ياپونىيە پارلامېنتىدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» نىڭ ئېچىلىشى، خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلماقتا. 30-31-ئۆكتەبىر كۈنلىرى توكيودا چاقىرىلغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان 4 نەپەر تۈرك پارلامېنت ئەزاسىدىن بىرى بولغان مۇھاممەت ناجى جىنىسلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مەن بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپ بىلىدىغان ۋە قىزىقىدىغان بىر مەسىلە. مەن 10 ياش ۋاقتىمدا بىزنىڭ ئۆيگە مېھمان بولۇپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىن چەت ئەلدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئىسكەنجە، زۇلۇم، بېسىم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاتالغۇلىرىنى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارالاشتى. مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ھاياتتا بولغان بولسا بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغان بولاتتى، يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلى يېرىم بولاتتى. چۈنكى ئۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئالدى بىلەن تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مەسىلىسىگە ئايلاندۇرىمەن دەپ كۈرەش قىلغان ئىدى. لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە تېخىچە ئىگە چىقمايۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭغا قاتتىق ئېچىنىمىز» .
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھاممەت ناجى جىنىسلى ئەپەندى ياپونىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» ناملىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلىقىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۆكتىچى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رەئىسىمىز مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ يوليورۇقى بىلەن توكيودىكى مۇنبەرگە قاتناشتۇق. مەن بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاز بولسىمۇ تۆھپە قوشتۇم دەپ ئويلايمەن. »
ئۇ «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى نېمە؟ دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاپ بەردى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەل بولغىچە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش پارتىيەمىزنىڭ سىياسىتىدۇر. تۈركىيە دۆلىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دۆلەت سىياسىتى دەپ قارىشى كېرەك. تۈركىيەنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى داۋاملاشسۇن. لېكىن بىز تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. بىز بۇنى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز. مۇھىم دۆلەتلەر ئۆتمۈشىنى ئۇنۇتمايدۇ. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھەم ئۆتمۈشىمىز ھەمدە كېلەچەكىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى بار. ئۇلار بىزنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىمىز، تۈرك مىللىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر» .
مۇھاممەت ناجى جىنىسلى ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ مۇشۇنداق يىغىننىڭ چاقىرىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىگىسى بولۇشى كېرەك. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەدە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاڭلاتتى. ھازىر خەلقئارالاشتى. بۇ مەسىلىگە تۈركىيە خەلقى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق بىزنىڭمۇ بايرىقىمىز. تۈرك دۆلىتىمۇ بۇ مەسىلىنى تەقىب قىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەتنى ۋە خەلقنى بىر بىرىدىن ئايرىش كېرەك. ھۆكۈمەتلەر سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىپ كېتىدۇ. بىزمۇ تازا چۈشىنەلمىدۇق، ھازىرقى تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تازا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. بىز بۇ مەسىلىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنى بۇزۇشىمىز كېرەك. بىز «ئىيى» پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىدە قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز» .
مۇھاممەت ناجى جىنىسلى ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «باشتا شەرقىي تۈركىستانلىق دەۋاگەرلەر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشتى. تۈركىيەدىكى بەزى كىشىلەرمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ۋە دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشتى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلدى. ھەتتا بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ، سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيە باشلامچىلىق رولى ئوينىشى كېرەك ئىدى. خۇدايىم بۇيرۇسا بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسەك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىمىز بولىدۇ. »
30-31-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ياپونىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىغا دۇنيادىكى 25 دۆلەتتىن 70 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، جۈملىدىن تۈركىيەدىن 4 پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەۋىيەدە مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە خەلقئارالىشىشى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.