13-يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىدىغان 4-فېۋرال كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئولىمپىككە قارشى ئاخىرىقى نامايىشىنى ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شۇندىن كېيىن د ئۇ ق نىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى، پېشقەدەم پائالىيەتچى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، 4-فېۋرال كۈنى ئولىمپىككە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى. ئۇچرىشىشتا خەيرۇللاھ ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «4-فېۋرال كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتتە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇنىڭغا قارىتا تېخىچە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىدى. گەرچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە بەزى دۆلەتلەر قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنى توختىتىش ئۈچۈن قارار ماقۇللىغان بولسىمۇ، ئەمما ئولىمپىك كومىتېتىتى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئېچىش قارارىنى ئۆزگەرتمىدى. بىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان خىتايدا ئولىمپىك ئېچىشقا رۇخسەت قىلىشىنى ئەيىبلەيمىز، شۇنداقلا 4-فېۋرال كۈنىگىچە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
ئۇ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىدىغان 4-فېۋرال كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز پارلامېنتتا 2-ئاينىڭ 4-كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلماقچىمىز. ئەمما بىز بىر قانچە سىياسىي پارتىيەنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن بۇ ئىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدىغاندەك تۇرىمىز. شۇڭا مەن بارلىق تۈرك خەلقىنى، تۈركىيەدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشقا، شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دەرھال دىپلوماتىيەلىك بايقۇت ئېلان قىلىشقا چاقىرىمەن.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى ۋەكىلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇرۇندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى بايقۇت قىلىشنى قارار قىلدى. ھەر دائىم قەيەردە بىر ئېزىلگەن مۇسۇلمان بولسا ئۇلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتى، تېخىچە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى توغرىسىدا پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى. خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە تۈركىيەدىكى بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەرقايسى ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن تەشكىلاتلىرىمىزنى، پائالىيەتچىلىرىمىزنى ۋە ئاۋام خەلقىمىزنى بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى باشلىنىدىغان 4-فېۋرال كۈنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ھەم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەم ‹غۇلجا قىرغىنچىلىقى› نىڭ 25-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر تۇتاش ھالدا كەڭ-كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ.»