە شۇ ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى بۇ ئەھۋاللارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان.

ئادرىيان زېنزنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، زېمىننىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە تېررورلۇقنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنىڭ ئېھتىياجى» ئۈچۈن تولۇق كونترول قىلىش، مەۋجۇت بولغانلىرىنى تەربىيىەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش، كەلگۈسىدە مەۋجۇت بولماقچى بولىدىغانلىرىنى يىلتىزىدىن يوق قىلىشتەك ئومۇمىي ئىستراتېگىيەنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا شى جىنپىڭنىڭ قايتىدىن رەئىس بولۇپ «سايلىنىشى» بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ تېخىمۇ يۇغۇرى سەۋىيەدە ئىجرا قىلىنىشىغا، شۇنىڭدەك بۇ قاباھەتنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە چىقىشىغا شارائىت ھازىرلايدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ نىشانىدىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىش بىھۇدە ئارزۇدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

لېكسىيەنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدە تۈرلۈك سوئاللارنى سورىدى. ئادرىيان زېنز ئۆزى ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ھەمدە يازما ھۆججەتلەر ئاساسىدا تېگىشلىك جاۋاب بەردى.

مەزكۇر ئاسپىرانتۇرا دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىستىخبارات ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر بويىچە ماگىستىر ۋە دوكۇر ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرىدىغان خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپ بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بىر قاتار دىپلوماتلارنى، ھەربىي قوماندانلارنى ۋە باشقا سىياسىي رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.